جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارخىپ قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارخىپ قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارخىپ قانۇنى 1987-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22- يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1996-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى مەملىكەتلىك 8-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 20- يىغىنىنىڭ «‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارخىپ قانۇنى›غاتۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارخىپ قانۇنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1987-يىلق 9-ئاينىڭ 5-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国档案法
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1988-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1–باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن ئارخىپ باشقۇرۇش، توپلاش، رەتلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئارخىپنى ياخشى قوغداپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئارخىپ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى دۆلەت ئاپپاراتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي، ئىلىم-پەن، تېخنىكا، مەدەنىيەت، دىن قاتارلىق پائالىيەتلىرى داۋامىدا بىۋاسىتە شەكىللەنگەن، دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە نىسبەتەن ساقلاش قىممىتىگە ئىگە بولغان ھەر خىل يېزىق، جەدۋەل-سىخېما، ئۈن-سىن قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى تارىخىي خاتىرىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى، قوراللىق كۈچلەر، سىياسىي پارتىيىلەر، ئىجتىمائىي گۇرۇھلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە پۇقرالارنىڭ ئارخىپنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.

4-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئارخىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئارخىپ ئىشلىرى قۇرۇلۇشىنى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈشى لازىم.

5-ماددا ئارخىپ خىزمىتىدە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش پرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ، ئارخىپنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە بىخەتەرلىكى قوغدىلىدۇ، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئارخىپتىن پايدىلىنىشىغا ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىلىدۇ.

2-باب ئارخىپ ئاپپاراتى ۋەئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى

6-ماددا دۆلەتنىڭ ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئارخىپ ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئارخىپ ئىشلىرىنى بىر تۇتاشپىلانلايدۇ، تەشكىللەپماسلاشتۇرىدۇ، تۈزۈمنى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ، نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئۆز مەمۇرىيرايونىنىڭ ئارخىپ ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ ھەمدە ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى ئورگان، ئاممىۋى تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئارخىپ خىزمىتىگە نازارەتچىلىكۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز ئورگىنىنىڭ ئارخىپىنى ساقلاشقا خادىم بەلگىلەيدۇ ھەمدە ئۆزىگە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئارخىپ خىزمىتىگە نازارەتچىلىكۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

7-ماددا ئورگان، ئاممىۋى تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭئارخىپ ئاپپاراتى ياكى ئارخىپ خادىملىرى ئۆز ئورنىنىڭ ئارخىپلىرىنىساقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە ئۆزىگە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ ئارخىپ خىزمىتىگە نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

8-ماددا مەركەز ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل ئارخىپخانىلارئارخىپنى يىغىپ باشقۇرىدىغان مەدەنىيەت كەسپىي ئاپپاراتى، ئۇ باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى ئارخىپلارنى قوبۇل قىلىش، توپلاش، رەتلەش، ساقلاش ۋە تەمىنلەشكە مەسئۇل بولىدۇ.

9-ماددا ئارخىپ خادىملىرى ئۆز خىزمىتىگە سادىق بولۇشى، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، كەسپىي بىلىمگە ئىگە بولۇشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئارخىپ توپلاش، رەتلەش، ئاسراش ۋە تەمىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانئورۇن ياكى شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

3-باب ئارخىپ باشقۇرۇش

10-ماددا دۆلەت ئارخىپلاشتۇرۇلىدۇ دەپ بەلگىلىگەن ماتېرىياللار بەلگىلىمە بويىچە شۇ ئورۇننىڭ ئارخىپ ئاپپاراتى ياكى ئارخىپ خادىملىرىغا قەرەللىك ھالدا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى، يىغىپ باشقۇرۇلۇشى شەرت. ئۇنى ھەر قانداق شەخسنىڭ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

دۆلەت ئارخىپلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلىگەن ماتېرىياللارنى خالىغانچە ئارخىپلاشتۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

11-ماددا ئورگان، ئاممىۋى تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئارخىپنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئارخىپخانىغا قەرەللىك ھالدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى شەرت.

12-ماددا مۇزېي، كۇتۇپخانا، خاتىرە سارىيى قاتارلىق ئورۇنلار ساقلاۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە كىتاب-ماتېرىياللاردىن ئارخىپ بولىدىغانلىرىنى قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۆزى باشقۇرسا بولىدۇ.

ئارخىپخانىلار بىلەن يۇقىرىدىكى ئېيتىلغان ئورۇنلار ئارخىپتىن پايدىلىنىشتا ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى كېرەك.

13-ماددا ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل ئارخىپخانىلار، ئورگانلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار،كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئارخىپ ئاپپاراتلىرى ئىلمىي باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ئارخىپتىن پايدىلىنىشقا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى؛ زۆرۈر ئەسلىھەلەرنى ھازىرلاپ، ئارخىپنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلىشى؛ ئىلغار تېخنىكىنى قوللىنىپ، ئارخىپ باشقۇرۇشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشى كېرەك.

14-ماددا مەخپىي ئارخىپلارنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، مەخپىيەتلىك دەرىجىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە مەخپىيەتلىكنى بىكار قىلىش دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا ئالاقىدار قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بولۇشى شەرت.

15-ماددا ئارخىپنىڭ ساقلىنىش قىممىتىنى باھالاش پرىنسىپى، ساقلاش مۇددىتى، ئۆلچىمى، ئارخىپنى كۆيدۈرۈش تەرتىپى ۋە چارىسىنى دۆلەتنىڭ ئارخىپ مەمۇرىيباشقۇرۇش تارمىقى تۈزۈپ چىقىدۇ. ئارخىپنى ئۆز مەيلىچە كۆيدۈرۈۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

16-ماددا كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر ئىلكىدىكى دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە نىسبەتەن ساقلاش قىممىتى بولغان ياكى مەخپىي ساقلىنىدىغان ئارخىپلارنى ئىگىسى ئوبدان ساقلىشى كېرەك. ساقلاش شارائىتى ناچار بولغانلىق ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئارخىپ ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراش ۋە بىخەتەر بولماسلىق ئېھتىمالى بار، دەپ قارالغان ئارخىپلارنى دۆلەتنىڭ ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئارخىپنىڭ مۇكەممەللىكىگەۋە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشئاساسىدا ۋاكالىتەن ساقلاپ بېرىش قاتارلىق تەبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ئارخىپلارنىسېتىۋالسا ياكى ھەقلىق يىغىۋالسا بولىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئارخىپلارنى ئارخىپ ئىگىلىرى دۆلەت ئارخىپخانىلىرىنىڭ ساقلاپ بېرىشىگە بەرسە ياكى سېتىپ بەرسە بولىدۇ؛ ئۇنى دۆلەت ئارخىپخانىلىرىدىن باشقا ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسكە سېتىشتا، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك. ھايىنىغا ئېلىپ سېتىش، چەت ئەللىكلەرگە سېتىپ بېرىش ياكى ھەدىيە قىلىش قاتتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

دۆلەتكە ئارخىپ ھەدىيە قىلغانلارنى ئارخىپخانىلار مۇكاپاتلايدۇ.

17-ماددا دۆلەت ئىلكىدىكى ئارخىپلارنى سېتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلار مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئالاقىدار ئارخىپلارنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنىڭ كونكرېت چارىسىنى دۆلەتنىڭ ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزۈپ چىقىدۇ.

ئارخىپنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىش، سېتىش ئىشلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

18-ماددا دۆلەت ئىلكىدىكى ئارخىپلارنى ۋە بۇ قانۇننىڭ 16-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئارخىپلارنى ۋە ئۇنىڭ كۆپەيتىلمىسىنىئۆز ئالدىغا چېگرىدىن ئېلىپ چىقىش مەنئى قىلىنىدۇ.

4–باب ئارخىپتىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ئېلان قىلىش

19-ماددا دۆلەت ئارخىپخانىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئارخىپلار، ئومۇمەن شەكىللەنگەن كۈندىن باشلاپ 30 يىل توشقاندا جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىدۇ. ئىقتىساد، ئىلىم-پەن، تېخنىكا، مەدەنىيەت قاتارلىق ھەر خىل تۈردىكى ئارخىپلارنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش مۇددىتى 30 يىلدىن كەم بولسىمۇ بولىدۇ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە ياكى زور مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ھەم مۇددىتى توشسىمۇجەمئىيەتكە ئاشكارىلاشقابولمايدىغان باشقا ئارخىپلارنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش مۇددىتى 30 يىلدىن ئارتۇق بولسىمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ كونكرېت مۇددىتىنى دۆلەتنىڭ ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بېكىتىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ.

ئارخىپخانىلار ئاشكارىلايدىغان ئارخىپلارنىڭ كاتالوگىنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ تۇرۇشى ھەمدە ئارخىپتىن پايدىلىنىشقا شارائىت ھازىرلاپ، رەسمىيەتلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇشى، قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى ۋە تەشكىلاتلىرى ئاشكارىلايدىغان ئارخىپلاردىن قانۇنلۇق ئىسپات بىلەن پايدىلانسا بولىدۇ.

20-ماددا ئورگان، ئاممىۋى تەشكىلات، كارخانا، كەسپىيئورۇنلار، باشقا تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالار ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقاتى ۋە باشقا خىزمەتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئارخىپخانىلاردىكى ئاشكارىلانمىغان ئارخىپلاردىن ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگان، ئاممىۋى تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلاردا ساقلىنىۋاتقان ئارخىپلاردىن ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە پايدىلانسا بولىدۇ.

ئاشكارىلانمىغان ئارخىپلاردىن پايدىلىنىش چارىسىنى دۆلەتنىڭ ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقلار بەلگىلەيدۇ.

21-ماددا ئارخىپخانىغا ئارخىپ ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، ھەدىيە قىلغان، ساقلاشقا ئەۋەتكەن ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ شۇ ئارخىپتىن ئالدىن پايدىلىنىشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە شۇئارخىپنىڭ جەمئىيەتكە ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان قىسمىدىن پايدىلىنىشنى چەكلەش ھەققىدە پىكىر بەرسە بولىدۇ، ئارخىپخانا ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق -مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

22-ماددا دۆلەت ئىلكىدىكى ئارخىپلارنى دۆلەت ھوقۇق بەرگەن ئارخىپخانا ياكى ئالاقىدار ئورگان ئېلانقىلىدۇ؛ ئارخىپخانا ياكى ئالاقىدار ئورگاننىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقاندق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئېلان قىلىش ھوقۇقى يوق.

كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر ئىلكىدىكى ئارخىپلارنى ئىگىسى ئېلان قىلىشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن دۆلەتنىڭئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىشى شەرت، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ، باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

23-ماددا ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل ئارخىپخانىلار تەتقىقات خادىملىرىنى قويۇپ، ئارخىپ تەتقىق قىلىش ۋە رەتلەشنى كۈچەيتىشى، ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى تۈزۈش ۋە نەشر قىلىشنى پىلانلىقتەشكىللەپ، ئوخشاش بولمىغان دائىرىدە تارقىتىشى كېرەك.

5–باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

24-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرى كۆرۈلسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىۋە ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىمغا ياكى باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:

(1) دۆلەت ئىلكىدىكى ئارخىپنى زىيانغا ئۇچراتقان ۋە يىتتۈرۋەتكەن بولسا؛

(2) دۆلەت ئىلكىدىكى ئارخىپنى باشقىلارغا ئۆز مەيلىچە بەرگەن، كۆچۈرگەن، ئېلان قىلغان، كۆيدۈرۈۋەتكەن بولسا؛

(3) ئارخىپنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، ياسىۋالغان بولسا؛

(4) بۇ قانۇننىڭ 16-، 17-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئارخىپنى ئۆز مەيلىچە ساتقان ياكى ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولسا؛

(5) ئارخىپنى ھايىنىغا ئېلىپ ساتقان ياكى چەت ئەللىكلەرگە ساتقان، ھەدىيە قىلغان بولسا؛

(6) بۇ قانۇننىڭ 10-، 11-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئارخىپنى بەلگىلىمە بويىچە ئارخىپلاشتۇرمىغان ياكى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن بولسا؛

(7) ساقلىنىۋاتقان ئارخىپنىڭ خەتەردە قالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ تەدبىر قوللانماي، ئارخىپنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا؛

(8) ئارخىپ خادىملىرى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، ئارخىپنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا.

ئارخىپخانىدىكى ئارخىپتىن پايدىلىنىشتا، ئالدىنقى تارماقنىڭ (1)، (2)، (3) تارماقچىسىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ زىيان سالغانلارنى زىياننى تۆلەپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ.

كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەردىن 1–تارماقنىڭ (4)، (5) تارماقچىسىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولسا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە ساتقان ياكى ھەدىيە قىلغان ئارخىپنى بۇ قانۇننىڭ 16-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھەقلىق يىغىۋالسا بولىدۇ. 

25-ماددا چېگرىدىن ئېلىپ چىقىش مەنئى قىلىنغان ئارخىپ ياكى ئۇنىڭ كۆپەيتىلمىسى چېگرىدىن ئېلىپ چىقىلغان بولسا، ئۇنى تاموژنا مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ ھەمدە مۇسادىرە قىلىنغان ئارخىپ ياكى ئۇنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئۆتكۈزۈپبېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

6–باب قوشۇمچە پرىنسىپ

26-ماددا بۇ قانۇننى يولغا قويۇش چارىسىنى دۆلەتنىڭئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزۈپ چىقىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.

27-ماددا بۇ قانۇن 1988-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. [0]

 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#