كۆكتاتچىلىق

ئۇيغۇرلاردىكى كۆكتاتچىلىق

ئۇيغۇرلاردا كۆكتاتنىڭ تۈرى كۆپ، تارىخى ئۇزۇن. ئۇلار كەسپىي كۆكتاتچىلىق بىلەن قوشۇمچە كۆكتاتچىلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل كۆكتاتچىلىقنى تەڭ ئېلىپ بارغان. 

ئۇيغۇرچە نامى كۆكتاتچىلىق
خەنزۇچە نامى 菜蔬种植业

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆكتاتئۇيغۇرلار كەسپىي كۆكتاتچىلىق بىلەن قوشۇمچە كۆكتاتچىلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل كۆكتاتچىلىقنى تەڭ ئېلىپ بارغان. كەسپىي كۆكتاتچىلار مەخسۇس كۆكتات تېرىش، كۆكتاتلارنى پارچە، توپ سېتىش بىلەن شوغۇللىنىدۇ. قوشۇمچە كۆكتاتچىلار ئاساسەن ئۆزلىرىگە لازىملىق يازلىق كۆكتاتلارنى تېرىشتىن باشقا، كۈزلۈك كۆكتات تېرىپ بازارنى قىشلىق كۆكتات بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەنى بازار كۈنلىرى دېھقاننىڭ سەۋزە، پىياز، چامغۇر، تۇرۇپ، يېسىۋىلەكلىرى بازارغا كىرىدۇ.

كەسپىي كۆكتاتچىلار ئاساسەن بازارغا يۈزلەنگەن بولغاچقا، 2-ئايدىلا قىزىل مۇچ، كۆك مۇچ، شوخلا، يېسىۋىلەك، پېدىگەن، كاللەكبەسەي قاتارلىق كۆكتاتلارنى ساندۇقلارغا تېرىپ ئائىلىسىدە ئۆستۈرۈپ، 4-ئايغا كەلگەندە كۆچۈرۈپ پەرۋىش قىلىدۇ. ئۇلار يېڭى سەي-كۆكتات بىلەن بازارنى بۇرۇنراق ئىگىلەش جەھەتتە ئۆزئارا بەسلىشىدۇ. كۆكتاتچىلىق بىلەن قوشۇمچە شوغۇللىنىدىغان كەڭ دېھقانلار، ئورمىدا بۇغداي ئورۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئورنىغا سەۋزە، پىياز، كۆك تۇرۇپ، چامغۇر، يېسىۋىلەك، كاللەكبەسەي قاتارلىق قىشلىق كۆكتاتلارنى تېرىيدۇ. بۇ خىل كۆكتات تېرىش ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا ئومۇملاشقان.

ئۇيغۇر دېھقانلىرى 10-ئايدىن باشلاپ 11-ئايغىچە كۆكتاتلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، سەۋزە، چامغۇر، تۇرۇپلىرىنى تېرىغان ئېتىزغا كۆمۈپ، باشقا كۆكتاتلارنى گەمىدە ساقلايدۇ. 

كۆكتاتدېھقانلار كۈزدىن باشلاپ ئەتىيازغىچە ھەر بىر بازارغا ئۆزلىرى تېرىغان كۆكتاتلىرىنى ئەكىلىپ توپ ۋە پارچە ساتىدۇ. بازار كۈنلىرى ھەممە بازاردا قىشلىق كۆكتات سېتىلىدۇ. مۇشۇ قوشۇمچە كىرىم بىلەن دېھقانلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنى قامدايدۇ.

ئادەتتە شەھەرلەردە ھەربىر كوچا ياكى مەخسۇس ئورۇنلاردا كۆكتات دۇكانلىرى بولىدۇ. بۇ دۇكانلار يىل بويى كۆكتاتلارنى توپ ئېلىپ پارچە سېتىش تىجارىتى قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ سودا قىلىش ئۇسۇلى يەرلىك ئۆرپ-ئادەتكە ماسلاشقان. ئۇلار خېرىدارلارنىڭ پۇلىنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە قارىماي، بار كۆكتاتلارنىڭ ھەممە تۈرىدىن ئاز-ئازدىن بېرىپ، خېرىدارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىدۇ. توپ ئېلىپ پارچە ساتىدىغان مۇنداق كەسپىي كۆكتاتچىلار كۆكتاتنىڭ پاكىزلىكى ۋە كۆركەملىكىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#