سۈن جۇڭشەن

سۈن جۇڭشەن 1866-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇغۇلغان. ئىسمى ۋېن، تەخەللۇسى يى شەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شياڭشەن (ھازىرقى جۇڭشەن) ناھىيەسىدىن. ئېلىمىز دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ پېشۋاسى، ئۇلۇغ دېموكراتىك ئىنقىلابچى.
ئۇيغۇرچە ئىسمى سۈن جۇڭشەن
باشقا نامى 中山、逸仙、载之、日新、中山樵、帝象
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1866-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى
كەسپى ئىنقىلابچى
خەنزۇچە ئىسمى 孙中山
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇڭشەن ناھىيەسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1925-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى
چەتئەلچە نامى Sun Yat-sen

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۈن جۇڭشەنسۈن جۇڭشەن (1866-1925-يىللار) ئېلىمىز دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ پېشۋاسى، ئۇلۇغ دېموكراتىك ئىنقىلابچى. ئىسمى ۋېن، تەخەللۇسى يى شەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شياڭشەن (ھازىرقى جۇڭشەن) ناھىيەسىدىن. 

شىنخەي ئىنىقىلابىنىڭ سەركەردىسى. ئۇ كىچىك چاغلىرىدا ئائىلىسى ئىنتايىن نامرات بولۇپ، 6 يېشىدىن باشلاپلا دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلغان، 10 ياشقا كىرگەندە ئاندىن بىر خۇسۇسىي مەكتەپكە كىرەلىگەن. 12 يېشىدىن 27 ياشقىچە مۇستەملىكە مائارىپىنى قۇبۇل قىلغان. بىراق ئۇ چەتئەلنىڭ ماددىي تۇرمۇشىنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا قىلچىمۇ قىزىقمىغان. ئۇ قەلبىدە ئەزەلدىن دۆلەتنىڭ ھالاكەتلىك كىرزىسىنى، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۇنتۇمىغان. 

ئۇ ياپونىيە دە ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرگەن مەزگىلىدە ئىسمىنى «جۇڭشەنجياۋ» غا ئۆزگەرتكەنلىكى ئۈچۈن، سۈن جۇڭشەن دەپمۇ ئاتالغان. ئۇ كىچىكىدىنلا ۋەتەننى، خەلقنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ئىرادىسىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆزىنى «ئىككىنچى خۇڭ شيۇچۈەن» دەپ ئاتىغان. ئىلگىرى ئۇ ھونولۇلۇ، گۇاڭجۇ، شياڭگاڭ قاتارلىق جايلاردا غەربچە مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1892-يىلى شياڭگاڭ مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئاۋمېن، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلاردا دوختۇرلۇق قىلغان. 

سۈن جۇڭشەن1894-يىلى جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى پارتلاپ، مىللەت كرىزىس ئىچىدە قالغاندا، سۈن جۇڭشەن لى خۇڭجاڭغا مەكتۇپ سۇنۇپ «ھەممە ئادەم ماھارىتىنى تولۇق ئىشقا سالىدىغان، جىمى بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىدىغان، ئەركىن سودا-سېتىق يولغا قويۇلغان جەمئىيەت قۇرۇش» نى تەشەببۇس قىلغان، ئەمما لى خۇڭجاڭ ئۇنىڭ تەشەببۇسىنى رەت قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، سۈن جۇڭشەن بۇرژۇئا ئىنقىلابى يولىغا قەدەم قويغان.

شۇ يىلى قىشتا، سۈن جۇڭشەن ھونولۇلۇدا «جۇڭگونى گۈللەندۈرۈش جەمئىيىتى» ناملىق ئىنقىلابىي تەشكىلاتنى قۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن قاتارلىق جايلاردا ئورگان تەسىس قىلىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىق قىلغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ياپونىيە گە قېچىپ بېرىپ، ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە جەنۇبتىكى دېڭىز ياقىسى رايونلىرى قاتارلىق جايلاردا كاپىتالىستىك جەمئىيەتنى تەكشۈرگەن؛ جۇڭگولۇق مۇھاجىرلارغا ئىنقىلابىي تەشەببۇسلارنى تەشۋىق قىلىپ، ئىنقىلابىي تەشكىلاتلارنى تەرەققىي قىلدۇرغان؛ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ياپونىيە نىڭ ياكوخاما، ۋيېتنامنىڭ خانوي، ئامېرىكىنىڭ سان فىرانسىسكو قاتارلىق جايلىرىدا، «جۇڭگونى گۈللەندۈرۈش جەمئىيىتى» نىڭ تارماقلىرىنى قۇرغان. 

سۈن جۇڭشەن1905-يىلى سۈن جۇڭشەن «جۇڭگونى گۈللەندۈرۈش جەمئىيىتى»، «جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش جەمئىيىتى» قاتارلىق ئىنقىلابىي تەشكىلاتلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ياپونىيە نىڭ توكيو شەھىرىدە «جۇڭگو ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتى» نى قۇرغان ھەمدە ئۇنىڭ زۇڭلىلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتى ئۈچۈن «بەگ-غوجاملارنى يوقىتىپ، جۇڭخۇانى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خەلق دۆلىتى قۇرۇش، يەر ھوقۇقىنى تەڭ تەقسىم قىلىش» تىن ئىبارەت بۇرژۇئا ئىنقىلابى پروگراممىسى تۈزگەن ۋە ئۈچ مەسلەك تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە «خەلق گېزىتى» نى تەسىس قىلىپ ئىنقىلابنى تەشۋىق قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ نۇرغۇن قېتىم قوراللىق قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىپ مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، شىنخەي ئىنقىلابىنى قوزغاشقا شارائىت ھازىرلىغان. 

1911-يىلى (دېھقانلار كالېندارى بويىچە شىنخەي يىلى) ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى پارتلاپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەر قوزغىلاڭغا ئارقا-ئارقىدىن ئاۋاز قوشۇپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلانغان. 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا، سۈن جۇڭشەن چەت ئەلدىن قايتىپ كېلىپ، 17 ئۆلكە ۋەكىللىرى ئاچقان جۇڭخۇا مىنگو ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىنىدا، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۈيۈك زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان. 1912-يىلى1-ئايدا، سۈن جۇڭشەن نەنجىڭدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ، جۇڭخۇا مىنگو ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. 2-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىنقىلابىي پارتىيەدىكىلەر يۈەن شىكەيگە مۇرەسسەچىلىك قىلغاچقا، سۈن جۇڭشەن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان، يۈەن شىكەي داۋاملىق جۇڭخۇا مىنگو ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ بۈيۈك زۇڭتۇڭى بولغان. سۈن جۇڭشەن يۈەن شىكەينىڭ ھاكىممۇتلەقلىقىنى توسۇش ئۈچۈن، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشتىن بۇرۇن، شەخسەن ئۆزى بۇرژۇئا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن خاراكتېرىنى ئالغان «جۇڭخۇا مىنگونىڭ ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇنى» نى تۈزۈپ چىقىشقا رىياسەتچىلىك قىلغان. 8-ئايدا، ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتى گومىنداڭغا ئۆزگەرتىلگەندە، ئۇنىڭ باشلىقى بولغان. ئارقىدىن يۈەن شىكەي ئۇنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۆمۈريول ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىگەن.

 1913-يىلى، سۈن جۇڭشەن يۈەن شىكەيگە قارىتىلغان «ئىككىنچى قېتىملىق ئىنقىلاب» قا رەھبەرلىك قىلغان. كېيىنكى يىلى، ئۇ يەنە «ۋەتەننى قوغداش ھەرىكىتى» گە رەھبەرلىك قىلىپ، يۈەن شىكەيگە جازا يۈرۈشى قىلىش، ۋەتەننى قوغداش بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىققان. شۇ يىلى، ئۇ ياپونىيىدە «جۇڭخۇا ئىنقىلابىي پارتىيىسى» نى قۇرۇپ، ئۇنىڭ زۇڭلىسى بولغان. 1917-يىلى يەنە «ئاساسىي قانۇننى قوغداش ھەرىكىتى» گە رەھبەرلىك قىلىپ، گۇاڭجۇدا ھەربىي ھۆكۈمەت تەشكىللەپ، گېنېرالسىموسلۇققا سايلانغان. 1919-يىلى، جۇڭخۇا ئىنقىلابىي پارتىيەسىنى گومىنداڭغا ئۆزگەرتىپ، «جۇمھۇرىيەتنى مۇستەھكەملەش، ئۈچ مەسلەكنى يولغا قويۇش» نى سىياسىي پروگرامما قىلغان. 

سۈن جۇڭشەن1921-يىلى سۈن جۇڭشەن گۇاڭجۇدا جۇڭخۇا مىنگونىڭ بۈيۈك زۇڭتۇڭلۇقىغا قايتا سايلىنىپ، شىمالغا جازا يۈرۈشى قىلىشقا پائال تەييارلىق قىلغان. كېيىنكى يىلى، چېن جيۇڭمىڭ ئىنقىلابقا خائىنلىق قىلىپ، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنى توپقا تۇتقاندا، سۈن جۇڭشەن باشقىچە ياسىنىپ شاڭخەيگە قېچىپ بېرىۋالغان. ئۇ جۇمھۇرىيەتنى قوغداپ، ھاكىممۇتلەقلىققا قارشى تۇرۇش يولىدا بوشاشماي كۈرەش قىلغان بولسىمۇ، بىراق كۆپ قېتىم مەغلۇپ بولغان ھەمدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. 

سۈن جۇڭشەن ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالغاندا، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنغان. 1924-يىل 1-ئايدا، ئۇ گۇاڭجۇدا گومىنداڭنىڭ بىرىنچى قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، گومىنداڭنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش خىتابنامىسىنى جاكارلاپ، «رۇسىيە بىلەن بىرلىشىش، كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىش، ئىشچى-دېھقانلارغا يار-يۆلەك بولۇش» تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سىياسەتنى بېكىتكەن ھەمدە كونا ئۈچ مەسلەكنى يېڭى ئۈچ مەسلەككە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيەنىڭ ۋە ھەر ساھە خەلقىنىڭ بىرلىك سېپىنى قۇرۇپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنى قۇرۇپ، غوللۇق قوماندانلارنى تەربىيىلەپ، ئارقا سەپنى مۇستەھكەملەپ، شىمالغا جازا يۈرۈشى قىلىشقا تەييارلانغان. 11-ئايدا، ئۇ فېڭ يۈشياڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن شىمالغا بېرىپ، دۆلەت ئىشلىرى ئۈستىدە كېڭىشىپ، «پارلامېنت يىغىنى ئېچىش ۋە تەڭسىز شەرتنامىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جاھانگىرلارغا ۋە شىمالىي مىلىتارىستلارغا قارشى كۈرەش قىلغان. سەپەر جەريانىدا كېسەل سەۋەبىدىن يېتىپ قېلىپ، 1925-يىل3-ئاينىڭ12-كۈنى بەختكە قارشى بېيجىڭدا ۋاپات بولغان. ئۇ كۆز يۇمۇش ئالدىدا: «خەلقنى ئويغىتىپ، بىزگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان دۇنيا مىللەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ كۈرەش قىلايلى» دەپ چاقىرىق قىلغان. سۈن جۇڭشەننىڭ جەسىتى كېيىن نەنجىڭغا قايتۇرۇپ كېلىنىپ، زىجىن تېغىدىكى لۇجۇڭشەن قەبرىستانلىقىغا قويۇلغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#