قۇمۇل ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىپى

قۇمۇل ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىپى 1959-يىلى 10-ئايدا قۇمۇل ۋىلايەتلىك راكىتا دېھقانچىلىق مەيدانىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك نازارىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان.

ئۇيغۇرچە نامى قۇمۇل ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىپى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1959-يىلى 10-ئاي
مەكتەپ تۈرى كەسپىي مەكتەپ
خەنزۇچە نامى 新疆哈密农业学校
ئايرىمىسى كەسپىي مائارىپ
فاكۇلتېتلىرى دېھقانچىلىق ئىلمى، ئاگرونومىيە، مال دوختۇرلۇق، يېزا ئىقتىسادىي، باغۋەنچىلىك

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قۇمۇل ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىپى 1959-يىلى 10-ئايدا قۇمۇل ۋىلايەتلىك راكىتا دېھقانچىلىق مەيدانىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك نازارىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان.  ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 439846 كۋادرات مېتىر، مەكتەپ قۇرۇلۇش كۆلىمى 110265 كۋادرات مېتىر، دېھقانچىلىق، مىكرو جانلىقلار، كومپيۇتېر، پارازىت قۇرت، ئۆسۈملۈك فىزىئولوگىيىسى قاتارلىق 14 تەجرىبىخانا قۇرۇلغان. مەكتەپ شتاتى 1999-يىلدىكى ئوقۇتقۇچى 156 نەپەر. ئوقۇغۇچى 477 نەپەر.

تەربىيەلەش سىنىپلىرى 

مەكتەپ قۇرۇلۇپ دەسلەپتە ئىلمى بۆلۈم ۋە خوجىلىق بۆلۈمدىن ئىبارەت ئىككى بۆلۈم ۋە كەسپىي دەرسلەر كافىدراسى، ئادەتتىكى مەدەنىيەت دەرسلىرى كافىدراسى تەسىس قىلىنغان. 20 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىسى بار. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سانى ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرى قوبۇل قىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن دېھقانچىلىق مەكتىپىگە قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار تۆت يىل، مىللىي ئوقۇغۇچىلار بەش يىل ئوقۇيدۇ. 1960-، 1961-يىللىرى كومبايىن شوپۇرى تەربىيىلەش سىنىپى، تراكتور شوپۇرى تەربىيىلەش سىنىپى تەسىس قىلىپ، بەلگىلىك دەرىجىدە شۇ جايدىكى دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى تېخنىكا خادىملىرىنىڭ كەمچىل بولۇشتەك قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

كەسىپىلەر تەرەققىياتى 

 1962-يىلى 6-ئايدا، ئاپتونوم رايون قۇمۇل يېزا ئىگىلىك مەكتىپىنى تاقاشنى قارار قىلغان. ئوقۇغۇچىلاردىن ئىككى يىللىق يېزا ئىگىلىك تېخنىك ئىشچىلارنى تەربىيىلەش سىنىپىنى پۈتتۈرگەن 32 نەپەر ئوقۇغۇچىدىن باشقا، سىنىپتىكى بىر قىسىم ئۆگىنىشى ياخشى ئوقۇغۇچىلار ۋىلايەتلىك مالىيە سودا كادىرلارنى تەربىيىلەش سىنىپىغا يۆتكىلىپ، بوغالتىرلىق كەسپىنى ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرغان. باشقا ئوقۇغۇچىلار ئەسلىدىكى ئىدارىسىگە ياكى يېزىسىغا قايتۇرۇۋېتىلگەن. مەكتەپنىڭ ماتېرىيال سايمانلىرىنىڭ بىر قىسمى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك مەكتىپىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. يەنە بىر قىسمى قۇمۇل ۋىلايەتلىك بوغالتىرلىقى تەربىيىلەش سىنىپىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. مەكتەپ ئەسلىھەلىرى ۋىلايەتلىك راكېتا دېھانچىلىق مەيدانىنىڭ ۋاكالىتە باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. 1979-يىلى 11-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق قۇمۇل يېزا ئىگىلىك نازارىتىنىڭ قاراى بىلەن دېھانچىلىق بىلەن مال دوختۇرلۇقتىن ئىبارەت ئىككى كەسىپنى ئاچقان. كېيىن يېزا ئىقتىسادىي كەسپى قۇشۇلغان. 1988-يىلدىن كېيىن يەنە باغۋەنچىلىك كەسپىنى ئاچتى. 1997-يىلى 8-ئايدا قۇمۇل يېزا ئىگىلىك مەكتىپى بىلەن قۇمۇل دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى مەكتىپى، دېھقانچىلىق رادىئو مەكتىپى بىرلەشتۈرۈلگەن. مەكتەپ نامى يەنىلا قۇمۇل يېزا ئىگىلىك مەكتىپى بولغان. مەكتەپتە ئۆسۈملۈك ئاسراش، باغۋەنچىلىك، باقمىچىلىق، ماشىنىسازلىق قاتارلىق 20 گە يېقىن كەسپ ئېچىلغان.[0]




ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#