تۇرتاي دېھقانچىلىق مەيدانى

تۇرتاينىڭ مەركىزى قىسمى

تۇرتاي دىھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئەسلى نامى قىزىل بايراق دىھقانچىلىق مەيدانى بۇلۇپ، 1958-يىلى قۇرۇلغان. تۇرتاي دېھقانچىلىق مەيدانى گەز دەرياسىنىڭ يەلپۈگۈچسىمان چۆكۈندە گىرۋەكىنىڭ، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان شىمالىي قىسمى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى بىلەن قوشنا، شەرقىي شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەن يېزا ئىگلىك 3-دېۋىزىيە 41-تۇەن ۋە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ،شەرقتە جامالتېرەك يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ،غەرب،جەنۇبىي پىلال يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى تۇرتاي دېھقانچىلىق مەيدانى
دۆلىتى جۇڭگۇ
مەمۇرىي رايۇن شەكلى دىھقانچىلىق مەيدان
نۇپۇسى تەخمىنەن6000ئەتىراپىدا
تىرىلغۇ يەر كۆلىمى 2000گىكتار
خەنزۇچە ئىسمى 托尔塔依农场
ئاپتۇنۇم رايۇنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
تەۋە رايۇن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئۇبلاستى ئاقتۇ ناھىيسى
يەر مەيدانى 50كىۋادىرات كىلۇمىتىر ئەتىراپىدا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

     قىسقىچە تۇنۇشتۇرلىشى

   تۇرتاي دىھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئەسلى نامى قىزىل بايراق دىھقانچىلىق مەيدانى  بۇلۇپ، 1958-يىلى قۇرۇلغان. تۇرتاي دېھقانچىلىق مەيدانى گەز دەرياسىنىڭ يەلپۈگۈچسىمان چۆكۈندە گىرۋەكىنىڭ، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان  شىمالىي قىسمى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى بىلەن قوشنا، شەرقىي شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەن يېزا ئىگلىك 3-دېۋىزىيە 41-تۇەن ۋە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ،شەرقتە جامالتېرەك يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ،غەرب،جەنۇبىي پىلال يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى ئالتە كىلومېتىر،جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 12 كىلومېتىر،ئومۇمىي كۆلىمى 43 كۋادرات كىلومېتىر.

تۆرتاي دېھقانچىلىق مەيدانى  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقتۇ ناھىيىسىگە جايلاشقان.«تۇرتاي»دېگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىدىكى        «چىلانتورۇق تايچاق»دېگەن مەنىدە.مەيدان ئاقتۇ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى12كىلۇمىتىر، تۈز سىزىق ئارىلىقى بۇلسا8كىلومېتىر كېلىدۇ.قەشقەرگە بارىدىغان ئاساسلىق غول يول بىلەن بۇلغان ئارىلىقى1.5كىلۇمىتىر كىلىدۇ،قاتنىشى قۇلاي.2010 - يىلى رايونغا قاراشلىق سەككىز ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى، بىر مەمۇرىي كەنتتىكى 1300ئائىللىكىن6000ئۆپچۆرىسىدەنۇپۇس بارلىقى ئىنىقلانغان.مەيدان بويىچە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1200 گېكتار، چىلانلىق كۆلىمى733.3 گېكتار بۇلغان. 

 يېقىنقى يىللادىن بۇيان، تۆرتاي دېھقانچىلىق مەيدانى مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ ، بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈش، 1 - كەسىپنىڭ ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ ، سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ ، ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە ئېكولوگىيەلىك ساياھەت يولى پىلانىنى يۇلغا قۇيۇپ ، « كىچىك دېھقانچىلىق مەيدانى« ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشنىڭ چوڭ ئېنېرگىيەسىگە ئىرىشتى . 2015 - يىلى، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى61مىليۇن660مىڭ يۈەن بۇلغان ، بۇنىڭ ئىچىدە 1 - كەسىپنىڭ ئىگىلىگەن قىسمى50مىيۇن يۈەندىن ئىشىپ كەتكەن، دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ كىشى بىشىغا ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 5723 يۈەن،ئاپتونوم ئوبلاست بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئاساسلىق زىرائەت تۈرى  كىۋەز،بۇغداي،قۇناق،چىلان قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تىرىيدۇ.

     تەبىئىي مۇھىتى

  تۆرتاي دېھقانچىلىق مەيدانى دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى مېتىر ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 9 ℃، يەر ئاستى سۇ ئورنى بىر قەدەر يۇقىرى . ھاۋا كىلىماتى ئىللىق قۇرغاق ، ( 2008 ) ھاۋاسى مۆتىدىل بولۇپ ، يېقىشلىق، بىر ئاي ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى _ 6.3 ℃ ، 7 - ئايدا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 25.1 ℃ قا يېتىدۇ ، قىروسىز مەزگىلى 221 كۈن . تۇپراق توپىسى كۆپرەك بولىدۇ ، چىملىق توپىسى، ئاز مىقداردا سۇغىرىپ لاتقىلاشقان تۇپراق بار . ئاساسىي غول ئۆستەڭ كۆتۈرمە مۇنارى ، ئېرىق ، گەز دەرياسىنىڭ سۈيى بىلەن سۇغىرىلىدۇ . ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق،چىلان، كىۋەز. 

    

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#