جۆيلۈش

جۆيلۈش  (ئۇخلاۋىتىپ گەپ قىلىش)-ئۇخلاۋىتىپ ئاۋازىنى چىقىرىپ سۆزلەش بولۇپ، سۆزلىگەن گەپ بەزىدە ئۆز ئارا باغلىنىشلىق، مەلۇم مەزمۇننى ئىپادىلەپ بەرگەن بولسا، بەزىدە ئالدى كەينى ئۆز ئارا باغلاشمايدىغان، مەزمۇنى چۈشۈنىكسىز بولىدۇ.   جۆيلۈش ئۆسۈپ يىتىلىۋاتغان كىچىك بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ئەگىشىپ، جۆيلۈش ئەھۋالى بارا بارا ئازلايدۇ. نورمالدا بالاغەتكە يەتكەنلەر ئىچىدە جۆيلۈش ئەھۋالى ئۇنچە كۆپ كۆرۈلمەيدۇ.

ئۇيغۇرچە جۆلۈش
ئىنگىلىسچە sleeptalking
خەنزۇچە 梦话
تۈرى فىزىلوگىيەلىك ھالەت

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۆيلۈش  (ئۇخلاۋىتىپ گەپ قىلىش)  دىگىنىمىز ئۇخلاۋىتىپ ئاۋازىنى چىقىرىپ سۆزلەش بولۇپ، سۆزلىگەن سۆزلەر بەزىدە ئۆز ئارا باغلىنىشلىق، مەلۇم مەزمۇننى ئىپادىلەپ بەرگەن بولسا، بەزىدە ئالدى كەينى ئۆز ئارا باغلاشمايدىغان، مەزمۇنى چۈشۈنىكسىز بولىدۇ. جۆيلۈش ئادەتتە كۆزنى تىز ھەركەتلەندۈرىدىغان ئۇيقۇ باسقۇچىدا يۈز بىرىدۇ.  جۆيلۈش ئۆسۈپ يىتىلىۋاتغان كىچىك بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ئەگىشىپ، جۆيلۈش ئەھۋالى بارا بارا ئازلايدۇ. نورمالدا بالاغەتكە يەتكەنلەر ئىچىدە جۆيلۈش ئەھۋالى ئۇنچە كۆپ كۆرۈلمەيدۇ.

ھازىرغا قەدەر جۆيلۈشنىڭ سەۋەپى توغۇرسىدا ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، بىراڭ ئۇ بىر مۈرەككەپ جەريان بولغاچقا، ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپلەرمۇ ھەر خىل، بەزىلەرىنىڭ سەۋىپىنى بىلىش مۈمكىن بولسا، يەنە بەزىلىرىنىڭ سەۋەپىنى بىلىش مۈمكىن ئەمەس. 

جۆيلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بەزى سەۋەپ ۋە ئامىللارنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپكە يىقىنچاقلاشقا بولىدۇ.

1. روھى ئامىللار: قورقۇش، جىددىلىشىش، ئەندىشە قىلىش، ئۈمۈتسىزلىنىش ۋە چۈشكۈنلىشىش؛

2. ھەر خىل ياللۇغلىنىش تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان يۇقۇرى قىززىتما (قىززىتمىسى يۇقۇرلاپ كىتىش)؛

3. ئۇيقۇ نورمالسىزلىقى، بولۇپمۇ كۆزنى تىز ھەركەتلەندۈرىدىغان ئۇيقا نورمالسىزلىقى، ئۇخلاۋاتغاندا نەپىسى توختاپ قىلىش كىسىلى؛

4. بەزى روھى كىسەللىكلەر؛

5. ھاراق ۋە بەزى ناركوز، مەس قىلىش دورىلىرى؛

6. ئىرسى ئامىللار ۋە ئاھىلە مىراسى؛

جۆيلۈش نورمالدا ئەتىرەپتىكىلەرنىڭ  ئۇيقىسىىغا تەسىر يەتكۈزگەندىن باشقا سالامەتلىككە ئالاھىدە زىيانلىق بولمىغاچقا، بەزى كىسەللىكلەر تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان جۆيلۈشكە نىسبەتەن ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىسەللىىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىن باشقا، باشقا جۆيلۈشنى ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. 

ئەگەر جۆيلۈش ئەھۋالى ئىغىر بولسا ھەم ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولمىسا، كۈندۈزى مۈگۈدەپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولسا، ئۇيقۇ ئەھۋالىغا نىسبەتەن تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىپ، مۇنسىۋەتلىك ئۇيقا نورمالسىزلىقى بايقالسا، شۇنىڭغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىش ئىلىپ بىرىلسا بولىدۇ.

ئەگەر ئالاھىدە باشقا ئەگەشمە ئەھۋاللار بولمىسا، روھى ھالەتنى ياخشىلاش، بەدەن چىنىقتۇرۇش، ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، خىزمەت ۋە ئارام ئىلىشنى رىتىملىق ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق جۆيلۈش ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا بولىدۇ. ئالاھىدە دورا يەپ داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق ھەم جۆيلۈشنى داۋالايدىغان ئۇنداق بىر دورىمۇ يوق[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#