جامىس گائۇس

جامېس گائۇس

جامېس گائۇس، 1955 _ يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى كانادادا تۇغۇلغان. يۇمشاق ماتېرىيال مۇتەخەسسىسى، پروگرامما تۈزۈش تىلى بولغان Java ئورتاق قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى، ئادەتتە ئۇنىڭ ‹‹ Java ئاتىسى ›› دەپ نامى بار. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى جامىس گائوس
دۆلەت تەۋەلىكى كانادا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1955-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى كارنىگ مېللون ئۇنىۋېرسىتىتى ، كالگارى ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 詹姆斯·高斯林
يۇرتى ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ كالگارى
كەسپى كومپيۇتېر ئالىمى
چەتئەلچە نامى James Gosling

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جامېس گائۇس1955-يىلى 5-ئاينىڭ19-كۈنى، كانادادىكى ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ كالگارى دەيدىغان بىر يېزا-قىشلاقتا ئولتۇرۇشلۇق گائوسنىڭ ئائىلسىنىڭ تۇنجى ئوغول پەرزەنتى دۇنياغا كۆز ئاچقان. ئۆيدىكىلەر ئۇنىڭغا جامىس ( James) دەپ ئات قويغان. ھىچكىممۇ ئۇنىڭ چوڭ بولغاندىن كىيىن كومپىيۇتېر پىروگىرامما تۈزەش تىلى تارىخنى ئۆزگەرتىدىغان تالانت ئىگىسگە ئايلىندىغانلىقىنى ئويلاپمۇ يەتمىگەن.

جامىس. گائۇس ھازىر Sun شىركىتنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى ۋە ھەمكارلاشقۇچىسى. 

جامس. گائۇس (James Gosling) كىچكىدىن باشلاپلا تېخنىكىنى ياخشى كۆرەتتى، نەرىسلەر بىلەن ھەپىلشىشكە ئامراق ئىدى. 12

ياش ۋاقتىدا ئۇ كونا تىلفۇن ۋە تىلۋىزۇر ئىچىدىكى توك يولى بۆلەكلىرىدىن پايدىلىنىپ، بىر ئىلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ماشىنىسى ياساپ چىققان. يىقىن ئەتىراپتىكى دىھقانلارنىڭ كومبايىنلىرىدىن مەسلە چىققاندا داۋاملىق ئۇنى ئىزدەپ كىلىپ رېمۇنت قىلدۇراتتى. 14 ياش ۋاقتىدا، ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇلارنى تەشكىللەپ يىقىن ئەتىراپتىكى ئۇنىۋىرستېتنى ئىكىسكۇرىسيە قىلدۇرىدۇ. ئۇ ئۇنىۋىرسىتېت كومپىيۇتېر مەركىزىنىڭ ئىشىك قۇلۇبىنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى ئىسىدە ساقلىۋالىدۇ ھەم شۇنىڭدىن تارتىپ ئوغورلىقچە كومپىيۇتىر مەركىزىگە كىرىپ، كومپىيۇتىردا پىروگىرامما تۈزەشنى ئۈگىنىدۇ. بىر يىلدىن كىيىن، ئۇنۋىرستىتنىڭ ئاستورونومىيە فاكۇلتىتى ئۇنى كومپىيۇتېر پىروگىراممىسى ئارقىلىق سۈنئى ھەمراھ ئاستورنومىيە سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەھلىل قىلىدىغان پىروگىرامما تۈزۈشكە ۋاقىتلىق پىروگىرامما تۈزگۈچىلىككە تەكلىپ قىلغان. 

80-يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، جامۇس. گائۇس دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغاندىن كىيىن، IBM گە كىرىپ خىزمەت قىلىپ، IBM نىڭ تۇنجى ئەۋلاد خىزمەت پونكىتىنى لاھىيلەپ چىقىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا IBM نىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى خىزمەت پونكىتى تۈرىگە ئانچە 

كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ. ئۈمىدسىزلەنگەندىن كىيىن، جامۇس. گائۇس Sun شىركىتىگە كىرىدۇ. ئۇ جاپالىق ھالدا 5 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، رەھبەرلىك قىلىپ تەتقىق قىلىپ چىققان OS2 گە ناھايىتى ئوخشايدىغان Sun NeWs كۆزنەك سىستىمىسى كەسپى 

ساھەدىكىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن بولسىمۇ، ئومۇملاشقان مەھسۇلاتقا ئايلىنالمايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ يەنە تۇنجى بولۇپ C تىلى ئارقىلىق EMACS نىڭ نىمە كۆرسە شۇنىڭغا ئىرىشىش تىپىدىكى تىكىست تەھىرىلىگۈچىسى COSMACS نى تۈزۈپ چىقىدۇ. بۈگۈنكى رىقابەت كەسكىن بولىۋاتقان يۇمشاق دىتال تەتقىق قىلىش ئېچىش دەۋىرىدە، پىروگىرامما لاھىيلىگۈچى ئۇدا كەلگۈسى يۇمشاق دىتال ياكى تېخنىكا تەرەققىيات يۆنىلىشنى ئالدىن پەرەز قىلىشىدۇ. 1990-يىلى، SUN شىركىتى بىر يۇمشاق دىتال لاھىيلەش گۇروپپىسنى 

قۇرىدۇ. بۇ گوروپپا ئىچىدە جامۇس. گائۇستىن باشقا يەنە پاتىرىك. ناۋتون ( Patrick Naughton) ۋە مايىك. شىردەن ( Mike Sheridan) قاتارلىق كىشلەر بار ئىدى. ئۇلار ھەمكارلاشقان تۈر يېشىل پىلان دەپ ئاتالدى.

ئۇلار كومپىيۇتېر تىخنىكا تەرەققىياتنىڭ بىر يۆنىلىشى رەقەملىك ئائىلە ئۈسكۈنلىرى ئوتتۇرىسدا ئالاقە ئىلىپ بىرىش دەپ قارىدى. جامۇس. گائۇس ئۈسكۈنە ۋە ئىشلەتكۈچى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئۈچۈن بىر خىل تور ئارقىلىق ئۆز-ئارا ئالاقىلشىش ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان تىلنى تەتقىق قىلىشقا مەسئۇل بولدى. كۆپ مىقداردىكى ۋاقىت ۋە پۇلنىڭ يىشىل پىلان & سىلىنشغا ئەگىشىپ، ئۇلار بىرخىل پىروگىرامما تۈزەش تىلىنى بەرپا قىلدى. بۇ خىل تىل دەسلپىدە  Oak& دەپ ئاتالدى. بۇ ئىسىم جامۇس. گائۇسنىڭ ئىسىم 

قويۇشنى ئويلاۋاتقاندا دىرىزە سىرتىدىكى بىر تۈپ كاۋچۇك دەرىخىنى كۆرگەنلىكىدىن قويۇلغانىدى. ئەمما كىيىن Java غا ئۆزگەرتىلدى، ھەمدە 1992-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ، Sun خىزمەت پونكىتنىڭ يىراقتىن كونتىروللىغۇچىسى قىلىپ ئىشلىتىلدى.

1994-يىلىنىڭ ئاخىرى، جامۇس. گائۇس كىرىمىنىي جىلغىسىدا ئىچىلغان تىخنىكا، مائارىپ ۋە لاھىيلەش چوڭ يىغىنى& غا قاتنىشىدۇ. ئۇ سىناپ بىقىش ھىسياتى بىلەن كۆپچىلىككە Java نىڭ ئىقتىدارىنى كۆرىستىدۇ. ئۇنىڭ توربەت ئۈستىدىكى تىنىچ تۇرغان بىر تارماق قۇرۇلما رەسمىنى چىكىشى بىلەن بىر تال بۇيرۇق ئىنتىرنىت تورى ئارقىلىق نەچچە يۈز ئىنگىلىز مىل يىراقلىقتىكى تور پونكىتىغا يىتىپ بىرىپ، بىر بۆلەك كىچىك پىروگىراممىنى چۈشۈرۈپ، نەخ مەيداندىكى خىزمەت پونكىتىدا ئىجىرا بولۇشقا باشلايدۇ. بىر نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن، ئەسلىدىكى تىنىچ تۇرغان توربەت ئۈستىدە بىرتارماق رەسىم 3 ئۆلچەملىك سۈرەت شەكىلىدە ئايلىنشقا باشلايدۇ. ۋاھ! جامۇس. گائوس سوروندىكى پۈتۈن تاماشبىنلارنىڭ ماختاش ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، كىرىمىنىي جىلغىسدىكى ئەڭ چوڭ گىزىت: باش بەتكە بىر مەخسۇس ماقالىنى ئىلان قىلىدۇ: نىمىشقا SUN بىر ئىستىكان ئسسىق قەھۋە سىزنىڭ روھىڭىزنى ئويغۇتىدۇ-دەپ 

قارايدۇ؟ & مۇشۇ ماقالە گىزىتكە بىسىلغاندىن تارتىپ، Java بازىرغا مەسئۇل خادىمنىڭ تىلىفۇنىنىڭ ئاۋازى توختىماي جىرىڭشىشقا باشلايدۇ.

 ئۇزاق ئۆتمەي ئامىرىكىدىكى ئاساسلىق گىزىت-ژورناللارنىڭ ھەممىسدە Java نىڭ خەۋىرى بىسلىدۇ. Java نىڭ نامى چىقىدۇ! 2000-يىلغا كەلگەندە، Java ئاللا بۇرۇن دۇنيادىكى ئەڭ مودا بولغان كومپىيۇتىر پىروگىرامما تۈزەش تىلىغا ئايلىنىدۇ. يىشىل كىچىك گوروپپىنىڭ ئەڭ دەسلەپ Java نى لاھىيلەشتىكى مەقسىدى بولسا رەقەملىك ئائىلىگە يۈزلەنگەن، ھەرخىل ئائىلە-ئىلىكتىر ئەسۋاپلىرىنى قوللايدىغان پىروگىرامما تۈزۈش تىلى لاھىيىلەش ئىدى. ئەمما ئۇلار Java قوللايدىغان ھىساپلاش شەكىلىنىڭ ئەمىليەتتە ئىنتىرنىت تورىنىڭ ھىساپلاش شەكىلى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. Java تىلىنىڭ زور مۇۋاپىقيىتىگە نىسبەتەن ھىچكىم جامۇس. گائۇسنى كەمتەر ئەمەس: مەن ئەزەلدىن Java تىخنىكىسنىڭ بۇنچىۋالا ئەۋج ئالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. خوجايىنىم مەندىن ئۇنىڭ قانچە قىتىم چۈشۈرۋىلىنغانلىقىنى سورىغاندا مەن 10000 قېتىم دىدىم. ئۇنىڭ قارىشىچە مەن بەكرەك خۇشال بولۇشۇم كېرەك ئىكەن.[1][0]

 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#