ئانۇشكا شارما
ئانۇشكا شارما 1988-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ھىندىستان نىڭ بانگولور شەھرىدە تۇغۇلغان بۇلۇپ، كىچىكىدىن باشلاپ ھەربىي گازارما مەكتىپىدە ئۇقۇغان، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن بومبايغا كېلىپ، مودىللىق ساھەسىگە كىرگەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئانۇشكا شارما 1988-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ھىندىستان نىڭ بانگولور شەھرىدە تۇغۇلغان بۇلۇپ، كىچىكىدىن باشلاپ ھەربىي گازارما مەكتىپىدە ئۇقۇغان، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن بومبايغا كېلىپ، مودىللىق ساھەسىگە كىرگەن. ئانۇشكا ئەنيى ۋاقىتتى ئىزچىل مودىللىق ساھەسىدە بىر ئۇتۇق قازىنىشنى ئويلايتى. ئۇنىڭ مودىللىق كەھسپى لاكېىم مودا كىيىم-كېچەك ھەپتىلىكىدىن باشلانغان بۇلۇپ،ئۇ بىر قىسىم داڭلىق كىيىم پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا باشلىغان، شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ كىنو ساھەسىگە ئۇنچە قىزىقىپ كەتمەيتى،
2008-يىلى ئانۇشكا تۇنجى رول ئالغان، شاھرۇلخان باش رول ئالغان فىلىم «خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر» دىن كېيىن بىراقلا كىنو ساھەسىدىمۇ داڭق چىقارغان. ئۇنىڭ كىنودىكى ئىپادىسى كۆرۈرمەنلەر ۋە خىزمەتداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. كىنو باھالىقۇچى تاران ئارداش مۇنداق دەيدۇ : « ئانۇشكا شارمانىڭ ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا رول ئالغان ھالىتى سىزنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىمدىلا شاھرۇھخان دەك چوڭ چولپان بىلەن ھەمكارلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنىڭ ئۆزى بىر چوڭ غەلبە، ئانۇشكا بۇ فىلىمنى ئىشلەشتە باشتى ئاخىرى ناھايتى ئەستايىدىل ئىدى».
بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە رېژىسور نىج ئافتى بىلەن توختام تۈزۈپ، ئاكشاي كۇمار بىلەنمۇ ھەمكارلىشىپ كىنودا رول ئالدى. ئۇ مودىللىق بىلەن كۆڭۈل ئېچىش چەمبىرىكىگە كىرگەن دىن باشلاپ، ئاستا ئاستا سالماق قەدەملىرى بىلەن كىنوچىلىق ساھەسىگە كىردى، بۇ گۈزەل ئاكتىيورنىڭ يەنە نۇرغۇن يۇشۇرۇن قابىلىيتى بار.
ۋاقىت | فىلىم نامى | رولى |
2008 | خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر | تانىيا |
2010 | basmaasshcompany | شىرۇت |
2011 | patialahouse | سىمران |
2012 | جېنىم تېنىمدە بولسىلا | ھاكى |
2014 | pk--تاشقى پىلانتلق ئەپەندى | جاگۇ |
2016 | دىلغا چۈشتى مۈشكۈل | ئالىزەھ |
ApsaraAwards
2009 خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر فىلىمىدا ئەڭ نادىر يېڭى ئايال ئاكتىيور (مۇكاپاتقا ئېرىشتى).
ھىندىستان كىنو ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى.
2013-يىلى جېنىم تېنىمدىلا بولسا فىلىمىدا ئەڭ نادىر ئايال يانداش پېرسۇناژ (نام ئاتالدى).
ھىندىستان كىنو تاماشىبىنلىرى مۇكاپاتى
2009 خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر فىلىمىدا ئەڭ نادىر يېڭى ئايال ئاكتىيور (نام ئاتالدى).
2009 خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر فىلىمىدا ئەڭ نادىر ئايالباش پېرسۇناژ (نام ئاتالدى).
2013 جېنىم تېنىمدىلا بولسا فىلىمىدا ئەڭ نادىر ئايال يانداش پېرسۇناژ (مۇكاپاتقا ئېرىشتى).
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ناخشىچى تورى
بەيدۇ قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.