قىزىل ۋاكسىنىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قىزىل ۋاكسىنىسىتوڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان قىزىل تىرىك ۋاكسىنىسنى ئىشلەتكەندە مىقدارى بويىچە ئوكۇل سۈيىگە قوشۇپ مىكروبسىزلاندۇرۇش ئارقىلىق تولۇق ئېرىپ بولغاندىن كېيىن ئىشلىتىش. ئوكۇل ۋە دورىنى ئىشلەتكەندە دورا مىقدارىنى تەڭشەپ، بىلەك سىرتقى يۇقىرى تەرەپ ئۈچ بۇرجەك مۇسكۇلىنىڭ قوۋرۇغا تېرىسىنى % 57 لىك ئېتىل ئالكوگولدىن بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىپ، قۇرغاندىن كېيىن تېرە ئاستىغا قىزىل ۋاكسىنىسىدىن 0.5 مىللىلىتىر قوشۇپ ئۇكۇل قىلىپ ئۇرسا بولىدۇ.
قىزىل ۋاكسىنىسى ئەمىنلەش1. بوۋاق ئېغىر دەرىجىدە كېسەللەنگەندە، قىزىپ قالغاندا ياكى زىيادە سەزگۈرلۈك (بولۇپمۇ تۇخۇمغا زىيادە سەزگۈرلۈك) تارىخى بولغانلارنى ئەملەشكە بولمايدۇ؛
2. قىزىل چىقىپ بولغان بالىلارنىڭ بەدىنىدە ئاللىبۇرۇنلا قىزىل ۋىرۇسىغا قارشى ئانتىتېلا شەكىللىنىپ بولغانلىقتىن، يەنە قىزىل ۋاكسىنىسى ئۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق؛
3. ئەگەر گامما شار ئاقسىلى ئۇرۇلغان بولسا، ئاز دېگەندىمۇ ئالتە ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ ئاندىن قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملەشكە، قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ ئاندىن گامما شار ئاقسىلىنى ئوكۇل قىلىشقا بولىدۇ؛
4. قىزىل ۋاكسىنىسى بىلەن B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئىككىسىنىڭ ئانتىگېنى ئوتتۇرىسىدا توسقۇنلۇق بولغانلىقتىن بىر ۋاقىتتا ئەملەشكە بولمايدۇ.
5. قىزىل ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندىن كېيىن ئادەتتە ناچار رېئاكسىيە كۆرۈلمەيدۇ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى بوۋاقلاردا ئەملىنىپ ئالتە ~ ئون كۈندە بەلكىم قىزىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇ خىل ئەھۋالمۇ ئىككى كۈندىن ئۆتمەي ياخشى بولۇپ كېتىدۇ[0].
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.