قۇللۇق تۈزۈم
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قۇللۇق تۈزۈم ياكى قۇلدارلىق ئېكىسپىلاتاتسىيە تۈزۈمىدىكى جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە خۇسۇسىي مۈلۈك قاتارىدا ئېلىپ سېتىلغان، تەقدىرى پۈتۈنلەي قۇلدارغا قاراشلىق بولغان، ئۆزى ھېچقانداق ھوقۇق ۋە مال–مۈلۈككە ئىگە بولمىغان چاكار، مەملۇك ياكى قۇل؛ قۇل ئىگىسىگە قۇلدار ياكى خۇجايىن دېيىلىدۇ. بەئزىدە غۇلام ۋە خىزمەتچىمۇ قۇل دېگەنلىك بولىدۇ. ئايال قۇللارغا دېدەك،چۆرە، جارىيە دېيىلىدۇ.
ناھايىتى قەدىم زامانلاردىن بېرى جەڭدە ئەسىر تۈشكەنلەر، ئېغىر جىنايەتچىلەر، قەرزىنى تۆلىيەلمىگەنلەر، قاراقچىلار تەرىپىدىن قاچۇرۇلغانلار قۇل دەپ قارىلاتتى، قۇل بازارلىرىدا سېتىلاتتى.
ئەركەك قۇللارنىڭ بالىلىرىمۇ قۇل بولىدۇ، جارىيەلەرنىڭ خۇجايىنلىرىدىن بولغان ئوغۇللارى يەھۇدى ۋە ئەرەب توپلۇقلىرىغا ئوخشاش بەئزى توپلۇملاردا قۇل دەپ قارالمايدۇ. زىرائەت ۋە تىجارەت بىلەن مەشغۇل بولغان پۈتۈن توپلۇملاردا قۇللۇقنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرىگە يولى قىلماقتا. مىسسوپوتامىيەدە، ئەسكى مىسىردا، يۇناندا، رىمدا، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئىران، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئاناتولىيەدە ياشىغۇچە قەۋىملەردە قۇللۇق ئىنتايىن تەبئىي ئىجتىمائىي بىر مەۋجۇتلۇق دەپ قوبۇل قىلىنغان.
تۇنجى قانۇنلار ئەنگىلىيەدە ۋە ئامېرىكا قوشما شىتابىدا 19-ئەسرنىڭ تۇنجى چارىكىدە، 1807-يىلى چەكلەنگەن. كېيبنچە باشقا ياۋروپا ئەللىرىمۇ ئۇلارنىڭ ئىزىدىن بارغان. ياۋروپادا ئەنگىلىيەدىن سوڭرە قۇللۇقنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئوسمان ئىمپېرىيىسىدۇر. ئوسمان ئىمپېرىيسىدە قۇللۇق، سۇلتان ئابدۇلمەجىد دەۋرىدە 1847-يىلى بىر پەرمان بىلەن چەكلەنگەن. 1926-يىلىدا مىللەتلەر جەمئىيىتى پۈتۈن دۇنيادا قۇللۇقنى چەكلىگەن، كېيىنچە بۇنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەم بۇ ھۆكۈمنى ئىتىراپ قىلغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.