ئارتۇر خىللېر

ئارتۇر خىللېر

ئارتۇر خىللېر 1923-يىلى كانادا ئالبات ئۆلكىسىنىڭ ئېدمونتوندا تۇغۇلغان، 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامېرىكىنىڭ لوس-ئانژېلېس شەھىرىدىكى ئۆيىدە 92 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن، ئالتۇن توپ مۇكاپاتىدىكى ئەڭ ياخشى رېژىسسور.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئارتۇر خىللېر
دۆلەت تەۋەلىكى كانادا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1923-يىلى
كەسپى رېژىسسور
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿瑟·席勒
يۇرتى ئېدمونتون
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى
چەتئەلچە ئىسمى Arthur HillerArthur Hiller

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئارتۇر خىللېرئارتۇر خىللېر، 1923-يىلى كانادا ئالبات ئۆلكىسىنىڭ ئېدمونتوندا تۇغۇلغان، ئۇ 50 يىللىق كەسپى ھاياتىدا 30 دىن ئارتۇق كىنو فىلىمگە رېژىسسورلۇق قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كانادا ھاۋا ئارمىيەسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن، ھوللىۋودقا يۈرۈش قىلىشتىن بۇرۇن، ئاساسلىقى كانادادا كومېدىيە ئىشلەش بىلەن شۇغۇللانغان. 

ئارتۇر خىللېرئارتۇر خىللېرنىڭ ئەڭ داڭلىق ئەسىرى 1970-يىلدىكى مۇھەببەت فىلىمى «مۇھەببەت ھېكايىسى». بۇ فىلىم شۇ يىللىق ئوسكار ئەڭ ياخشى ئەسەر، ئەڭ ياخشى رېژىسسور، ئەڭ ياخشى ئەر-ئايال ئاكتيور قاتارلىق ئالتە تۈردە ئىسمى ئاتىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ ياخشى مۇزىكا سەپلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئارتۇر خىللېرمۇ مۇشۇ ئەسەرگە تايىنىپ ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى رېژىسسور شەرىپىگە ئېرىشكەن.

«مۇھەببەت ھېكايىسى» 1970-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئامېرىكىدا رەسمىي قويۇلغان، شىمالىي ئامىرىكىدىكى بېلەت كىرىمى 106.6 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ھازىرقى 600 مىليون 590 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر.

ئۇنىڭدىن باشقا ئارتۇر خىللېر ئىلگىرى يەنە چېڭ لوڭ سۈرەتكە ئالغان ھۆججەتلىك فىلىم «چېڭلوڭ رىۋايىتى» ئىچىدە پەيدا بولغان.

ئارتۇر خىللېرئارتۇر خىللېر 1993-يىلدىن 1997-يىلغىچە ئوسكار مۇكاپاتى ئامېرىكا كىنو سەنئىتى ۋە ئىلمى ئىنستىتۇتىنىڭ ئەزاسى ھەمدە 2001-يىلى كىنو كەسپى تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە تايىنىپ «جېن خېرشولت خۇيۇۋمەنىتەرىئەن ئاۋارىد ئىنسانپەرۋەرلىك روھىي مۇكاپاتى (Jean Hersholt Humanitarian Award)» غا ئېرىشكەن. 

ئارتۇر خىللېرئىلگىرى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىلىم «مۇھەببەت ھېكايىسى (爱情故事)»نىڭ رېژىسسورى كانادالىق ئارتۇر خىللېر (Arthur Hiller) شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامېرىكىنىڭ لوس-ئانژېلېس شەھىرىدىكى ئۆيىدە 92 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن، ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتى دائىرىلىرى بۇ ئامېرىكا كىنو سەنئىتى ۋە ئىلمى ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق باشلىقىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#