پېتىر نان
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1.پىيازنى ئۇششاق چاناپ، كاۋاۋىچىن بىلەن بىللە سۇغا سېلىپ، قاينىتىپ تەمى چىققاندىن كېيىن پىياز، كاۋاۋىچىننى سۈزۈۋېتىپ، سۇيى سوۋۇتۇلىدۇ.
2. سوۋۇتۇلغان سۇغا خېمىرتۇرۇچنى سېلىپ، خېمىر يۇغۇرۇپ 280 گراملىقتىن زوۋۇلا ئۈزىمىز. ئاندىن ئۇلارنى گىرۋىكى قېلىنراق، ئوتتۇرىسى نېپىزرەك نان ياساپ، يۈزىگە چەككۈچ ئۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
3. قىزىتىلغان تونۇرنىڭ چوغلىرىنى ئوتتۇرىغا يىغىپ ئۈستىنى كۆمۈپ، تونۇرغا تۇز ئۇرۇپ ھاۋىسىنى پەس تەڭشەيمىز. ئۇششاق توغرالغان پىياز بىلەن قايماقنى ئارىلاشتۇرۇپ، ناننىڭ يۈزىگە نېپىز سۈرتۈپ، تونۇرغا يېقىپ پىشۇرۇلىدۇ. نان نېپىز بولغاچقا، ئاسان پىشىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.