شۈ دېخېڭ

شۈ دېخېڭ  (1890-1990-يىللار) دۆلىتىمىزدىكى ئاتاقلىق ۋەتەنپەرۋەر زات، «3-سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئاتاقلىق رەھبىرى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى شۈ دېخېڭ
باشقا نامى 原名许础,字楚生,曾改字楚僧
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1890-يىل
كەسپى سىياسىي پائالىيەتچى، مائارىپشۇناس
خەنزۇچە ئىسمى 许德珩
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى جياڭشى ئۆلكىسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1990-يىل 2-ئاينىڭ 8-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى لىئون ئۇنىۋېرسىتېتى، پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شۈ دېخېڭ (1890-1990-يىللار) دۆلىتىمىزدىكى ئاتاقلىق ۋەتەنپەرۋەر زات، «3-سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئاتاقلىق رەھبىرى. ئۇ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ دېخۇا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ياش ۋاقتىدا ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىگە كىرىپ، شىنخەي ئىنقىلابىغا قاتناشقان. «4-ماي» ھەرىكىتىدە، ئۇ ئاتاقلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ داھىيلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، «4-ماي» خىتابنامىسىنىڭ تېزىسىنى يازغان. 1920-يىلى فرانسىيىگە بېرىپ، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇپ، فرانسىيىدە ماركسىزمنى قوبۇل قىلغان. 1927

-يىلى شۈ دېخېڭ ۋەتەنگە قايتقان، شۇ ۋاقىتتا ئىنقىلابنىڭ مەركىزى گۇاڭجۇ بولۇپ، شۇ بۈيۈك ئىنقىلاب ئېقىمىغا كىرىپ كەتكەن. بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، شاڭخەيدە سوتسىيالىستىك نەزەرىيە يېزىقچىلىقى ۋە تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1931-يىلى «18-سېنتەبىر ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسەتمەسلىك سىياسىتىگە زەربە بەرگەن ھەمدە 1932-يىلى قولغا ئېلىنغان. كېيىن سۇڭ چىڭلىڭنىڭ قۇتۇلدۇرۇشى بىلەن تۈرمىدىن چىققان.

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، شۈ دېخېڭ چۇڭچىڭدا پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت-مائارىپ ساھەسىدىكى ئوقۇمۇشلۇق زاتلار بىلەن بىرلىكتە دېموكراتىك ئىلمىي سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، دېموكراتىيە، ئىتتىپاقلىق، كۈرەشتە ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ىنىڭ غەلىبە خاتىرە كۈنى بولغان  9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى بۇ سۆھبەت يىغىنىنىڭ نامى كېيىن «3-سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گومىنداڭ ھەرقايسى ساھەدىكى زاتلاردىن 2000 دىن ئارتۇق كىشىنى قولغا ئالغان. شۇ دېڭخېڭنىڭ قوزغىتىشى بىلەن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەردىكى 13 پروفېسسور ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا بىرلەشمە خىتابنامە ئېلان قىلغان، بۇ ئەينى ۋاقىتتا «ئىنسانىي ھوقۇق خىتابنامىسى» دەپ ئاتالغان. 

جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، شۈ دېخېڭ سىياسىي ئىشلار مەھكىمىسى قانۇن-تۈزۈم كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى بولۇپ، دۆلىتىمىز ئۈچۈن بىرىنچى قېتىملىق «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» نىڭ لايىھەسىنى تۈزگەن ھەمدە بىرقانچە قانۇن-نىزاملارنىڭ تۈزۈلۈشىگە پائال تۆھپە قوشقان. سۇ مەھسۇلاتلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان ئون نەچچە يىل ئىچىدە، ئۇ ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، جۇڭگو نىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىشلىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە ياراتقان. 

ئۇ يەنە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، «3-سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-نۆۋەتلىكتىن باشلاپ 7-نۆۋەتلىككىچە رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان.

شۈ دېخېڭ 89 يېشىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. 1990-يىلى 2-ئايدا بېيجىڭ دا 100 يېشىدا ۋاپات بولغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/192812.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#