ئۆتكۈر ئاشقازان ياللۇغى

ئۆتكۈر ئاشقازان ياللۇغى

ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاشقازان شىللىق پەردىلىرى ئۆتكۈر ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا ئۈستۈنكى قورساق قىسمى قاتتىق ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ئۆتكۈر ئاشقازان ياللۇغى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «ئىلتىھاسى مەئدە شەدىد، ۋەرەمى مەئدە ھار» دەپ ئاتىلىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى ئۆتكۈر ئاشقازان ياللۇغى
تەۋە بۆلۈم ئىچكى بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە نامى 急性胃炎
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1.ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەر خىل مىكروبلار بىلەن ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇننى غىدىقلاپ ۋە يۇقۇملاندۇرۇپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2.زەنگار رەڭ سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىگە ئۆزىنىڭ كۈچلۈك غىدىقلاش تەسىرى بىلەن يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلما شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ۋە يېمەك-ئىچمەك سۈپىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۆتكۈر ئاشقازان ياللۇغى زىيادە سوغۇق، زىيادە ئىسسىق، زىيادە يىرىك، سۈپىتى ئۆزگەرگەن يەنى مىكروبلار بىلەن بۇلغانغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى ياكى ھاراق، قەھۋە، قېنىق دەملەنگەن چاي قاتارلىقلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن ئاشقازان شىللىق پەردىلىرى زەخىملىنىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. فىزىكا-خىمىيىلىك ئامىللارنىڭ غىدىقلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى ماددىلارنى بىلمەستىن ياكى قەستەن ئىچىۋېلىش سەۋەبىدىن ئاشقازان شىللىق پەردىلىرى زەخىملىنىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. روھىي ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

قورقۇش، غەم-ئەندىشە قىلىش، ئاچچىقلىنىش قاتارلىق پاسسىپ روھىي كەيپىيات ئامىللىرى نېرۋىلارنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىنى كۆپەيتىپ، قويۇقلۇقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاشقازاننىڭ قوغدىنىش كۈچى ئاجىزلاپ، سىرتقى مۇھىتتىن كەلگەن ھەر خىل مىكروبلارنىڭ كىرىشى ۋە ئۆسۈپ كۆپىيىشكە شارائىت ھازىرلىنىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۆتكۈر ئاشقازان ياللۇغىكېسەللىك تەرەققىياتى تېز بولۇپ، يۇقىرى قورساق ساھەسى يېقىمسىزلىنىدۇ، ئاغرىيدۇ، كۆڭلى ئېلىشىپ، قۇسىدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ. ئۈچەي يوللىرى ياللۇغى قوشۇلۇپ كەلسە قىزىيدۇ، ئىچى سۈرۈپ، سۇسىزلىنىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھوشسىزلىنىدۇ.

ئەگەر ھەر خىل زەھەرلىك ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى ماددىلاردىن زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا ھوشسىزلىنىدۇ. قان قوسىدۇ. تومۇرى تېز، ئىنچىكە سالىدۇ، چىرايى تاتىرىدۇ، كالپۇك پۇت-قوللىرى كۆكىرىدۇ، يۇقىرىقى قورساق ۋە كىندىك ئەتراپىنى باسقاندا ئاغرىيدۇ، ئۈچەي كوركىراش تاۋۇشى كۈچىيىدۇ.

ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىگە قان تولىدۇ، سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق كۆپىيىپ، سىرتقى يۈزنى كۈل رەڭ سېرىق رەڭلىك ئاجرالمىلار قاپلىۋالىدۇ، بەزىلەردە كەڭ دائىرىلىك قاناش، زىدىلىنىش، ئاق قان ھۈجەيرىسى يامراش قاتارلىقلار بولىدۇ.

ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىگە قان تولىدۇ، سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق كۆپىيىپ، سىرتقى يۈزنى كۈل رەڭ سېرىق رەڭلىك ئاجرالمىلار قاپلىۋالىدۇ، بەزىلەردە كەڭ دائىرىلىك قاناش، زىدىلىنىش، ئاق قان ھۈجەيرىسى يامراش قاتارلىقلار بولىدۇ.

1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

يۇقىرى قورساق قىسمى ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، يۇقىرى قورساق قىسمىنى باسقاندا ئاغرىق كۈچىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى ھەرخىل زەھەرلىك ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى ماددىلارنى ئىچىۋالغانلىق تارىخى بولىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1. ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈش: ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىدە قان تولۇش، شەلۋەرەش بولغانلىقى كۆرۈنىدۇ.

2. قان تەكشۈرۈش: قان تەكشۈرگەندە ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى كۆپىيىدۇ. ئەگەر قاناش بولسا قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى ئازىيىدۇ.

3. چوڭ تەرەتنى تەكشۈرۈش: چوڭ تەرەتنى تەكشۈرگەندە قان بولىدۇ.

1. ئاشقازان ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئاشقازان ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسىدىكى تۇتقاقلىق رىتىملىق ئۈستۈنكى قورساق قىسمى ئاغرىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

2.ئۆت خالتا ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئۆت خالتا ياللۇغىدىكى مايلىق تاماقلاردىن سەسكىنىش، ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قورساق قىسمى داۋاملىشىشچان ئاغرىش، ئۆت خالتا ياللۇغىنىڭ ئاغرىش توچكىسىنى باسقاندا ۋە بېسىپ قويۇپ بەرگەندە ئاغرىق كۈچىيىش، سېرىقلىق چۈشۈش، ئاغرىق ئوڭ تەرەپ مۈرە تاغاق قىسىملىرىغىچە تارقىلىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

3. ئۆتكۈر ئاشقازان ئاستى بەز ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئاشقازان ئاستى بەز ياللۇغىدىكى تويۇنۇپ تاماق يېگەندىن كېيىن ئۈستۈنكى قورساق قىسمى چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئاغرىش، ئوڭدا ياتقاندا ئاغرىق كۈچىيىش، تۈگۈلۈۋالغاندا ياكى ئولتۇرغاندا ئاغرىق پەسىيىش، مايلىق ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

4. ئۆتكۈر سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئۆتكۈر سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىدىكى دەسلەپتە يامراش خاراكتېرلىك ئاغرىش، كېيىن ئاغرىق ئوڭ تەرە پتۆۋەنكى قورساق قىسمىغا مەركەزلىشىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

5. يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىكى ئىلگىرى يۈرۈك سانجىقى كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولۇش، ئېلېكتروكاردىئوگراممىدا يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىكنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنۈش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان تېشىلىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

1. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. قىزىتما ياندۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ھۆ پەسەيتىش، قۇسۇشنى توختىتىش، قان توختىتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

3. كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن ھەزىمنى ياخشىلاش، ئاشقازان ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۆتكۈر ئاشقازان ياللۇغىئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، قان تازىلىغۇچى دورىلاردىن ئەرقى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن، مەتبۇخى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، مەتبۇخى ھېلىلە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن، ئىترىفىل چۆبچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، ئىترىفىل شاھتەررە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

زەنگار رەڭ سەپرا خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا زەنگەر رەڭ سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن ئىتئۈزۈم، بابۇنە، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 7~5 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچقا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن بېرىپ، زەنگار سەپرا خىلىتى بەدەندىن چىقىرىپ تاشلىنىدۇ.

ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، ھۆ پەسەيتىش، قۇسۇشنى توختىتىش، قان توختىتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

كاسىنە ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، تاۋۇز ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، ئىتئۈزۈمدىن ئالتە گرامدىن ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەرقى شوخلا ياكى ئەرقى بەدىيانغا چىلاپ قاينىتىپ، ھەركۈنى ئۈچ  قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىرنى بۇزۇرى شەربىتىدىن 30 مىللىلىتىر بىلەن قوشۇپ ئىچكۈزۈشكە بېرىلىدۇ.

گۈل بىنەپشە، كاسىنە ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى، قىزىلگۈل، ئىتئۈزۈمى، بەدىيان، كاسىنە يىلتىزىنى ئالتە گرامدىن ئېلىپ، قايناق سۇغا چىلاپ، شىرىسىنى چىقىرىپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىلللىتىر بۇزۇرى شەربىتىدىن 30 مىللىلىتىر بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

ئىتئۈزۈم، كاسىنە ئۇرۇقى توققۇز گرام، ئەرقى گاۋزىبان 180 مىللىلىتىر، بىنەپشە شەربىتى 24 مىللىلىتىر، ئوغرىتىكەندىن تۆت گرام ئېلىپ، ئىتئۈزۈمى بىلەن كاسىنە ئۇرۇقىنى ئەرقى گاۋزىبانغا چىلاپ شىرىسىنى چىقىرىپ، ئۈستىگە ئوغرىتىكەن تالقىنىنى سېپىپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

قاپاق مېغىزى، قارا سېمىز ئوت ئۇرۇقى يەتتە گرامدىن، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى ئالتە گرام، تاۋۇز ئۇرۇقى مېغىزى توققۇز گرام، ئەرقى بەدىيان ياكى ئەرقى گاۋزىباندىن 190 مىللىلىتىر ئېلىپ، دورىلارنى ئەرقى گاۋزىبان ياكى ئەرقى بەدىياندا شىرىسىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا نېلۇپەر شەربىتىدىن 36 مىللىلىتىرنى قوشۇپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

ئاق سەندەل، قىزىلگۈل، رۇسۇت، گىل ئەرمىنى ئالتە گرامدىن، ئىتئۈزۈمى سۈيىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قائىدە بويىچە زىماد تەييارلاپ ئاشقازان ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

ئارپا ئۇنى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 12 گرام، بابۇنە گۈلى 10 گرام، شۇمشا ئۇرۇقى ئالتە گرام، تەمرى ھىندى مېغىزىدىن 36 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە زىماد تەييارلاپ ئاشقازان ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

ھۆ پەسەيتىش مەقسىتىدە ئاچچىق ئانار سۈيىدىن 150 مىللىلىتىر، تاتلىق ئانار سۈيىدىن 50 مىللىلىتىر، زىرىق سۈيىدىن 40 مىللىلىتىر ئېلىپ، ئۆزئارا ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

شەربىتى ئەنجىبار كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن، قۇرسى كەھرىۋا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5~3 دانىدىن، قۇرسى تاباشىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5~3 دانىدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن ھەزىمنى ياخشىلاش، ئاشقازان ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە مەجۇنى ئامىلە نوشدارى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش ئامىلە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 12 گرامدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، تۆۋەندىكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان جاۋارىش تاباشىر كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 12 گرامدىن، جاۋارىش مەستىكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

جاۋارىش تاباشىر نۇسخىسى: قىزىلگۈل، ئاق سەندەل، ئامىلە، تاباشىر، قۇرۇق يۇمغاقسۈت 30گرامدىن، ھەببۇلئاس، تۇرۇنجى پوستى، سۇماق، مەستىكى 10 گرامدىن، كاپۇر ئۈچ گرام، بېھى سۈيى 400 مىللىلىتىر، قەنت 250 گرام، ئەرقى گۈلدىن 120 مىللىلىتىر ئېلىپ قائدە بويىچە مەجۇن تەييارلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=809

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=809

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#