قىزىل ئېقىن جىلغىسى

توقسۇ ناھىيە بازىرىدىن يولغا چىقىپ دۆلەت يولى 314-لىنيەسىنى بويلاپ، غەربكە قاراپ 860 كىلومېتىرلىق جايغا بېرىپ، شىمال تەرەپكە بۇرۇلۇپ، چەكسىز كەتكەن بىر چۆللۈكتىن ئۆتۈپ، يەنە ئازراق ماڭسا قىزىل ئېقىن جىلغىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېتىپ بارغىلى بولدۇ. 

نامى قىزىل ئېقىن جىلغىسى
جۇغراپىيەلىك ئورنى توقسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربى شىمالى
ئورنى شىنجاڭ توقسۇ ناھىيەسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 توقسۇ ناھىيەسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ تاغ تىزمىسى، يېزا ئىگىلىك، بوستانلىقلىرى، ئورمانچىلىق، ئوتلاق رايونى، دەريالىرى، يارداڭلىق، قۇم بارخانلىرى، توغراقلىقى، چۆل – باياۋانلىرى، سازلىق، كۆل قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىگاھلىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بۇددا دىنى، ئىسلام دىنى مەدەنىيىتى، بوستانلىق مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى مۇجەسسەملەنگەن ئاۋات يۇرتلارنىڭ بىرى. 21 -ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، توقسۇدا بايقالغان تۈرلۈك سېھىرلىك مەنزىرىگاھلار ۋە ساياھەت نۇقتىلىرى ئۆزىنىڭ سىرلىقلىقى ۋە ئۆزگىچىلىكى بىلەن كىشىلەرنى ئۈزلۈكسىز ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ، ئۇلارغا يېڭىچە ئېستېتىك زوق بېغىشلايدۇ.

توقسۇ ناھىيە بازىرىدىن يولغا چىقىپ دۆلەت يولى 314-لىنيەسىنى بويلاپ، غەربكە قاراپ 860 كىلومېتىرلىق جايغا بېرىپ، شىمال تەرەپكە بۇرۇلۇپ، چەكسىز كەتكەن بىر چۆللۈكتىن ئۆتۈپ، يەنە ئازراق ماڭسا قىزىل ئېقىن جىلغىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېتىپ بارغىلى بولدۇ. قىزىل ئېقىن جىلغىسى بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقى 76 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ جىلغىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بىر بىپايان تۈزلەڭلىك نامايەن بولىدۇ. بۇ يەردە جىگدە، يۇلغۇن، يانتاق، ئاق سۆكسۆك، ئاق تىكەن، قارا تىكەن، قومۇش قاتارلىق ئېگىز ئۆسكەن يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر، يەنە ئاقبوغۇز، بۆكەن، ياۋا توشقان، ياۋا توخۇ، ياۋا ئۆردەك، قارچىغا، قۇرغۇي، لاچىن، تورغاي، قارلىغاچ، قۇشقاچ قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ئەركىن يايراپ يۈرىدۇ ۋە پەرۋاز قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#