مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي ئاپپاراتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بولۇپ، ئۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى
چەتئەلچە نامى the National People's Congress (NPC)of the People's Republic of China
ھۆكۈمەت تورى http://www.npc.gov.cn/
خەنزۇچە نامى 全国人民代表大会
ئورنى دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنىدۇر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىمەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى − جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى. ئۇ دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىش، نېگىزلىك قانۇننى تۈزۈش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش؛ دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگىنى، سوت ئورگىنى، تەپتىش ئورگىنى، ھەربىي ئورگىنى مەسئۇللىرىنى سايلاش ۋە بەلگىلەش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ كىشىلەرنى قالدۇرۇۋېتىش ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزەلەيدۇ؛ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى ئۆلچەم قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ، دۆلەتنىڭ تۈپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە چوڭ-چوڭ مەسىلىلىرىنى قاراپ چىقىدۇ ۋە قارار قىلىدۇ. دۆلەتنىڭ ئۇرۇش ۋە تىنچلىق مەسىلىسىنى قارار قىلىدۇ. دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگىنى، سوت ئورگىنى، تەپتىش ئورگىنى، ھەربىي ئورگىنى، شۇنىڭدەك باشقا دۆلەت ئورگانلىرى ئۇنىڭ ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەر بەش يىلدا نۆۋەت ئالماشتۇرىدۇ، ھەر يىلى بىر قېتىم يىغىن ئاچىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي ئاپپاراتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بولۇپ، ئۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئۇنىڭ(خىزمەت) ھوقۇقى ئاساسلىقى ئاساسىي قانۇننى ئىزاھلاش، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىش؛ قانۇنلارنى ئىزاھلاش، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلىدىغان قانۇنلاردىن باشقا قانۇنلارنى چىقىرىش ۋە تۈزىتىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى قاراپ چىقىش ۋە تەستىقلاش، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىش؛ ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنى بەلگىلەش ۋە تەيىنلەش-قالدۇرۇش، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللەرنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇشنى قارار قىلىش؛ چەت ئەللەر بىلەن تۈزۈشكەن شەرتنامە ۋە مۇھىم كېلىشىملەرنى تەستىقلاش ۋە بىكار قىلىشنى قارار قىلىش؛ ھەربىيلەر ۋە دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ۋە باشقا مەخسۇس ئۇنۋان تۈزۈملىرىنى بەلگىلەش؛ پەۋقۇلئاددە كەچۈرۈم قىلىشنى قارار قىلىش؛ ئۇرۇش ھالىتىنى جاكارلاشنى قارار قىلىش؛ مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي سەپەرۋەر قىلىش ياكى قىسمەن سەپەرۋەر قىلىشنى قارار قىلىش؛ مەملىكەت بويىچە ياكى ئايرىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈشنى قارار قىلىش، ۋەھاكازا.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىمەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا يەنە ئېھتىياجغا قاراپ بىر قاتار مەخسۇس كومىتېتلار قۇرۇلىدۇ، بۇ كومىتېتلار مەلۇم جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. 1993-يىلى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا جەمئىي سەككىز مەخسۇس كومىتېت قۇرۇلدى. ئۇلار: مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، قانۇن كومىتېتى، ئىچكى ئىشلار-ئەدلىيە كومىتېتى، مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى، مائارىپ-ئىلىم، پەن-مەدەنىيەت، سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى كومىتېتى، مۇھىت ئاسراش كومىتېتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ كومىتېتلار دائىمىي ئاپپارات بولۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1954-يىلى9-ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىن ليۇ شاۋچىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلىدى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى: سۇڭ چىڭلىڭ، لىن بوچۈ، لى جىشېن، جاڭ لەن، لو رۇڭخۇەن، شېن جۈنرۇ، گو مورو، خۇاڭ يەنپېي، پېڭ جېن، لى ۋېيخەن، چېن شۇتۇڭ، دالاي لاما، دەنزېڭ جياسو، سەيپىدىن ئەزىزى، چېڭ چيەن (1958-يىلى تولۇقلانغان) قاتارلىقلار، باش كاتىپ پېڭ جېن. ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەر بەش يىلدا نۆۋەت ئالماشتۇرىدۇ، ھەر يىلى بىر قېتىم يىغىن ئاچىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#