ئۇزۇن قۇيرۇق قانداغاي
ئۇزۇن قۇيرۇق قانداغاي مۈشۈكېئيىققا ئوخشاش مەملىكىتىمىزنىڭ ئەتىۋارلىق ھايۋانلىرىنىڭ بىرى. لېكىن بۇنىڭدىن 100 نەچچە يىل ئىلگىرىلا ياۋايى ئۇزۇن قۇيرۇق قانداغاينىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى پادىشاھلىقىنىڭ بۇغىخانىسىدىلا بىر نەچچە يۈزى بېقىلغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۇزۇن قۇيرۇق قانداغايئۇزۇن قۇيرۇق قانداغاي مۈشۈكېئيىققا ئوخشاش مەملىكىتىمىزنىڭ ئەتىۋارلىق ھايۋانلىرىنىڭ بىرى. لېكىن بۇنىڭدىن 100 نەچچە يىل ئىلگىرىلا ياۋايى ئۇزۇن قۇيرۇق قانداغاينىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى پادىشاھلىقىنىڭ بۇغىخانىسىدىلا بىر نەچچە يۈزى بېقىلغان. 1894-يىلى بېيجىڭدا پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، بۇغىخانىنىڭ تاملىرىنى كەلكۈن ئېقىتىپ كەتكەن. بۇغىخانىدىكى ئۇزۇن قۇيرۇق قانداغايلارنىڭ بەزىلىرىنى ئاپەتكە ئۇچرىغان پۇقرالار تۇتۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن، بەزىلىرىنى چەت ئەل دىن تارقاتقۇچىلىرى ياۋروپاغا ئاچىقىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، قانداغاي ئۆزىنىڭ يۇرتىدىن ئۈزۈل-كېسىل غايىب بولۇپ كەتكەن.
ئۇزۇن قۇيرۇق قانداغاي1956-ۋە 1985-يىلىغا كەلگەندە، جۇڭگو ئەنگلىيەدىن نەچچە ئون تۇياق ئۇزۇن قۇيرۇق قانداغاينى كىرگۈزگەن، شۇندىلا يۇرتىدىن ئايرىلغىنىغا يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك بولغان ئۇزۇن قۇيرۇق قانداغايلار يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن. 1986-يىلى دۆلىتىمىز جياڭسۇنىڭ دافېڭ دېگەن يېرىدە 40 مىڭ مو كېلىدىغان دائىرىدە ئۇزۇن قۇيرۇق قانداغاي تەبىئىي قوغدىلىدىغان رايون قۇرغان. ئون نەچچە يىل بېقىش ئارقىلىقئۇزۇن قۇيرۇق قانداغايلارنىڭ ئومۇمىي سانى 300 تۇياققا يېقىنلاشتۇرۇلغان. كېيىن، دۆلىتىمىز يەنى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ تيەنئې دېگەن يېرىدە تەبىئىي باقمىچىلىق بازىسىنى بەرپا قىلغان ھەمدە بىر تۈركۈم ئۇزۇن قۇيرۇق قانداغايلارنى ئەركىن-ئازادە تەبىئىي ياشىشى ئۈچۈن تەبىئەتكە قويۇپ بەرگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.