شىنجاڭ سۇ ئېلېكتر مەكتىپى

شىنجاڭ سۇچىلىق - سۇ ئېلېكتر مەكتەپ 1980 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمى ئوتتۇرا تېخنىكو ئوتتۇرا دەرىجىلىك سۇ ئىنشائاتى ، سۇ ئېلېكتر تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ مۇھىم بازىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەرنىڭ بىرى. 

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ سۇ ئېلېكتر مەكتىپى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1980-يىلى
خەنزۇچە نامى 新疆水利水电学校
مەكتەپ تىپى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ سۇ ئېلېكتر مەكتىپىشىنجاڭ سۇ قۇرۇلۇشى سۇ ئېلېكتر ئىشلىرى ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەيدىغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىكوم بولۇپ، 1980-يىلى قۇرۇلغان. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ، ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سۇ ئىشلىرى نازارىتىگە تەۋە. 1987-يىلى خېخەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى سىرتتىن ئوقۇتۇش پونكىتى بۇ مەكتەپتە قۇرۇلغان. 1990-يىلى سۇ ئىشلىرى نازارىتى ئوخشاش بىر ئورۇندىكى شىنجاڭ ئېلېكتر تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى، خېخەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇتۇش مەركىزى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، سۇ ئېلېكتر مەكتىپى قىلىپ قايتا تەشكىللىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مەكتەپ يەنە نەنچاڭ سۇ ئىشلىرى ئالىي تېخنىكومى ۋە داليەن سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلىكتە مەكتەپ باشقۇرۇپ، چوڭلار ئالىي تېخنىكومى ئىشتىن ئايرىلىپ ئوقۇش ۋە سىرتتىن ئوقۇش سىنىپلىرىنى ئاچقان. 1994-يىلى ئۆلكە دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم قىلىپ بېكىتىلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەكتەپ ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى سىرتتىن ئوقۇش، خىزمەتتىن ئايرىلىپ ئوقۇش مەخسۇس كۇرس سىنىپلىرىنى ئېچىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈشتەك مائارىپ يولىدا ئاكتىپ ئىزدىنىپ ھازىرقى كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەلىمىلىك مەكتەپ ۋەزىيىتىنى پەيدىنپەي شەكىللەندۈرگەن. 1992-يىلدىن باشلاپ ئۈزلۈكسىز ھالدا سۇ تۇپراقنى ساقلاش، سۇ ئىشلىرى قۇرۇلۇشى، ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ توك كۈچى ئۈسكۈنىلىرى، يېزا-بازارلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى قاتارلىق توققۇز خىل كەسىپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 151795 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغىنى 34196 كۋادرات مېتىر. مەكتەپ ئىچىدە يېپىق يوللۇق تېلېۋىزور سىتېمىسى ۋە مەكتەپ تورى قۇرۇلغان. سۇ قۇرۇلۇشى، توپا قۇرۇلۇشى، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى، ئېلېكترون قاتارلىق ھەرخىل ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان تەجرىبىخانا ۋە پراكتىكا زاۋۇتى بار. مەكتەپ شتاتى 237.1999-يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 116 نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 1455 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلغان 20 يىلدىن بۇيان 5063 نەپەر ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيىلىگەن.

شىنجاڭ سۇ ئېلېكتر مەكتىپىئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ مەكتەپ ئاپپارات ئىسلاھاتى ئېلىپ باردى، ھازىر تەسىس قىلىنغان بۆلۈم 13، ئاساسلىق مەكتەپ پارتىيە ھۆكۈمەت ئىشخانىسى، مۇلازىمەت باشقۇرۇش مەركىزى، ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسى، دىنىي ئىشلار باشقارمىسى، تەييارلىق پەن بۆلۈمى، چوڭلار مائارىپى بۆلۈمى، مائارىپ تەتقىقات تەپتىشلىكى ئىشخانىسى قاتارلىق  ئاپپاراتلار تەسىس قىلىنغان. ھەمدە كۆپ خىل ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە باشقۇرۇش كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەن. 

مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 283 مو، مەمۇرىي بىناسى، تەجرىبە بىناسى، ئوقۇتۇش بىناسى، ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى، سۇچىلىق نازارىتى، پراكتىكا زاۋۇتى قاتارلىقلار بار، ئومۇمىي كۆلىمى 32 مىڭ كۋادرات مېتىر، كۆكەرتىش كۆلىمى 108 مو بولۇپ، مەكتەپ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ % 37 ىنى ئىگىلىدى، كۆكەرتىشتە ئۆلچەمگە يەتكەن ئورۇن. 

شىنجاڭ سۇچىلىق - سۇ ئېلېكتر مەكتىپى تېخنىكومى قۇرۇلغاندىن بۇيان، سۇچىلىق مىنىستىرلىكى، شىنجاڭ سۇچىلىق نازارىتى قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ غەمخورلۇقى ۋە يېتەكچىلىكى، زور كۈچىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ سۇچىلىق سۇ ئېلېكتىر كەسپى بولۇپ قالدى، ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى بىر قەدەر تولۇق، ئوقۇتقۇچى كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئوقۇتۇش بازىسى. 

مەكتەپتە ھازىر مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 122 نەپەر، قوشۇمچە ئوقۇتقۇچى 10 نەپەر. ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە ئالىي لىكتور 18نەپەر، لېكتور 60 نەپەر، نۆۋەتتە ئوقۇغۇچىسى 1078 نەپەر.

ئۇزۇندىن بۇيان، ئوقۇتۇش بىلەن پەن - تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈپ، مەكتەپ پەن - تېخنىكا مەسلىھەت بېرىش ئېچىش تارماقلىرى بىلەن ئاساسىي قاتلام ئورۇن بىرلىكتە نۇرغۇن پەن تەتقىقات تۈرى تاماملىدى، مەسىلەن، پامان سۇ ئامبىرى، قىزىلبايراق سۇ ئامبىرىنى تىنىپ تەكشۈرۈش، ئالتاي ۋىلايىتى قابا ناھىيىسى چىبار يېزىسىدىكى چارۋىچىلىق ئولتۇراقلاشقان يەر ئېچىش پىلانى، ئاقتۇ ناھىيەسى كېۋەز - قىزىلچا زىرائەت بازىلىرىنىڭ يۇقىرى بېسىملىق لىنىيىنى بەلباغسىمان يەر شەكلى خەرىتىسى، شامال ئېنېرگىيەسى ئېلېكتر ئىستانسىسى يەر شەكلى خەرىتىسىنى ئۆلچەش، يۇرۇڭقاش دەريا بېشى قۇرۇلۇشى، سۇ ئىنشائاتى مودېلى سىنىقى، غالىبىيەت سۇ ئامبىرىنىڭ ئۇلىنى بىر تەرەپ قىلىش گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش قاتارلىقلار. 

 جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق، شىنجاڭ سۇ ئېلېكتر مەكتىپى مەخسۇس، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەييارلىق سىنىپى، چوڭلار ئالىي تېخنىكوم، خەت - ئالاقە ئارقىلىق ئوقۇتۇش، ئىشچى خىزمەتچىلەر تېخنىكا تەربىيىسى بىر گەۋدە قىلىنغان كۆپ قاتلاملىق، كۆپ يوللۇق مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى خەلقنى ئاساس قىلىش، خەنزۇچە قوش تىلدا دەرس ئۆتۈلىدىغان گەۋدىلىك ئاز سانلىق مىللەت كەسپىي ئىختىساسلىق خادىملارنى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئوقۇتۇش بازىسى، بۇنىڭ ئاساسىدا، بازار ئىگىلىكى ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىغا يەنىمۇ ماسلىشىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ جىددىي ئېھتىياجلىق كەسىپلەرنى تىرىشىپ ياخشى يولغا قويۇش، ئىختىساسلىق خادىملارغا بولغان ئېھتىياجىنى ئاساسەن كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، كۆلەم ئۈنۈمى، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئالغا ئىلگىرىلىتىش.  [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#