بەلىزگۈل
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گەرچە بەلىزگۈلىنىڭ ئۆسۈملۈك تۈپى ئاران 10 −20 سانتىمېتىر بولسىمۇ، بىراق ئىنتايىن چىرايلىق شار شەكىللىك باشسىمان گۈل رېتى بولىدۇ، گۈل رېتىنىڭ مەركىزىدە سېرىق رەڭلىك نەيچىسىمان گۈللىرى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، تۆت ئەتراپىدا رەڭگى كۆركەم تىلسىمان گۈللىرى ئۆسىدۇ، ئۇلار ئادەتتە گۈل تاج ياپراقچىلىرى دېيىلىدۇ. رەڭگى ئاق، سۇس قىزىل، توق قىزىل، ئوچۇق قىزىل قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ. چىرايلىق رەڭگى ماسلاشقان بۇ كىچىك گۈل كۆپىنچە گۈلزارلىقلاردا تۇتاش تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ، ئىتالىيىلىكلەر ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە ئۇنى دۆلەت گۈلى قىلىپ بېكىتكەن.
بەلىزگۈلنىڭ ئەسلىي ماكانى ياۋروپا بولۇپ، سوغۇققا چىداملىق، باش باھاردا، يەنى فېۋرالدىلا چېچەكلەيدۇ. بۇ مەزگىلدە زېمىن تېخى كۆكەرمىگەن، باشقا گۈللەر ئىنتايىن ئاز بولغاچقا، چىرايلىق ئېچىلغان بەلىزگۈللەر كىشىلەرگە تۇنجى بولۇپ باھار يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئۇنىڭ گۈللىرى تاكى ماي ئېيىغىچە چېچەكلەپ تۇرىدۇ. چېچەكلەش مەزگىلىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىمۇ بەلىزگۈلنىڭ چوڭ بىر ئارتۇقچىلىقى ھېسابلىنىدۇ.
بەلىزگۈل سامان غوللۇق گۈل-گىياھلاردىن بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىشىلەرنىڭ كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن بەلىزگۈل چەتتىن كىرگۈزۈلۈپ،
ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلمەكتە .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.