تىبەت قوڭۇر ئېيىقى

تىبەت قوڭۇر ئېيىقى

تىبەت قوڭۇر ئېيىقى يەنە ئالا ئېيىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تىبەت قوڭۇر ئېيىقى چوڭ تىپتىكى يىرتقۇچ ھايۋان، سوغۇق ئوتلاقلاردا، يېرىم چۆل ئوتلاقلىرىدا ياشايدىغان بۇلۇپ،  دۆلەت تەرىپىدىن ئىككىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋان. 

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى تىبەت قوڭۇر ئېيىقى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 西藏棕熊
ئىنگىلىسچە ئاتىلىشى Horse bear
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى
باشقا ئاتىلىشى ئاتباش ئېيىق، تىبەت ئېيىقى، ئالا ئېيىق
لاتىنچە لاتىلىشى Ursus arctos pruinosus
ئائىلىسى ئېيىق ئائىلىسى
كەنجى ئائىلىسى ئېيىق كەنجى ئائىلىسى
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالا ئېيىق (تىبەت قوڭۇر ئېيىقى)

چوڭ تىپتىكى يىرتقۇچ ھايۋان، ئەمما قوڭۇر ئېيىقتىن سەل كىچىك، تەن ئۇزۇنلۇقى 1.3 مېتىر ئەتراپىدا، تەن ئېغىرلىقى 150–170 كىلوگرام كېلىدۇ. مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى روشەن، ئالدى پۇتى كەينى پۇتىدىن ئۇزۇن، قۇيرۇقى ئىنتايىن قىسقا، پۇتلىرى قوڭۇر ئېيىقنىڭكىدىن توم ۋە قىسقىراق بولىدۇ. 

پۇتىدا بەش بارمىقى، ھەربىر بارمىقىدا تۈز ھالەتتىكى ئاقۇچ تىرناقلىرى بولىدۇ. پۈتۈن تېنى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە ياكى سېرىق بىلەن قارا ئارىلاشقان ھالەتتە كۆرۈنىدۇ. بېشى قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. قۇلىقى ئەتراپىدىكى تۈكلىرى سەل ئۇزۇن بولۇپ، قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. كۆكرىكىدە يوغان ئاق بەلۋاغسىمان تۈكلىرى بولىدۇ. 

بۇ بەلۋاغسىمان تۈكلىرى مۈرىسىگىچە سوزۇلغان بولۇپ، خۇددى بىر ئاق چەمبىرەك ئېسىپ قويغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئالا ئېيىق قوڭۇر ئېيىقنىڭ قېرىنداش تۈرى، شۇنداقلا قوڭۇر ئېيىقنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ ئېگىز تاغنىڭ سوغۇق ھاۋا كىلىماتىغا ماسلاشقان بىر تۈرىدۇر. ئۇنىڭ قوڭۇر ئېيىق بىلەن بولغان روشەن پەرقى تېنى كىچىك، تىرنىقى قىسقا، تۈز ھەم ئاقۇچ، بوينىدا چوڭ ئاق ئالىسى بولىدۇ. ئالا ئېيىققا 1854– يىلى نام بېرىلگەن بولۇپ، بەزى زوئولوگلار ئۇنى قوڭۇر ئېيىقنىڭ بىر كەنجى تۈرى دەپ قارايدۇ.

ئالا ئېيىق (تىبەت قوڭۇر ئېيىقى)ئالا ئېيىق ئېگىز تاغلىق يايلاقلاردا، سوغۇق ئوتلاقلاردا، يېرىم چۆل ئوتلاقلىرىدا ياشايدۇ. ئادەتتە ئورمانلىق ئىچىگە كىرمەيدۇ. ياشاش مۇھىتىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3500–5500 مېتىر بولىدۇ. ئادەتتە يالغۇز ھەرىكەت.قىلىدۇ. ‹‹ئانا›› ئېيىق بالىلىرى بىلەن بىللە ھەرىكەت قىلىدۇ.ئۇلار ئاساسەن كۈندۈزى ھەرىكەت قىلىدۇ. ئاڭلاش، كۆرۈش سەزگۈسى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان، لېكىن پۇراش سەزگۈسى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، دالىدا پۇراش سەزگۈسىگە تايىنىپ نىشاننى تاپىدۇ.

 ئۇ ئادەم ھىدىنى ناھايىتى ئاسان سېزىۋالىدۇ ھەم ئادەم ھىدىنى پۇرىغان ھامان ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ. بەزى ئالاھىدە ئەھۋالدا ئادەمگىمۇ ھۇجۇم قىلىدۇ.

 ئالا ئېيىقنىڭمۇ قوڭۇر ئېيىققا ئوخشاش ھەر يىلى ئۈچەككە كىرىدىغان ئادىتى بولۇپ، 10–ئاينىڭ ئاخىرى 11–ئاينىڭ باشلىرى ئۈچەككە كىرىپ ئىككىنچى يىلى 3–، 4–ئايلاردا ئۈچەكتىن ئويغىنىدۇ.

ئۇ ئاساسلىقى ئېگىز تاغ توشقانباش چاشقىنى ۋە سۇغۇر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ بالىلىرى، ئاجىز، قېرى، كېسەللىرى، بىر قىسىم قۇشلار، قوش ماكانلىقلار، بېلىقلار ۋە ئوت–چۆپلەر بىلەنمۇ ئوزۇقلىنىدۇ.

ئالا ئېيىق (تىبەت قوڭۇر ئېيىقى)تىبەت قوڭۇر ئېيىقى ئادەتتە ئىككى يىلدا بىر قېتىم كۆپىيىدۇ، ھەر يىلى 5-7–ئايلاردا چېتىشىدۇ، بۇ چاغلاردا چىشىسى بىلەن ئەركىكى بىللە ھەرىكەت قىلىدۇ، چېتىشىپ بولغاندىن كېيىن ئايرىلىپ يالغۇز ھەرىكەت قىلىدۇ.

 بوغاز ۋاقتى 6–7 ئاي بولۇپ ، كۆپىنچە قىشلىق ئۇۋىسىدا تۇغىدۇ، ھەر قېتىمدا 1– 2 نى تۇغىدۇ، بالىلىرىنى ‹‹ئانا›› ئېيىق باقىدۇ، ئۇ ئۈچەكتىن چىققاندا ناھايىتى ئېچىرقاپ كەتكەچكە ۋەھشىيلىشىپ كېتىدۇ.

ئالا ئېيىق يالغۇز بىرلا تۈر بولۇپ كەنجى تۈر دەپ ئايرىلمايدۇ، ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۇئىنلۇن تېغىغا تارقالغان، ئىچكى ئۆلكىلەردىن چىڭخەي، شىزاڭ، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلارنىڭ بىر قىسىم تاغلىرىغا تارقالغان، چەت ئەللەردە ياۋروپا، ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە تارقالغان.

ئالا ئېيىق دۆلىتىمىزنىڭ ئالاھىدە يەرلىك تۈرى بولۇپ، ئېگىز تاغلىق رايونلاردا ياشايدىغان ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنىڭ بىرى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئېگىز تاغ ھايۋانلىرى تەتقىقاتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، باشقا جەھەتلىرى قوڭۇر ئېيىق بىلەن ئوخشاش.[2]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

2.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uyghur.news.cn/20120427/c_131556600.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#