ئەلئېھرام

ئەلئېھرام

مىسىردىكى نىل دەرياسى بويلىرىدا 80 دىن ئارتۇق ئەلئېھرام بار، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغىنىغا 4000 يىلدىن ئاشقان بولۇپ ، دۇنيادىكى سەككىز چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرىگە ئايلاندى .

ئۇيغۇرچە نامى ئەلئېھرام
ئىنگىلىزچە نامى Pyramids
قاراشلىق رايون قائىرە
خەنزۇچە نامى 埃及金字塔
تەۋە دۆلەت مىسىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەلئېھراممىسىردىكى نىل دەرياسى بويلىرىدا 80 دىن ئارتۇق ئەلئېھرام بار، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغىنىغا 4000 يىلدىن ئاشقان بولۇپ ، دۇنيادىكى سەككىز چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرىگە ئايلاندى . ئەلئېھرام ھەيۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن ، يەنە قۇرۇلمىسىمۇ ئاجايىپ مۇرەككەپ ، ئۇنىڭغا قەدىمكى مىسىرلىقلارنىڭ ئەمگەكچانلىقى ۋە ئەقىل -پاراسىتى مۇجەسسەملەشكەن .

ئەلئېھرامئەلئېھرامنى قۇرغۇچىلار ئالدى بىلەن مىس ياكى بروننا ئىسكىندىن پايدىلىنىپ قورام تاشلارغا تۆشۈك ئاچقان ، ئاندىن ياغاچ شىنىلارغا قېقىپ سۇدا نەمدىگەن ، ياغاچ شىنە سۇدا كۆپكەندىن كېيىن ، قورام تاشلار يېرىلغان . ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئۇلاغ كۈچى ۋە دۈگىلەك لىملاردىن پايدىلنىپ ،غايەت زور قورام تاشلارنى قۇرۇلۇش ئورنىغا يۆتكىگەن ، يەنە قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان مەيداننىڭ تۆت تەرىپىگە قۇم دۆۋىلەپ يانتۇۇلۇق ياساپ ، قورام تاشلارنى يانتۇلۇقتىن پايدىلىنىپ ئەلئېھرامنىڭ ئۈستۈدىكى قىسمىغا ئېلىپ چىققان . مانا مۇشۇنداق بىر قەۋەت توپا دۆۋىلەپ ، بىر قەۋەت تاش قويۇرۇپ تەدرىجىي ئېگىزلىتىش ئارقىلىق ھەيۋەتلىك ئەلئېھرام ئاز - ئازدىن پۈتتۈرۈلگەن ، بۇ قەدىمكى مىسىر ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئەقىل -پاراسىتىنى نامايان قىلىدۇ .

ئەلئېھراممىسىردىكى ئېھراملار ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى بىر مۆجىزە . مىلاىديىدىن ئىلگىرىكى 300-يىللار ئۆپچۆرىسىدە ، نۇرغۇنلىغان كىشلەر پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلىپ ، ئېھرامنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆلچەپ چىقىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ، ئەمما ھېچقانداق نەتىجە چىقىرالمىغان . بىر كۈنى قەدىمكى گرېتسىيىنىڭ ئۇلۇغ ماتىماتىكا ئالىمى ئېۋكلىد ئۆزىنىڭ يەرگە چۈشكەن سايىسىنى كۆرۈپ قېلىپ ، بىردىنلا بىر ئەقىل تاپقان . ئۇ : ئېھرامنىڭمۇ سايىسى چۈشىدۇ ، ئەگەر ئۆز سايەم بويۇمنىڭ ئېگىزلىكى بىلەن تەڭ بولغان چاغدا ئېھرامنىڭ سايىسىنى ئۆلچىسەم ، مۇشۇنىڭ بىلەن ئېھرامنىڭ ئېگىزلىكىنى تاپقىلى بولمامدۇ ؟ دەپ ئويلىغان . شۇنىڭ بىلەن ، ئۇ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش ، ئاندىن كۆپ قېتىم ئۆلچەش ئارقىلىق ، ئاخىرى ئېھرامنىڭ ئېگىزلىكىنى بىر قەدەر توغرا ئۆلچەپ چىققان .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#