گوتىك

 گوتىك (Gothic) ئەسلى ئوتتۇرا-غەربى ياۋروپادىكى گېرمان قەبىلىلىرىنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئاتالغۇنىڭ ئەسلى مەنبەسى غەربىي ياۋروپادىكى گېرمان قەبىلىلىرىنىڭ ئاتالغۇسىدىن كەلگەن. 18-19-ئەسىرلەردىكى ئىمارەت مەدىنىيتى ۋە مەتبۇئاتلاردىكى «گوتىكنىڭ گۈللىنىشى»(Gothic Revival) ئاساسىدا ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇدھىش كەيپىياتلار بىلەن قاراڭغۇ گۆرلەردىن قېزىۋېلىنغان ئاسارە ئەتىقە ۋە رىم دەۋرىدىكى رېتسارلىق مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان.

ئۇيغۇرچە گوتىك
ئىنگىلىزچە gothic
خەنزۇچە 哥特人

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گوتىك (Gothic) ئەسلى ئوتتۇرا-غەربى ياۋروپادىكى گېرمان قەبىلىلىرىنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئاتالغۇنىڭ ئەسلى مەنبەسى غەربىي ياۋروپادىكى گېرمان قەبىلىلىرىنىڭ ئاتالغۇسىدىن كەلگەن. 18-19-ئەسىرلەردىكى ئىمارەت مەدەنىيتى ۋە مەتبۇئاتلاردىكى «گوتىكنىڭ گۈللىنىشى»(Gothic Revival) ئاساسىدا ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇدھىش كەيپىياتلار بىلەن قاراڭغۇ گۆرلەردىن قېزىۋېلىنغان ئاسارە ئەتىقە ۋە رىم دەۋرىدىكى رېتسارلىق مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان.

   گوتىكلار گېرمانلارنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا كەڭ تارقالغان. مىلادى بىرىنچى ئەسىردىن باشلاپ رىملىقلار ئۇلارنىڭ دوناي دەرياسى بويىدا ياشايدىغانلىقىنى بىلگەن. ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھونلار غەرىپكە توشۇلغان ۋاقىتلاردا گوتىكلار بېسىمغا ئۇچىراش سەۋەبىدىن تارقىلىپ كەتكەن. ئۇلار غەرىپكە قاراپ كۆچۈپ، دوناي دەرياسىدىن تەدرىجىي يىراقلاشقان. رىملىقلار زاۋال تاپقاندىن كېيىن ئوتتۇرا ئەسىردىكى گوتىكلار باشقا ئۆكتەم مىللەتلەردىن رىم ئىمپىريىسىدىن قالغان زىمىننى تالاشقان(تارتىۋالغان).

   بىزنىڭ بىردىنبىر بىلىدىغىنىمىز گوتىكلارنىڭ ئەسلى ماكان مەنبەسى بولغان بالتىق دېڭىزىدىكى گېران ئارىلىدۇر. ئۇ جەنۇبىي كېچىك (يۇگۇسلاۋىيە) تىن ئوتتۇرا ياۋروپا بارغاندا ئىككى توپقا بۆلۈنگەن. جەنۇبىي گوتىكلار مىلادىن 2-ئەسىردىن باشلاپ ھازىرقى رومىنىيەدە ئولتۇراقلاشقان. شىمالىي گوتىكلار داۋاملىق شىمالغا يۆتكىلىپ قارادېڭىزنىڭ غەربىي شىمالىي قىرغىقىدا ئولتۇراقلاشقان. 367-يىلى غەربىي گوتىكلار ھونلارنىڭ بېسىمى بىلەن دوناي دەرياسى ئەتراپىدىكى رايونلارغا كۆچۈپ كەلگەن كېيىن ئىتالىيە تەرەپكە يۆتكەلگەن.

   409-يىلى، شىمالىي گوتىكلار پادىشاھ ئارالىنىڭ يول باشلىشى بىلەن رىم شەھىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان. كېيىن شىمالغا ئىلگىرلەپ گاللومانغا كەلگەن. شىمالىي گوتىكلار ھونلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تارقىتىۋېتىلگەن ۋە مىللەتداشلىرى (غەربىي گوتىكلار) ماڭغان يولدا مېڭىش پىرىنسىپىنى باشلىغان ھەم بەشىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئىتالىيەگە كىرگەن. 493-يىلى پۈتۈنلەي كونترول قىلغان. 552-يىلى شىمالىي گوتىكلار ئىتالىيە تەرپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 6-ئەسىردىن كېيىن ئىتالىيە يېڭى تاجاۋۇزچى-رۇباتلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بۇ چاغدا شىمالىي گوتىكلار پۈتۈنلەي يوقۇتۇلۇپ پەقەت ئۇششاق توپلىرىلا قالغان. غەربىي گوتىكلارنىڭ ئىسپانىيەگە قىلغان يۈرۈشى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىچكى قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن 711-يىلى ئەڭ ئاخىرقى گوتىك پادىشاھلىقى زاۋال تاپقان.

گوتىكلار جاھاننى بىر مەزگىل قالايمىغان قىلغانلىقتىن نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلغان. ھازىرقى ئىتالىيانچە، ئىسپانچە، پورتىگال ۋە رومىنىيەدىكى تىللارنىڭ ئەسلى مەنبەسى لاتىن تىلى بۇ ئۆزگىرىشلەر كېيىنكى گېرمانلارنىڭ ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات داۋاملىشىغا سەۋەپ بولغان.

    

   18-ئەسىرلەرگە كەلگەندە بىرقىسىم «گوتىك ھېكايىلىرى» بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن، ۋولپۇلنىڭ(Walpole) «ئوترانتو قورغىنى» (The Castle of Otranto)، ئەن رادىكىلفنىڭ (Ann Radcliff)«ئودولفونىڭ سىرى»(The Mysteries of Udolpho)، لېۋىسنىڭ (Lewis)«راھىب»(The Monk) دېگەندەك 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىغا كەلگەندە پانك (Punk)گوتىك ئېقىمىغا سىڭىپ كىردى. ئەسلىدىكى پانكىرلار زوراۋان ۋە كۈچلۈك ئاغدۇرمىچى خارەكتىرگە ئىگە ئىدى. "ۋارشاۋا"نىڭ (Warsaw)«كۆڭۈللۈك بۆلىنىش»(Joy Division)نىڭ مەيدانغا چىقىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى شەك-شۈبھسىز ھالدا بۇزغۇنچىلىق نەپىسى ۋە ئانارخىزم(ھۆكۈمەتسىزلىك) قاپلاپ، كېيىنكى دەۋىر پانكلار (Post-Punk) نىڭ دەۋرى بولدى.

    

    ئەڭ دەسلەپكى گوتىكچە مۇزىكىلارنىڭ ۋەكىلى «سىئوكسي ۋە ئايال جىن»(Siouxsie and the Banshees)،«بوۋخاس»(Bauhaus) قاتارلىقلار. ئۇلاردا غەمكىنلىك،تەركىي دۇنيالىق ھېسياتى تولۇپ تاشقان. مۇزىكىللىرى سوغۇق، ئەمما ناھايتى زىل گۈزەللىك تۇيغۇسىغا ئىگە. ئەمما ئاۋاز دائىرىسىدە نۇرغۇنلىغان چەتنەش خارەكتىرلىك ئاۋازلارنى ئىشلىتىدۇ. ناخشا تېكىستى ۋە ئورۇنلاش ئۇقۇمىدا ھاياتلىق، ئىشقى-ھەۋەس جىمجىت نامايەن بولىدۇ. رىئاللىقتىن بىزار بولۇش ئۇلارنىڭ مودا پىسخىكىسى.

لەن كۇرتىس

    دەسلەپكى دەۋىردىكى پانكلار ھاياتلىقنىڭ ئىزاھاتىغا نىسبەتەن مەيۈسلىك ۋە ئۈمىدسىزلىنىش پىسخىكىسىدا بولدى.  مەسىلەن «كۆڭۈللۈك بۆلىنىش»(Joy Division) نى ئېيتقان لەن كۇرتىس(Ian Curtis) ئېسىلىپ ئۆلىۋالدى. ئاشۇ جاننى ئۇپرىتىپ بارلىققا كەلگەن نوتىلار «كۆڭۈللۈك بۆلىنىش»نى بارلىققا كەلتۈرگەن ئۆچمەس كلاسسىك، مۇشۇ تۆۋەن ئاۋاز مەدىنىيتىگە شاھىد بولدى. ئۇنىڭ ئاشۇ غۇۋالىقى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، غەمكىنلىكى كىيىنكىلەرگە ئېرسىيەت قېلىپ، پۈتكۈل پانك مەدىنىيتىنى تۇتۇق ۋە قاراڭغۇ قىلىپ يىتىشتۇردى. 80-يىللار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى تەرپىدىن بارلىققا كەلگەن مول-ھوسۇللۇق ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئۆتكەن دەۋرى بولدى. يەككە مۇزىكا ساھەسىدە بولسۇن جىققىدە بىر تۈركۈم زۇلمەت كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار، ئۇسلۇبى غەلىتە گۇرۇپپىلار بارلىققا كەلدى. مۇزىكىللىرى ئۆزلىرى تەرپىدىن قىسىلدى، ھەتتا ھاياتلىققا نىسبەتەن قارغاشتا بولدى. مەسىلەن «مىسسىئون (دىنىي جەمىئيەت)»(The Mission)، «سۈبھى ھەققىدە»(All about Eve)، «نىفىلىم»(Fields of the Nephilem)،«نەزىر»(The Cult) قاتارلىقلار. بۇ ئۈمىدسىزلەندۈرۈلگەن، ناچار كەيپىيات، چۈشكۈن گۇرۇپپا ۋە ياكى ناخشىچىلار، پانكلاردىن ئاشۇنداق چېكىدىن ئاشقان ۋەيران قىلىش ئېڭى، ئېقىمغا قارشى ھالدا ئۆچمەنلىك قاپلىغان قاراڭغۇ دۇنياغا مېڭىش پىسخىكىسىنى قوبۇل قىلدى. دەل مۇشۇلار 80-يىللاردا روك ساھەسىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللىگەن تۆۋەن ئاۋازلىق روھ.

    بىز تېخى گېرمانىيەنى تىلغا ئالمىدۇق. گوتلار گېرمانلارنىڭ بىۋاستە ئەجدادى بولغاچقا گېرمانىيە ھازىرقى گوتىك مۇزىكىللىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ماكانى. گېرمانىيەدىكى نۇرغۇن روك گۇرۇپىلىرى DARKWAVE نىڭ تۆۋەن ئاۋاز ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلغان. Project Pitchfork گېرمانىيەدىكى گوتىك ئۇسلۇبىنى باشلىغان ۋە پەللىگە كۆتۇرگەن گۇرۇپپا. ۋەكىللىك ئالبومى«Dhyani »، بۇ ساپ قارا مۇزىكا ۋە تەقرىز ئۇسلۇبىدىكى تېكىستلاردىن تۈزۈلگەن. نۇرغۇن گۇرۇپپىلارنىڭ ئۇسلۇبىنى بېكىتىش تەس. مەسىلەن،ئىتالىيەنىڭ  20Take Kirlian Cameraيىلدىن بۇيان ئۇسلۇبلار يىلدىن-يىلغا ئۆزگىرىۋاتىدۇ. فرانسىيەنىڭ شەھۋەتىزىملىق

 قاراڭغۇ مېتال گۇرۇپپىسى Die FORM نىڭ مۇزىكىللىرىنىڭ ئاساسىي تېمىسى كۆپىنچە S/M (جىنسىي ئەسەبىيلىك)بىلەن چېتىشلىق.

ئۇلارنىڭ ھەربىر ئەسەرلىرى ئادەمنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ھەيران قالدۇرىدۇ. يەنە بىر فرانسىيە گۇرۇپپىسى Collectiond Arnell Andrea نىڭ پىئانىنو ئۇسلۇبى ناھايتى ئالاھىدە بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە خاسلىقىغا ئايلانغان. يېڭى كلاسسىزىملىق The Protagonist، كەيپىيات ئېقىمىلىق Raisond Etreگۇرۇپىسى دىگەندەك.

    گوتىك تېكىستلىرىدىن بىزدىن، جىنسىيەت، ئۆلۈم، ئۈمىدسىزلىك، خىرىستوس ۋە باشقا زىل مەنىدىكى جۈملىلەرنى ئۇچرىتىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى گوتىك مۇزىكىللىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئىلمىنىتلاردۇر. گوتىك روكنىڭ ئۇسلۇبىنى «كۆڭۇللۈك بۆلىنىش» دىن پەيدا بولغان دىيىشكە بولىدۇ. مەيلى قانداقلا  بولمىسۇن، «ئۆلۈم»گوتىك روكتىكى ھالقىلىق سۆز.

    20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى دەۋرىدە ئېقىمسىز مۇزىكىلار پەيدا بولۇپ، يېڭى تۈردىكى مۇزىكىلارنىڭ ئاساسىنى تىكلىدى. ناۋادا سىز يېڭى مۇزىكىلارنىڭ تارىخىنى ياخشى بىلسىڭىز، 70-يىللارنىڭ ئاخىرى 80-يىللاردىكى "پىچەت كېيىنكى پانك"(Post Punk Cool)، "يېڭى كلاسسىك"(Neo-Classical)، "يېڭى خىپىس"(Neo-Hippies) دىگەن ناملار سىزگە يېڭى بىلىنمەيدۇ. ئۇلار ئاستا-ئاستا ئارلىشىپ كېيىن گوتىك مۇزىكا ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن.

    90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىدىن كېيىن، گوتىك بارغانسىرى كېيىنكى مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ مەزمۇنى كېڭەيدى، مەسىلەن، ئاياللار، ئىنساپسىزلار(پەرزەنتلەر)، ھەمجىنىسلىقلار دىگەندەك.

  خارەكتىرى:

تارتىنچاق، بېرىش-كېلىش بىلەن خوشى يوق.

سەنئەتلىك خائىشى:

سەنئەت بۇلۇپمۇ مۇزىكا. فوتوگرافلىق، رەسىم سىزىش. ئەدەبىيات، تارىخ، پەلسەپە.

كىيىنىشى:

مەڭگۈلۈك قارا ياكى تۇتۇق رەڭلىك كىيىملەر. دىنىي خارەكتىرلىك بۇيۇملار. ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتقادى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئەمما مەڭگۇ ئالتۇن بۇيۇملارنى تاقىمايدۇ.

مۇزىكىدا:

darkwave ،gotht-echn ،dark-alternative ،ambiente دىگەندەكلەر. ئۇمۇمەن تەسۋىرلىگەندە، قاراڭغۇدىكى ۋەھىمە، ئۆلۇمنىڭ ھەسرىتى، پەرھىزلىك مۇھەببەت، ئادەمنىڭ روھىدىكى قاراڭغۇلۇقلار، ئەنئەنىۋى ئەخلاقتا چەكلەنگەن باشقا مەزمۇنلار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#