قىزىل بازىرى

قىزىل بازىرى

قىزىل بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى قىزىل بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 336 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 克孜勒镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى
نوپۇسى 18421 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىزىل بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان، قىزىل بازىرى ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق يېزا-بازىرى. قىزىل بازىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى، ئونسۇ ناھىيەسى شەرقىي جەنۇبىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، ئاقسۇ بىلەن بولغان ئارىلىقى 17 كىلومېتىر، شەرقتە ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانى، گۈلئاۋات يېزىسى، جەنۇب تەرىپىدە يېزا ئىگىلىك 1-شىسىنىڭ 6-تۇەن-مەيدانى، غەربىدە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئورمانچىلىق مەيدانى بىلەن قوشنا، شىمالدا قۇمتام دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە ئىشلەمچى چىمەن يېزىسى، جام بازىرى بار.

قىزىل بازىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 336 كۋادرات كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 28 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى تەخمىنەن 12 كىلومېتىر؛ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 163480 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 10 مو، بازاردا جەمئىي  4562 ئائىلە بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 18421 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 18304 ئادەم، يېزا نوپۇسى 15943؛ تەۋەسىدە 12 مەمۇرىي كەنت، 71 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، بىر مەھەللە، بىر قۇملۇق يېڭى كەنتى باشقۇرۇش كومىتېتى بار. 

دوستلۇق مەھەللىسى، ئوقتېرەك كەنتى، چېكىت كەنتى، ئەركىنتۇر كەنتى، باشاقچى كەنتى، قاراسار كەنتى، ئوغلۇن كەنتى، غوللۇق كەنتى، قالىق كەنتى، پامان كەنتى، جاغدا كەنتى، يېرما كەنتى، توكتۇر كەنتى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#