قاراجون يايلىقى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تېكەس ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغ باغرىغا جايلاشقان قاراجون يايلىقىنىڭ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 58 كىلومېتىر كىلىدۇ. يايلاقنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 3 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شەرقتىن غەرىبكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 58 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 32 كىلومېتىر. قاراجون قازاقچە سۆز بولۇپ، ‹‹ تاغ قىرىدىكى چىمەنزار ›› دىگەن مەنىدە. قاراجون يايلىقى ئېگىز تاغلىق يايلاق بولۇپ، ئىلى ئوبلاستىدىكى ئەڭ گۈزەل جايلارنىڭ بىرى. ھەر يىلى يازدا ئۇ يايلاق بەس-بەستە ئېچىلغان ھەرخىل گۈللەر بىلەن تولۇپ، خۇددى ئوتقاشتەك جۇلالىنىپ تۇرغان بىر پارچە گىلەمگە ئوخشاپ قالدى.
قاراجون يايلىقىنىڭ سۇ مەنبەسى مول، ھاۋا كىلىماتى مۆتىدىل، تۇپرىقى مۇنبەت بولغاچقا، ھەرخىل ئوت-چۆپ، گۈل-گىياھلارنىڭ ئۆسۈشىگە تۇلىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.
قاراجون يايلىقى گەرچە ئانچە يىراق بولمىسىمۇ، تېكەس ناھىيەسىدىن قاراجون يايلىقىغىچە بارىدىغان يول بىرقەدەر خەتەرلىك بولۇپ، يانتۇلۇق دەرىجىسى يۇقىرى. شۇڭا ئۇ يەرگە بارغاندا خەتەرلىك يوللاردا مېڭىشتا تەجىربىسى بار شوپۇرلاردىن بىرنى تەكلىپ قىلىش بىر قەدەر بىخەتەر بولىدۇ. قاراجون يايلىقىنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئۆزگىرىشچان بولغانلىقتىن، ئۇ يەرگە بارغاندا ئېھتىيات ئۈچۈن قېلىنراق كىيىم-كېچەك، تەييار يېمەكلىكلەرنى ئېلىۋېلىش لازىم. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.