كراكوۋ
پولشىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان مۇھىم سانائەت شەھىرى، كراكوۋ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ بىرى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ھازىر پولشىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، بۇ جايدىكى پولات-تۆمۈر سانائىتى پولشا بويىچە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، شەھەرنىڭ شەرقىدىكى يېڭى گوتا رايونىدا پلشا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ پولات-تۆمۈر بىرلەشمە كارخفنىسى بار. پولات-تۆمۈر سانائىتىدىن باشقا ماشىنىسازلىق، پاراۋوز، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائىتى(سېمونت، ئوتقا چىداملىق ماتېرىياللار، پولات-سېمونت بىلەن قاتۇرۇلغان ماتېرىياللار) ، كۆمۈركان سانائىتى، يېمەك-ئىچمەك سانائىتى، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەتلەرمۇ تەرەققىي قىلغان.
كراكوۋ ۋارشاۋادىن قالسا دۆلەت بويىچە ئىككىنچى مەدەنىيەت مەركىزى. ئۇ جايدا 1364-يىلى قۇرۇلغان ئالىي مەكتەپ، ئۇنىۋېرسال
سانائەت داشۆسى، سەنئەت شۆيۈەنى، كان-مېتاللۇرگىيە شۆيۈەنى، ئاتوم فىزىكىسى تەتقىقات ئورنى، ئوبسېرۋاتورىيە، رەسەتخانا، مۇزېي، ۋاۋېر سارىيى(قەدىمىي گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرى ساقلىنىدۇ) ، كونىشەھەر خارابىلىرى، چېركاۋلار ۋە قەدىمىي تارىخىي ئورۇنلار بار. بۇ قايدا 1966-يىلىدىن باشلاپ قەرەللىك ھالدا گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان بولدى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.