جاقۇچىنىرۇ يېزىسى

جاقۇچىنىرۇ يېزىسى

جاقۇچىنىرۇ يېزىسى شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستىدىكى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى جاقۇچىنىرۇ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 560 مىڭ مو
كىلىماتى ئىللىق، نەم، كۈن نۇرى يېتەرلىك
خەنزۇچە ئاتىلىشى 扎库齐牛录乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى
نوپۇسى 13 مىڭ ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى zhā kù qí niú lù xiāng

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جاقۇچىنىرۇ يېزىسىچاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى تەۋەسىدىكى جاقۇچىنىرۇ يېزىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 560 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر 50 مىڭ 800 مو، كەڭ كەتكەن كۈزلۈك يايلاقلار ۋە تېرىشقا بولىدىغان چىغ ساھىلى بار. ناھىيە بويىچە بىر دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق چوڭ يېزىسى. ئىسلاھات ‐ ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغاندىن ئېتىبارەن، يېزا-بازار كارخانىلىرى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلغان، دەسلەپكى قەدەمدە كۆمۈر، قىزىل خىش، ھاك تاش، شېغىل ماتېرىيالى، ئېسىل گۈرۈچ پىششىقلاش، ئاشلىق ياغ پىششىقلاپ ئىشلەش ئاساس قىلىنغان سىستېما شەكىللەنگەن. كالا بېقىش رايونى قۇرۇلۇشى دەسلەپكى كۆلەمدە بارلىققا كەلگەن.

جاقۇچىنىرۇ يېزىسىشىنجاڭ ئىلى ئوبلاستىدىكى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان. جاقۇچىنىرۇ يېزىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل، قاتنىشى قولاي، شىمالدا ئىلى ئوبلاستىنىڭ مەركىزى غۇلجا شەھىرى ‐ جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى سودا مەركىزى بىلەن 3 كىلومېتىر ئارلىقتا دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، غەربىي بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقى 10 كىلومېتىر، دۆلەتنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك پورت قورغاس چېگرا ئېغىزى، دولاتا پورتلىرى بىلەن بولغان ئارلىقى ئايرىم-ئايرىم 100 كىلومېتىر ۋە 62 كىلومېتىر كېلىدۇ.

 قارمىقىدا بەش مەمۇرىي كەنت بار، پۈتۈن يېزا ئومۇمىي نوپۇسى 13 مىڭ ئادەم، شىبە، قازاق، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق 12 مىللەت ئولتۇراقلاشقان.

جاقۇچىنىرۇ يېزىسىنىڭ كىلىماتى ئىللىق، نەم، كۈن نۇرى يېتەرلىك، دەريا-ئېقىنلار كۆپ، سۇ ئىنشائاتى سۇغىرىش ئۆستەڭلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن. 200 يىلدىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات تارىخى بار، شال، ئىلى چوڭ مۇچى، تاۋۇز، يەر ياڭىقى، سەرەبىل قاتارلىق ئۆزگىچە ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى چوڭ. نەسىللىك سۈت كالىسى، تەڭرىتاغ بۇغىسى باقمىچىلىقى ۋە بورداقچىلىقى تەدرىجىي ھالدا مۇھىم ئەۋزەل كەسىپلەرگە ئايلانغان.

شال تېرىقچىلىقى

چاپچال ناھىيەسىنىڭ شال تېرىش تارىخى ئۇزۇن. ھازىر ناھىيە بويىچە شال تېرىش كۆلىمى 10 مىڭ مودىن ئاشقان. ئەمما جاقۇچىنىرۇ يېزىسىنىڭ ھەر يىللىق شال تېرىش كۆلىمى ئوتتۇرىچە 20 مىڭ مو ئەتراپىدا مۇقىملاشتۇرۇلغان، ئەلا سۈپەتلىك، داڭلىق ماركا ۋە مۇناسىپ پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى ۋە مەلۇم بازار ئۈلۈش قۇرۇلۇشىغا ئاساس ھازىرلىغان بولۇپ بىر قەدەر ياخشى ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى بار.

كۆكتات تېرىقچىلىقى

جاقۇچىنىرۇ يېزىسىبىرىنچى، ئىلى چوڭ مۇچ تېرىقچىلىقى، ئىلى چوڭ مۇچى ئۇنىڭ رەڭگى توق، تەمى ياخشى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. جاقۇچىنىرۇ يېزىسىنىڭ ھەر يىللىق تېرىلغۇ كۆلىمى ئوتتۇرىچە 3000 مو ئەتراپىدا مۇقىم بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارى ئون مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ. ئىككىنچى، سەرەبىل يېڭىدىن گۈللەنگەن بىر كەسىپ. سەرەبىلنىڭ كۆپ خىل ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارى ۋە يۇقىرى ئۈنۈمى بار، دۇنيادىكى ئون چوڭ داڭلىق كۆكتاتنىڭ بىرى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان كېڭەيتىپ تېرىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە يېزا بويىچە تېرىلغۇ كۆلىمى 4 مىڭ موغا يەتكەن.

يەر ياڭىقى تېرىقچىلىقى

جاقۇچىنىرۇ يېزىسىنىڭ يەر ياڭىقى تېرىشى، چاپچال ناھىيەسىدە يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ھەر يىلى تېرىش كۆلىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4000 مو ئەتراپىدا بولۇپ، مو بېشى ئۈنۈمى مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغاچقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەدرىجىي ئۇزۇن يۆلىنىشكە يۈزلەنگەن.

باقمىچىلىقى

جاقۇچىنىرۇ يېزىسىنىڭ چارۋىچىلىقى ئىزچىل تۈردە چاپچال ناھىيەسى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نەسىللىك سۈت كالىسىنىڭ باقمىچىلىق كۆلىمىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىپ، سۈت، گۆش مەنبەسى بازىسى تەدرىجىي شەكىللەنگەن.

تەڭرىتاغ بۇغىسى باقمىچىلىقى جاقۇچىنىرۇ يېزىسىنىڭ ئەنئەنىۋى باقمىچىلىق كەسپى بولۇپ، مىڭ تۇياققا يېقىن باقمىچىلىق ئاساس سانى بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#