مۇنزىچى سەۋدا
مۇنزىچى سەۋدا غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنى پىشۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ سۇس جىگەررەڭلىك سۇيۇقلۇق بولۇپ، خۇشپۇراق،تەمى تاتلىق.
نامى | مىقدارى | نامى | مىقدارى | نامى | مىقدارى |
---|---|---|---|---|---|
گاۋزىبان | 50 گرام | قارا ھېلىلە | 32 گرام | بىستىپايەچ | 50 گرام |
بادرەنجى بۇيا | 32 گرام | سەرپىستان | 50 گرام | بىنەپشە | 32 گرام |
ئۈستقۇددۇس | 50 گرام | تەرەنجىۋىل | 140 گرام |
يۇقۇرىدىكى 8 خىل دورىغا سۇ قوشۇپ قىزىتىپ، ℃70~60 تا 4 سائەت چىلىغاندىن كېيىن سۈزۈۋالىمىز؛دورا قالدۇقىغا سۇ قوشۇپ 1 سائەت قاينىتىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 300ml ئەرەق يىغىۋالىمىز، قاينىتىلمىنى سۈزۈپ،يۇقۇرىقى چىلانما سۈيى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ،تىنچ تۇرغۇزۇپ، سۈزۈپ، سۈزۈلگەن سۇيۇقلۇقنى مۇۋاپىق مىقداردا قۇيۇلدۇرۇپ، شېكەر ۋە چىرىشكە قارشى تۇرغۇچىلارنى قوشۇپ قىزىتىپ ئېرىتىپ، سوۋۇتۇپ، ئەرەق قوشۇپ ئومومى مىقدارنى 1000ml غا تەڭشەپ،تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن بولغان ھەر خىل كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ دورا قاينىتىلما ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل، قوشۇمچە IJ) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.
دورىدىن 100ml ئېلىپ ، 50ml ئېتىل ئاتسىتات قوشۇپ چەككىلەيمىز، ئېتىل ئاتسىتاتنى ئايرىۋېلىپ، پارلاندۇرۇپ قۇرۇتۇپ، دورا قالدۇقىغا 1ml ئېتىل ئاتسىتاتنى قوشۇپ ئېرىتىپ سىناق ئېرىتمىسى تەييارلايمىز. بادرەنجى بۇيا سېلىشتۇرما دورىسىدىن 2 گرام ئېلىپ،30ml ئېتىل ئاتسىتات قوشۇپ، يۇقۇرىقىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا سېلىشتۇرۇلىدىغان ئېرىتمىسى تەييارلايمىز. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى تەجرىبىسىگە ئاساسەن، سىناق قىلىنغۇچى دورا ئېرىتمىسىدىنµl10، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورا ئېرىتمىسىدىنµl5 شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل گرام لىق تاختا ئۈستىدىكى ئايرىم-ئايرىم نوقتىغا تېمىتىپ،(4∶2∶0.1)بېنزول-ئېتىل ئاتسىتات-فورمات كىسلاتانى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ، تاختا ئۈستىگە %10 لىك ۋانىللىن سۇلفات كىسلاتا ئېرىتمىسىنى پۈركۈپ،℃105 لۇق ھارارەتتە داغ توچكىلىرى ئېنىق كۆرۈنگىچە قىزىتىمىز. سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدا، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.