جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى

جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى

1979–يىل 7–ئاينىڭ 1–كۈنى 5–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1996–يىلى 3–ئاينىڭ 17–كۈنى 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4–يىغىنىنىڭ « «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلىدى

ئۇيغۇرچە نامى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى
خەنزۇچە نامى 刑事诉讼法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1–باب ۋەزىپە ۋە ئاساسىي پرىنسىپ 

جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى1–ماددا بۇ قانۇن جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ توغرا يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش، خەلق قوغداش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جامائەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، سوتسىيالىستىك جامئىيەت تەرتىپىنى چىقىلدى.

2–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ ۋەزىپىسى–جىنايەت پاكىتلىرىنىڭ توغرا، ۋاقتىدا ئېنىقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، قانۇننى توغرا تەتبىقلاش، جىنايەتچىلەرنى جازالاش، جىنايىتى يوقلارنىڭ جىنايى قىلمىشلارغا قارشى پائالىيەت كۈرەش قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش، بۇ ئارقىلىق سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنى قوغداش، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال–مۈلۈك ھوقۇقى، دېموكراتىيە ھوقوقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك قورۇلۇش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش.

3–ماددا جىنايى ئىشلار دېلولىرىدا تەھقىقلەش، توختىتىپ قويۇش، قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلىش، تەييارلىق سوراق ئىشلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەسئۇل بولىدۇ. تەپتىش قىلىنىدىغان، قولغا ئېلىش تەستىقلىنىدىغان، تەپتىش قىلىنىدىغان، قولغا ئېلىش تەستىقلىنىدىغان، تەپتىش ئورگىنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلغان دېلولارغا تەھقىقلەش، ئەيىبلەش ئىشلىرىغا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەسئۇل بولىدۇ. سوت قىلىشقا خەلق سوت مەسكىمىسى مەسئۇل بولىدۇ. قانۇندا ئالاھىدە بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا ھەرقانداق ئورگان، تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ بۇ ھوقۇقلارنى يۈرگۈزۈش ھوقۇقى يوق.

خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا مۇشۇ قانۇندىكى ۋە باشقا قانۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىشى شەرت.

4–ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىنايى ئىشلار دېلوولىرىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىشتە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئوخشاش ھوقۇق يۈرگۈزىدۇ.

5–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىشلىك ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، مەمۇرىي ئورگان، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى ئارىلاشتۇرمايدۇ.

6–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا ئاممىغا تايىنىشى، پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىشى شەرت. قانۇن ھەممە پۇقراغا بابباراۋەر تەتبىقلىنىدۇ، قانۇن ئالدىدا ھەرقانداق ئىمتىيازنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلغايدۇ.

7–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولۇپ، بىر–بىرگە ماسلىشىپ ۋە بىر–بىرىنى چەكلەپ، قانۇننىڭ توغرا ۋە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

8–ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىشى جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا قانۇن بويىچە قانۇن نازارتچىلىكى يۈرگۈزىدۇ. 

9–ماددا ھەرمىللەت پۇقرالىرى ئۆز مىللىتىنىڭ تىل–يېزىقى بىلەن دەۋالىشىشقا ھوقۇقلۇق. خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان تىل–يېزىقنى بىلميدىغان دەۋا ئىشتىراكىچىلىرىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى لازىم. 

ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ياكى مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان جايلاردا شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلغان تىل بىلەن سوراق قىلىنىشى، ھۆلۈمنامە، ئېلان ۋە باشقا ھۆججەتلەر شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان تىل بىلەن جاكارلىنىشى كېرەك.

10–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دېلولارنى سوت قىلىشتا، سوتنى ئىككى دەرىجىلىك سوت بىلەن ئاياغلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. 

11–ماددا قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى دېلولارنى پۈتۈنلەي ئوچۇق سوت قىلىدۇ. جاۋابكارلار ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جاۋابكارلارنىڭ ئاقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.

12–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلماي تۇرۇپ، ھەرقانداق ئادەمنى جىنايىتى بار دەپ بېكىتىشكە يول قويۇلمايدۇ. 

13–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشتا مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن خەلق زاسېداتىللىرى زاسېداتىللىق قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

14–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دەۋا ئىشتىركچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

يېشى 18 گە توشمىغان بالىلاردىن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرىنى سوراق قىلىش ۋە سوت قىلىشتا جىنايەت گۇماندارىغا، جاۋابكارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىگە ھازىر بولۇشنى ئۇقتۇرسا بولىدۇ.

دەۋا ئىشتىراكچىلىرى سوتچى خادىملار، تەپتىش خادىملىرى ۋە تەھقىقلىگۈچى خادىملارنىڭ پۇقرالارنىڭ دەۋا ھوقۇقىغا دەخلى–تەرۇز قىلىش ۋە ئۇلارنى جىسمانىي جەھەتتىن خورلاش قىلمىشلىرىنى شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

15–ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، جىنايى جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈلىمەيدۇ، سۈرۈشتۈرۈلگەنلىرىنىڭ دېلوسى بىكار قىلىنىدۇ، ياكى ئەيبلەنمەيدۇ ياكى سوت قىلىش ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ ۋە ياكى ئۇلار جىنايەتسىز دەپ جاكارلىنىدۇ:

(1) قىلمىشى كۆرۈنەرلىك ھالدا يېنىڭ، زىيىنى كىچىك بولۇپ، جىنايەت دەپ قارالمىسا؛

(2) جىنايەتنى سۈرۈشتۈرۈش ۋاقىت چېكى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا؛ (3) جىنايى جازا ئالاھىدە كەچۈرۈم بۇيرۇقى بىلەن كەچۈرۈم قىلىنىغان بولسا؛

(4) جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە دەۋا قىلىنغاندىلا سورىلىدىغان جىنايەتچىلەر ئۈستىدىن دەۋا قىلىنمىغان ياكى دەۋادىن يېنىۋېلىنغان بولسا؛

(5) جىنايە گۇماندارى، جاۋابكار ئۆلۈپ كەتكەن بولسا؛

(6) باشقا قانۇنلاردا جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن بولسا.

16–ماددا چەت ئەللىكلەردىن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشتە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. 

دىپلۇماتىيە ئىمتىيازىدىن ۋە كەچۈرۈم ھوقۇقىدىن بەرىمەن بولىدىغان چەت ئەللىكلەردىن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئىشى دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىنىدۇ.

17–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەرگە ياكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پرىنسىپىغا بىنائەن، ئېلىمىزنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرى بىلەن چەت ئەل ئەدلىيە ئورگانلىرى جىنايى ئىشلاردا ئەدلىيە ھەمكارلىقى ئىلتىماسى قىلىشسا بولىدۇ. 

2–باب باشقۇرۇش تەۋەلىكى

18-ماددا جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەھقىقلەيدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى، دۆلەت خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك جىنايىتى، دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز سولىغان، قىيناپ سوراق قىلىپ، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرغان، ئۆچ ئېلىپ زىيانكەشلىك قىلغان، قانۇنسىز ئاختۇرغانلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتى، شۇنىڭدەك پۇقرالارنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدۇ. دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ سادىر قىلغان باشقا چوڭ-چوڭ جىنايەت دېلولىرىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارارى بىلەن خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئېچىپ تەھقىقلىسە بولىدۇ.

بىۋاسىتە دەۋا قىلىنغان دېلولارنى خەلق سوت مەھكىمىسى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىدۇ.

19–ماددا بىرىنچى سوت ئادەتتىكى جىنايى ئىشلار دېلولىرى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ، ئەمما مۇشۇ قانۇن بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

20–ماددا بىرىنچى سوت جىنايى ئىشلار دېلولىرىدىن تۆۋەندىكىلىرى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ:

(1) ئەكسىلئىمقىلابىي دېلولار، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان دېلولار؛

(2) مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بولغان ئادەتتىكى جىنايى ئىشلار دېلولىرى؛

(3) جىنايەت ئۆتكۈزگەن چەت ئەللىكلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرى.

21–ماددا بىرىنچى سوت جىنايى ئىشلار دېلولىرىدىن ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) بويىچە چوڭ جىنايى ئىشلار دېلوسى ھېسابلىنىدىغانلىرى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ. 

22–ماددا بىرىنچى سوت جىنايى ئىشلار دېلولىرىدىن مەملىكەت بويىچە چوڭ جىنايى ئىشلار دېلوسى ھېسابلىنىدىغانلىرى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

23–ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى زۆرۈر تېپىلغاندا تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى بىرىنچى سوت جىنايى ئىشلار دېلولىرىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

24–ماددا جىنايى ئىشلار دېلولىرى جىنايەت سادىر بولغان جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ. جاۋابكار تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىشى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولسا، جاۋابكار تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولسىمۇ بولىدۇ.

25–ماددا تەڭ دەرىجىلىك بىر نەچچە خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى دېلولارنى دەسلەپتە قوبول قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا، ئۇ ئاساسىي جىنايەت سادىر بولغان جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە بولىدۇ. 

26–ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئېنىق بولمغان دېلولارنى سوت قىلىشقا تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنى بېكىتسە بولىدۇ، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلولارنى باشقا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى بېكىتسىمۇ بولىدۇ.

27–ماددا مەخسۇس خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دېلو باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئايرىم بەلگىلىنىدۇ.

3–باب چەتلەپ تۇرۇش

28–ماددا سوتچى خادىملار، تەپتىش خادىملىرى ۋە تەھقىقلىگۈچى خادىملاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى چەتلەپ تۇتۇشى كېرەك، دەۋالاشقۇچىلار، شۇنىڭدەك دەۋالاشقۇچىلارنى قانۇنىي ۋاكالەتچىلىرىمۇ ئۇلارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق: 

(1) شۇ دېلودىكى دەۋالاشقۇچىلار ياكى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ يېقىن تۇغقىنى بولسا؛

(2) ئۆزى ياكى يېقىن تۇغقىنىنىڭ شۇ دېلو بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولسا؛ 

(3) شۇ دېلودا گۇۋاھچى، باھالىغۇچى، ئاقلىغۇچ ۋە دەۋا ۋاكالەتچىسى بولغان بولسا؛

(4) شۇ دېلودىكى دەۋالاشقۇچىلار بىلەن باشقا مۇناسىۋىتى بولۇپ، دېلونىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا.

29–ماددا سوتچى خادىملار، تەپتىش خادىملىرى ۋە تەھقىقلگۈچى خادىملارنىڭ دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلار ھاۋالە قىلغان كىشىلەرنىڭ مېھماندارچىلىقىنى ۋە سوۋغىتىنى قوبۇل قىلىشقا يول قويۇلغاندۇ، دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلار ھاۋالە قىلغان كىشىلەر بىلەن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كۆرۈشۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.

سوتچى خادىملار، تەپتىش خادىملىرى ۋە تەھقىقلىگۈچى خادىملاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرى قانۇن بويىچە قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. دەۋالاشقۇچىلار ۋە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ئۇلارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىشىقا ھوقۇقلۇق.

30–ماددا سوتچى خادىملار، تەپتىش خادىملىرى ۋە تەھقىقلىگۈچى خادىملارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى مەھكىمە باشلىقى، باش تەپتىش، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى قارار قىلىدۇ؛ مەھكىمە باشلىقىنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى شۇ مەھكىمىنىڭ سوت ھەيئىتى قارار قىلىدۇ؛ باش تەپتىشنىڭ ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەسئۇلىنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش ھەيئىيى قارار قىلىدۇ.

تەھقىقلىگۈچى خادىملار ئۆزىنىڭ چەتلەپ تۇرۇشى قارار قىلىنىشتىن ئىلگىرى دېلونى تەھقىقلەشنى توختىتىپ قويسا بولمايدۇ. چەتلەپ تۇرۇش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىنى رەت قىلىش قارارىنى بىر قېتىم قايتا قاراپ چىقشنى دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىرى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

31–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 28-، 29–ۋە 30–ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەت پۈتۈكچى، تەرجىمان ۋە باھالىغۇچىلارغىمۇ تەتبىقلىنىدۇ.

4–باب ئاقلاش ۋە ۋاكالەتچىلىك

32–ماددا جىنايەت گۇماندارى، جاۋانكار ئاقلىنىش ھوقۇقىنى ئۆزى يۈگۈزۈشتىن تاشقىرى، بىر–ئىككى ئادەمنى ئاقلىغۇچىلىققا ھاۋالە قىلنسابولىدۇ: 

(1) ئادۋوكات؛

(2) خەلق تەشكىلاتلىرى ياكى جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار ئىشلەيدىغان ئورۇن كۆرسەتكەن كىشى؛

(3) جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنىڭ ۋەسىيسى، تۇغقىنى ۋە دوسىتى.

جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ياكى قانۇن بويىچە جىسمانىي ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنغانلار ۋە جىسمانىي ئەركىنلىكى چەكلەنگەنلەر ئاقلىغۇچى بولسا بولمايدۇ.

33–ماددا ئەيبلەنگەن دېلو تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللانغان كۈندىن باشلاپ جىنايەت گۇماندارى ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق. بىۋاسىتە دەۋاقىلىنغان دېلودىكى جاۋابكار ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھەرقانداق ۋاقىتتا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن دېلو ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈنگە جىنايەت گۇماندارىغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۈق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم.

خەلق سوت مەھكىمىسى بىۋاسىتە دەۋا قىلىنغان دېلونى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈنگىچە جىنايەت گۇماندارىغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم.

34–ماددا ئەيىبلىگۈچى سوتقا قاتنىشىپ ئەيىبلىگەن دېلودا جاۋابكار ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن ياردىمى مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئادۋوكاتنى ئاقلىغۇچىلىققا بېكىتىسە بولىدۇ.

جاۋابكار ئەما، گاس، گاچا بولغانلىقتىن ياكى قورامىغا يەتمىگەنلىكتىن ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن ياردىمى مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئادۋوكاتنى ئاقلىغۇچىلىققا بېكىتىشى كېرەك. 

جاۋابكار ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بولغانلىقتىن ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن ياردىمى مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئادۋوكاتنى ئاقلىغۇچىلىققا بېكىتىشى لازىم.

35–ماددا ئاقلىغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى–پاكىتقا ۋە قانۇنغا ئاساسەن جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنىڭ يېنىك ئىكەنلىكى ياكى ئۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى ئسپاتلاپ بېرەلەيدىغان ماتېرىيال ۋە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداش.

36–ماددا ئاقلىغۇچى ئادۋوكات خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلونى تەكشۈرۈپ ئەيىبلىگەن كۈندىن باشلاپ شۇ دېلونىڭ دەۋا ھۆججەتلىرى، تېخنىكىلىق باھالاش ماتېرىياللىرىنى كۆرسە، قىسقىچە كۆچۈرۈۋالسا ۋە تەقلىد قىلىپ باستۇرۇۋالسا بولىدۇ، قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشسە ۋە خەت ئالاقە قىلىشسا بولىدۇ. باشقا ئاقلىغۇچىلارمۇ خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن يۇقىرىقى ماتېرىياللارنى كۆرسە، قىسقىچە كۆچۈرۈۋالسا، تەقلىد قىلىپ باستۇرۇۋالسا بولىدۇ، قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشسە ۋە خەت–ئالاقە قىلىشسىمۇ بولىدۇ.

ئاقلىغۇچى ئادۋوكات خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ شۇ دېلودا ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتلىرى ھەققىدىكى ماتېرياللارنى كۆرسە، قىسقىچە كۆچۈرۈۋالسا ۋە تەقلىد قىلىپ باستۇرۇۋالسا بولىدۇ. باشقا ئاقلىغۇچىلارمۇ خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن يۇقىرىقى ماتېرىياللارنى كۆرسە، قىسقىچە كۆچۈرۈۋالسا ۋە تەقلىد قىلىپ باستۇرۇۋالسا بولىدۇ، قاماقتىكى جاۋابكار بىلەن كۆرۈشسە ۋە خەت–ئالاقە قىلىشسىمۇ بولىدۇ.

37–ماددا ئاقلىغۇچى ئادۋوكات گۇۋاھچى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ، ئۇلاردىن شۇ دېلوغا دائىر ماتېرىياللارنى توپلىسا بولىدۇ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە دەلىل–ئىسپات توپلاش، ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە گۇۋاھچىغا سوتقا قاتنىشىپ گۇۋاھلىق بېرىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

ئاقلىغۇچى ئادۋوكات خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ رۇخسىتىنى ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى كۆرسەتكەن گۇۋاھچىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ، ئۇلاردىن ش دېلوغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى توپلسا بولىدۇ.

38–ماددا ئاقلىغۇچى ئادۋوكات ۋە باشقا ئاقلىغۇچىلارنىڭ جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنىڭ دەلىل–ئىسپاتلارنى يوشۇرۇشىغا، يوقىتىۋېتىشىگە، ياسىۋېلىشىغا ياكى تىل بىرىكتۈرۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىشىگە، گۇۋاھچىغا تەھدىت سېلىپ، ئۇنى ئازدۇرۇپ، گۇۋاھلىق سۆزىنى ئۆزگەرتىكۈزۈشىگە ياكى يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزۈشىگە، شۇنىڭدەك ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ دەۋا پائالىيىتىگە دەخلى يېتىدىغان باشقا ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

39–ماددا سوت قىلىش جەريانىدا، جاۋابكار ئاقلىغۇچىنىڭ ئۆزىنى ئاقلاشنى باشقا ئاقلىغۇچىلارغا ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.

40–ماددا ماددا ئەيبلەنگەن دېلودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ياكى يېقىن تۇغقانلىرى، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىرى دېلو تەكشۈرۈلۈپ ئەيبلەشكە يوللانغان كۈندىن باشلاپ، ئۆز دەۋاسىنى دەۋا قىلىنغان دېلودىكى دەۋا قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋالاشقۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ئۆز دەۋاسىنى دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھەرقانداق ۋاقىتتا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيبلەشكە يوللانغان دېلو ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈنگىچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ياكى يېقىن تۇغقانلىرى، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋالاشقۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىگە ئۆز دەۋاسىنى دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى بىۋاسىتە دەۋا قىلىنغان دېلونى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈنگىچە بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋالاشقۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىگە ئۆز دەۋاسىنى دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

41–ماددا دەۋا ۋاكالەتچىسى دەۋانى مۇشۇ قانۇننىڭ 32–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ ھاۋالە قىلىدۇ.

5–باب دەلىل–ئىسپات

42–ماددا دېلونىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان پاكىتلارنىڭ ھەممىسى دەلىل–ئىسپات ھېسابلىنىدۇ.

دەلىل–ئىسپات تۆۋەندىكىدەك يەتتە خىل بولىدۇ:

(1) ماددىي ئىسپات، يازما ئىسپات؛

(2) گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛

(3) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى؛

(4) جىنايەت گۇماندارىنىڭ، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛

(5) باھالاش خۇلاسىسى؛

(6) ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى؛

(7) ئۈن–سىن ماتېرىياللىرى.

يۇقىرىقى دەلىل–ئىسپاتلار تەكشۈرۈلۈپ راست بولۇپ چىققاندىلا، دېلو بېكىتىشنىڭ ئاساسى بولالايدۇ.

43–ماددا سوتچى خادىملار، تەپتىش خادىملىرى، تەھقىقلىگۈچى خادىملار قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە جىنايەت گۇماندارىنىڭ، جاۋابكارنىڭ جىنايەتلىك ياكى جىنايەتسىز ئىكەنلىكىنى، جىنايى قىلمىشىنىڭ ئېغىر–يېنىكلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان دەلىل–ئسپاتلارنى توپلىشى كېرەك. قىيناپ سوراق قىلىپ، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇش ۋە تەھدىت سېلىش، ئازدۇرۇش، ئالداش ئۇسۇللىرى، شۇنىڭدەك باشقا قانۇنسىز ئۇسۇللار بىلەن دەلىل–ئىسپات توپلاش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ دېلوغا ئالاقىدار ياكى دېلو ئەھۋالىنى بىلىدىغان بارلىق پۇقرالارنىڭ دەلىل–ئىسپاتلارنى ئوبيېكتىپ، تولۇق يەتكۈرۈپ بېرىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىلىشى شەرت. پەۋقۇلئاددە ئەھۋالنى ھېسانقا ئالمىغاندا، ئۇلار تەكشۈرۈشكە ھەمكارلاشسىمۇ بولىدۇ. 

44-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىتىش تەكلىپنامىسىدە، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبنامىسىدە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمنامىسىدە ئەينەن پاكىتقا سادىق بولۇشى شەرت. ئەينەن پاكىتنى قەستەن يوشۇرغانلارنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

45–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخىسلەردىن دەلىل–ئىسپات توپلاش ۋە ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخىسلەر دەلىل–ئىسپاتلارنى ئەينەن يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

دۆلەت مەخپىيىتىگە تاقىلىدىغان دەلىل–ئىسپاتلارنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلاش لازىم. 

دەلىل–ئىسپاتلارنى ئويدۇرغان، يوشۇرغان ياكى يوقىتىۋەتكەنلەر قايسى تەرەپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

46–ماددا ھەرقانداق دېلو ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىشتا ئېغىر ئىقرارىغا ئاسانلا ئىشىنىپ كەتمەي، دەلىل–ئىسپاتقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. جاۋابكارنىڭ ئىقرارىلا بولۇپ، باشقا دەلىل–ئىسپاتلار بولمىسا، جاۋابكارنى جىنايەتلىك دەپ بېكىىتىشكە ۋە ئۇنىڭغا جىنايى جازا بېرىشكە بولمايدۇ؛ جاۋابكارنىڭ ئىقرارى بولمىسىمۇ، دەلىل–ئىسپاتلار تولۇق ۋە راست بولسا، جاۋابكارنى جىنايەتلىك دەپ بېكىتىشكە ۋە ئۇنىڭغا جىنايى جازا بېرىشكە بولىدۇ.

47–ماددا گۇۋاھچىنىڭ سۆزى سوتتا ئەيىبلىگۈچى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بىلەن جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ سوئال سوراشلىرىدىن، ئۇلارنى يۈزلەشتۈرۈپ ئىسپاتلاشتىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇشى شەرت، ئۇ ھەرقايسى تەراپلەردىكى گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھىلىق سۆزى ئېلىنغان ھەمدە تەكشۈرۈلۈپ راست بولۇپ چىققاندىلا دېلو بېكىتىشنىڭ ئاساسى بولالايدۇ. سوت گۇۋاھچىنىڭ قەستەن يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى ياكى جىنايەت پاكىتلىرىنى يوشۇرغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندا، ئۇنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

48–ماددا دېلو ئەھۋالىنى بىلىدىغانلىكى كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش مەجبۇرىيىتى بار.

فىزىئولوگىيە جەھەتتە، روھىي جەھەتتە نۇقسانى بولغانلىقى ياكى گۆدەكلىكى تۈپەيلىدىن ھەق–ناھەقنى ئاڭقىرالمايدىغانلار، مەقسىتىنى توغرا ئۇقتۇرالمايدىغانلار گۇۋاھچى بولالمايدۇ.

49–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى گۇۋاھچىنىڭ ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى گۇۋاھچىنىڭ ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا تەھدىت سېلىپ، ھاقاراتلەپ، ئۇرۇپ ياكى زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىق قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ قىلمىشى جىنايى جازا بېرىشكە توشمىغانلىرىغا قانۇن بويىچە ئامانلىقنى باشقۇرۇش بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

6–باب مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى 

50–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى دېلو ئەھۋالىغا قاراپ جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنى مەجبۇرىي چاقىرتىپ كەلسە، بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بەرسە ياكى ئۇنىڭ تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئالسا بولىدۇ.

51–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلگەن جىنايەت گۇماندارى ۋە جاۋابكارنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بەرسە ياكى ئۇنىڭ تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئالسا بولىدۇ:

(1) رېجىم جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنىش ياكى قوشۇمچە جازا ئايرىم تەتبىقلىنىش ئېھتىمالى بولۇپ، بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلسە، تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنسا جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزمەيدىغانلار. 

بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش ۋە تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىجرا قىلىدۇ.

52–ماددا قاماپ تۇرۇلغان جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىرى، يېقىن تۇغقانلىرى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

53–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكانى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىشنى قارار قىلىشتا، جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنى كېپىل كۆرسىتىشكە ياكى كېپىللىك پۇلى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇشى كېرەك.

54–ماددا كېپىل تۆۋەندىكى شەرتلەگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

(1) شۇ دېلوغا چېتىلمىغان بولۇش؛

(2) كېپىللىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالايدىغان بولۇش؛

(3) سىياسىي ھوقۇقى بولۇش، جىسمانىي ئەركىنلىكى چەكلەنمىگەن بولۇش؛

(4) مۇقىم تۇرار جايى ۋە كىرىمى بولۇش.

55–ماددا كېپىل تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) كېپىللىك قىلىنغۇچىنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 56–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىش سادىر قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ياكى سادىر قىلغانلىقىنى سەزگەندە، ئىجرا قىلىغۇچى ئورگانغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك. كېپىللەردىن كېپىللىك قىلىنغۇچىنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 56–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىغانلىرىغا مەمۇرىي جەرىمانە قويۇلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋاكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

56–ماددا بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك:

(1) ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەر، ناھىيىدىن ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ تەستىقىسىز ئايرىلماسلىق؛

(2) چاقىرتىلغاندا ۋاقتىدا ھازىر بولۇش؛

(3) گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىگە ھەرقانداق شەكىل بىلەن كاشىلا قىلماسلىق؛ 

(4) دەلىل–ئىسپاتلارنى يوقىتىۋەتمەسلىك، ئويدۇرۇپ چىقارماسلىق ياكى تىل بىرىكتۈرۈۋالماسلىق. 

بىر تەرەپ قىلىنغۇچى كېپىلگە بېرىلگەن جىنايەت گۇماندارى ۋە جاۋابكارلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنىڭ تاپشۇرۇغان كاپالەت پۇلى بولسا، كاپالەت پۇلى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەمدە ئەھۋال پەرقلەندۈرۈلۈپ، تۆۋەنامە يېزىشقا، يېڭىۋاشتىن كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇشقا، كېپىل كۆرسىتىشىكە بۇيرۇلىدۇ ياكى تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدۇ، قولغا ئېلىنىدۇ. جىنايەت گۇماندارى ۋە جاۋابكارلاردىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن مەزگىلدە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىمىغانلىرىنىڭ كاپالەت پۇلى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش سۈرۈكى توشقاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

57–ماددا تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارى ۋە جاۋاكارلار تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشى كېرەك:

(1) ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ تەستىقىسىز تۇرار جايدىن ئايرىلماسلىق، مۇقىم تۇرار جايى بولمىغانلىرى كۆرسىتىپ بېرىلگەن تۇرار جايىدىن تەستىقسىز ئايرىلماسلىق؛

(2) ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ تەستىقىسىز باشقىلار بىلەن كۆرۈشمەسلىك؛

(3) چاقىرتىلغاندا ۋاقىتدا ھازىر بولۇش؛

(4) گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىگە ھەرقانداق شەكىل بىلەن كاشىلا قىلماسلىق؛

(5) دەلىل–ئىسپاتلارنى يوقىتىۋەتمەسلىك، ئويدۇرماسلىق ياكى تىل بىرىكتۈرۋالماسلىق. تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنىغان جىنايەت گۇماندارى ۋە جاۋابكارلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرى قولغا ئېلىنىدۇ.

58–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچى كېپىلگە بېرىش سۈرۈكى ئۇزاق بولغاندا 12 ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش سۈرۈكى ئۇزاق بولغاندا ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم.

بىر تەرەپ قىلنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن، تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغا مەزگىلدە دېلونى تەھقىقلەش، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك ئەمەسلىكى سېزىلسە ياكى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش، تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشنى ۋاقتىدا بىكار قىلىش كېرەك. بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش، تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش بىكار قىلىنغا، بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەنلەر، تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلارغا ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش لازىم. 

59–ماددا جىنايەت گۇماندارى ۋە جاۋابكارنى قولغا ئېلىشنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەستىقلىشى ياكى خەلق سوت مەھكىمسى قارار قىلىشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىجرا قىلىش شەرت.

60–ماددا جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل–ئىسپات تېپىلىغان قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى جازا بېرىلىشى ئېھتىمالى بولغان جىنايەت گۇماندارى ۋە جاۋابكارلاردىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش، تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغاندا جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزۈشدىن ساقلىنىش مۇمكىن بولماي، قولغا ئېلىش زۆرۈر بولۇپ قالغانلىرىنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىش لازىم.

قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك جىنايەت گۇماندارى ۋە جاۋابكارلاردىن ئېغىر كېسىلى بارلارغا ياكى ھامىلدار ۋە ئېمتىدىغان بالىسى بار ئاياللارغا بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش ياكى تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش چارىسى قوللىنىلسا بولىدۇ.

61–ماددا جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى نەق جىنايەتچىلەر ياكى بەكرەك گۇمانلىقلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى ئالدىن توختىتىپ قويسا بولىدۇ: 

(1) جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ھازىرلىنىۋاتقاندا، جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقاندا ياكى جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن سېزىلىپ قالغانلار؛

(2) زىيەنكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ياكى نەق مەيداندا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر تەرىپىدىن جىنايەت ئۆتكۈزدى، دەپ كۆرسىتىپ بېرىلگەنلەر؛

(3) جىنايەت دەلىل–ئىسپاتى يىنىدىن ياكى تۇرار جايىدىن تېپىلغانلار؛ 

(4) جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۆلۈۋېلىشقا، قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنغانلار ياكى قېچىپ يۈرگەنلەر؛

(5) دەلىل–ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىش، ئويدۇرۇش ياكى تىل بىركتۈرۈۋېلىش ئېھتىمالى بولغانلار؛

(6) ھەقىقىي ئىسم–فامىلىسى ۋە تۇرار جايىنى ئيتىمىغانلقتىن، كىملىكى ئېنىق بولمىغانلار؛

(7) ئېقىپ يۈرۈپ دېلو تۇغدۇرغانلىقى، كۆپ قېتىم دېلو تۇغدۇرغانلىقى ۋە شېرىكلىشىپ دېلو تۇغدۇرغانلىقىدىن قاتتىق گۇمان قىلىنغانلار. 

62–ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى باشقا جايغا بېرىپ قولغا ئېلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشتا، توختىتىپ قويۇلغۇچى، قولغا ئېلىنغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى، توختىتىپ قويۇلغۇچى، قولغا ئېلىنغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ماسلىشىشى كېرەك. 

63–ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋال بولغانلارنى ھەرقانداق پۇقرا جامائەت خەپسىزلىكى ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمسى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا دەرھال تۇتۇپ ئاپىرىپ بەرسە بولىدۇ:

(1) جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلار ياكى جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىنلا سېزىلىپ قالغانلار؛

(2) تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار؛

(3) تۈرمىدىن قاچقانلار؛

(4) تۇتۇش ئۈچۈن قوغلىنىۋاتقانلار.

64–ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىراۋنى توختىتىپ قويۇشتا توختىتىپ قويۇش گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

تەھقىقلەشكە توسالغۇ بولىدىغان ياكى ئۇقتۇرۇش قىلىشقا مۇمكىن بولمايدىغان ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، توختىتىپ قويۇش سەۋەبىنى ۋە قاماپ تۇرۇلغان جاينى توختىتىپ قويۇش سەۋەبىنى ۋە قاماق تۇرۇلغان ياكى ئىشلەيدىغان ئورنىغا 24 سائەت ئىچىدە ئۇقتۇرۇش كېرەك.

65–ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى توختىتىپ قويۇلغۇچىنى توختىتىپ قويۇلغاندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە سوراق قىلىشى كېرەك. توختىتىپ قويۇشقا تېگىشلىك ئەمەسلىكى مەلۇم بولغاندا، قويۇپ بېرىش گۇۋاھنامىسى بېرىپ دەرھال قويۇپ بېرىشى شەرت. قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، دەلىل–ئسپاتلىرى تولۇق بولمىغانلارنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بەرسە ياكى تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئالسا بولىدۇ.

66–ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغاندا قولغا ئېلىشنى تەستىقلىتىش تەكلىپنامىسى يېزىپ، ئۇنى دېلو ماتېرىياللىرى ۋە دەلىل–ئىسپاتلىرىغا قوشۇپ تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا سۇنۇشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چوڭ دېلو ئۈستىدىكى مۇزاكىرسىگە ئادەم قاتناشتۇرسا بولىدۇ.

67–ماددا جىنايەت گۇماندارىنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ، باش تەپتىش قارار قىلىدۇ. چوڭ دېلۇلاردا تەپتىش ھەيئىتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشىغا سۇنۇلىدۇ.

68–ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاپ بېرىشكە يوللىغان دېلونى تەكشۈرگەندىن كېيىن، قولغا ئېلىشنى تەستقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا ئەھۋالغا قاراپ قارار چىقىرىشى كېرەك. قولغا ئېلىش تەستىقلىغان قارارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دەرھال ئىجرا قىلشى ھەمدە ئۇنىڭ ئىجراسىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. قولغا ئېلىش تەستىقلانمىغانلىرىدا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى، تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە تېگىشلىكلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا تەڭلا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

69–ماددا جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى توختىتىپ قويۇلغۇچىنى قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك دەپ قارىسا، توختىتىپ قويغاندىن كېيىنكى ئۈچ كۈندىن تۆت كۈنگىچە ئۇزارتىلسا بولىدۇ.

ئېقىپ يۈرۈپ دېلو تۇغدۇرغانلىقى، كۆپ قېتىم دېلو تۇغدۇرغانلىقى ۋە توپلىشىپ دېلو تۇغدۇرغانلىقىدىن قاتتىق گۇمان قىلىنغانلارنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىتىش ۋاقتى 30 كۈنگىچە ئۇزارتىلسا بولىدۇ.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قولغا ئېلىشىنى تەستىقلاپ بېرىش ھەققىدىكى تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا يەتتە كۈن ئىچىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىمىغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال قويۇپ بېرىشى ھەمدە ئۇنىڭ ئىجراسىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. داۋاملىق تەھقىقلەشكە تېگىشلىكلىكىنى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش، تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىدا ئېلىش شەرتىگە توشىدىغانلىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىشى ياكى تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشى لازىم. 

70–ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدىكى قارارىنى خاتا دەپ قارىسا، قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلىسا بولىدۇ، لېكىن توختىتىپ قويۇلغۇچىنى دەرھال قويۇپ بېرىشى شەرت. پىكرى قوبۇل قىلىنمىسا، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىغا سۇنسا بولىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنى دەرھال قايتا قاراپ چىقىپ، ئۆزىگەرتىش ياكى ئۆزگەرتمەسلىك توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئىجرا قىلىشنى ئۇقتۇرۇشى لازىم. 

71–ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىراۋنى قولغا ئېلىشتا قولغا ئېلىش گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى شەرت.

تەھقىقلەشكە توسالغۇ بولىدىغان ياكى ئۇقتۇرۇش قىلىشقا مۇمكىن بولمايدىغان ئەھۋللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قولغا ئېلىش سەۋەبىنى ۋە قاماپ تۇرۇلغان جاينى قولغا ئېلىنغۇچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ياكى ئىشلەيدىغان ئورنىغا 24 سائەت ئىچىدە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

72–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۆز ئالدىغا قارار قىلىپ قولغا ئالغانلار، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئالغانلار قولغا ئېلىنغاندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە سوراق قىلىنىشى شەرت. قولغا ئېلنىشقا تېگىشلىك ئەمسلىكى مۇلۇم بولغاندا، قويۇپ بېرىلىگەنلىك گۇۋاھنامىسى بېرىپ، دەرھال قويۇپ بېرىلىشى شەرت.

73–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جىنايەت گۇماندارى ۋە جاۋابكارغا قوللانغان مەجبۇرلاش تەدبىرىنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى سەزسە، تەدبىرىنى ۋاقتىدا ئەمەلىدىن قالدۇرۇشى ياكى ئۆزگەرتىشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قولغا ئېلىنىغۇچىنى قويۇپ بېرىشتە ياكى قولغا ئېلىش تەدبىرىنى ئۆزگەرتىشتە ئۇنى ئەسلى تەستىقلىغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

74–ماددا جىنايەت گۇماندارلىرى، جاۋابكارلاردىن قاماق تۇرۇلغانلىرىنىڭ دېلوسىنى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەھقىقلەش يۈزسىدىن قاماپ تۇرۇش، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش، بىرىنچى، ئىككىنچى سوت ئىچىدە ئاياغلاشتۇرغىلى بولماي، داۋاملىق تەكشۈرۈشكە، سوت قىلىشقا توغرا كەلسە، جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار بىر تەرەپ قىلنغۇچە كېپىلگە بېرىلسە ياكى تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنسا بولىدۇ.

75–ماددا جىنايەت گۇماندارلىرى، جاۋابكارلار ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىرى، يېقىن تۇغقانلىرى ياكى جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار ھاۋالە قىلغان ئادۋوكاتلار ۋە باشقا ئاقلىغۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قوللانغان مەجبۇرلاش تەدبىرى قانۇندىكى سۈرۈكتىن ئېشىپ كەتلەندە مەجبۇرلاش تەدبىرىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قوللىنىلغان مەجبۇرلاش تەدبىرى قانۇندىكى سۈرۈكتىن ئېشىپ كەتكەن جىنايەت گۇماندارلىرى، جاۋابكارلارنى قويۇپ بېرىشى، بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش، تۇرار جاينى نازارەت ئاستىغا ئېلىش تەدبىرى بىكار قىلىشى ياكى مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قانۇن بويىچە ئۆزگەرتىشى كېرەك.

76–ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خىزمىتىدە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەھقىقلەش پائالىيىتىدە قانۇنغا خىلاپ ئەھۋال بارلىقىنى سەزسە، ئۇنى تۈزىتىش توغرىسىدا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تۈزىتىش ئەھۋالىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

7–باب قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى

77–ماددا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن جاۋابكارنىڭ جىنايى قىلمىشى تۈپەيلىدىن ماددىي زىيانغا ئۇچرىغانلىرى جىنايى ئىشلار دەۋاسى جەريانىدا قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

دۆلەت مال–مۈلكى، كوللېكتىپ مال–مۈلكى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيبلىگەندە، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسا بولىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى زۆرۈر تاپقاندا جاۋانكارنىڭ مال–مۈلكىنى پېچەتلىسە ياكى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ. 

78–ماددا قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى جىنايى ئىشلار دېلوسى بىلەن بىرلىكتە سوت قىلىنىشى كېرەك، جىنايى ئىشلار دېلوسىنى سوت قىلىش ۋاقتىنىڭ بەك كېچىكىپ كېتىشدىن ساقلىنىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندىلا، جىنايى ئىشلار دېلوسىنى سوت قىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە شۇ سوت تەشكىلاتى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىنى داۋاملىق سوت قىلسا بولىدۇ.

8–باب سۈرۈك يەتكۈزۈش

79–ماددا سۈرۈك سائەت، كۈن، ئاي بىلەن ھېسابلىنىدۇ.

سۈرۈك باشلانغان سائەت ۋە كۈن سۈرۈككە قوشۇپ ھېسابلانمايدۇ.

يولغا كەتكەن ۋاقىت قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈككە كىرگۈزۈلمەيدۇ. نارازىلىق خېتى ياكى باشقا ھۆججەتلەر سۈرۈك توشۇستىن ئىلگىرى پوچتىغا سېلىنغان بولسا، سۈرۈك ئۆتۈپ كەتكەن ھېسابلانمايدۇ.

80–ماددا دەۋالاشقۇچىلار تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ياكى باشقا ئۇرۇنلۇق سەۋەبلەر بىلەن سۈرۈكنى كىچىكتۈرۈپ قويغان بولسا، توسالغۇ تۈگەپ بەش كۈن ئىچىدە سۈرۈك توشقۇچە تۈگىتىشكە تېگىشلىك دەۋا پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان ئىلتىماسقا رۇخسەت قىلىش-قىلماسلىق ھەققىدە خەلىق سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىدۇ.

81–ماددا چاقىرىق قەغىزى، ئۇقتۇرۇش ۋە باشقا دەۋا ھۆججەتلىرى تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئۆزىگە بېرىلىشى كېرەك؛ تاپشۇرۋالغۇچىلارنىڭ ئۆزى بولمىسا، ئۇنىڭ قۇرامىغا يەتكەن ئائىلە تەۋەسىگە ياكى ئۇ ئىشلەيدىغان ئورۇننىڭ مەسئۇللىرىغا بېرىپ قويۇلسا بولىدۇ.

تاپشۇرۋالغۇچىلارنىڭ ئۆزى ياكى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋالغۇچى تاپشۇرۋېلىشنى ياكى ئىمزا قويۇشنى، تامغا بېسىشنى رەت قىلسا، بەتكۈزگۈچى ئۇنىڭ قوشنىلىرى ياكى باشقا گۇۋاھچىلارنى چاقىرىپ تۆپىدە تۇرغۇزۇپ، ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ھۆججەتنى تاپشۇرۋالغۇچىنىڭ تۇرار جايىغا قويۇپ قويسىلا بولىدۇ. يەتكۈزگۈچى يەتكۈزۈش قەغىزىگە رەت قىلىش سەۋەبى، يەتكۈزۈلگەن ۋاقىت ئېنىق يېزىپ ئمزا قويسىلا يەتكۈزۈلگەن ھېسابلىنىدۇ.

9–باب باشقا بەلگلىمىلەر

82–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى:

(1) «تەھقىقلەش» جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دېلو بېجىرىش جەريانىدا قانۇن بويىچە ئىشلەيدىغان مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى كۆرسىتىدۇ؛

(2) «دەۋالاشقۇچىلار» زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچى، جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر ۋە جاۋابكانى كۆرسىتىدۇ؛

(3) «قانۇنىي ۋاكالەتچىسى» ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ ئاتا–ئانىسى، باققان ئاتا–ئانىسى، ۋەسىيسىنى ۋە مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتى بار ئورگان ۋە تەشكىلاتنىڭ ۋەكىلىنى كۆرسىتىدۇ؛

(4) «دەۋائىشتىراكچىلىرى» دەۋالارشقۇچى، قانۇنىي ۋاكالەتچى، دەۋا ۋاكالەتچىسى، ئاقلىغۇچى، گۇۋاھچى، باھالىغۇچى ۋە تەرجىماننى كۆرسىتىدۇ؛

(5) «دەۋا ۋاكالەتچىسى» ئەيبىلەنگەن دېلودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ياكى يېقىن تۇغقىنى، بىۋاسىتە دەۋا قىلىنغان دېلودىكى دەۋا قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسىنىڭ ھاۋالىشى بىلەن دەۋاغا ۋاكالىتەن قاتناشقۇچىنى ھەمدە قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن دەۋاغا ۋاكالىتەن قاتناشقۇچىنى كۆرسىتىدۇ.

(6) «يېقىن تۇغقانلىرى» ئېرى، خوتۇنى، ئاتىسى، ئانىسى، ئوغلى، قىزى ۋە بىر تۇغقان ئاكا–ئىنىسى، ئاچا–سىڭىللىرىنى كۆرسىتىدۇ.

1–باب دېلو ئېچىش

83–ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمسى جىنايەت پاكىتلىرىنى ياكى جىنايەت گۇماندارىنى سەزسە، باشقۇرۇش تەۋەلىكى دائىرىسى بويىچە دېلو ئېچىپ تەھقىقلىشى كېرەك.

84–ماددا جىنايەت پاكىتلىرىنى ياكى جىنايەت گۇماندارلىرىنى سەزگەن ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىغا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەلۇم قىلىش ياكى پاش قىلىش ھوقۇقىمۇ، مەجبۇرىيىتىمۇ بار.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۆزىنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى ۋە مال–مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى–تەرۇز يەتكۈزگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ياكى جىنايەت گۇماندارلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مۇلۇم قىلىش ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەلۇم قىلىش ياكى شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى مەلۇم قىلىنغان دېلو، شىكايەت قىلىنغان ۋە پاش قىلىنغان ئىشلارنى قوبۇل قىلىشى لازىم. ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىسە بولغانلىرىنى مەسئۇل ئورگانلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە دېلو مەلۇم قىلغۇچىغا، شىكايەت قىلغۇچىغا ۋە پاش قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم؛ ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولمىسمۇ جىددىي تەدبىر قوللىنىش زۆرۈر بولغانلىرىدا ئالدى بىلەن جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، ئاندىن مەسئۇل ئورگانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم.

جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەردىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلارغا 3–تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

85–ماددا دېلو مەلۇم قىلىش، شىكايەت قىلىش ۋە پاش قىلىش يازما ياكى ئاغزاكى ئېلىپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ. خەت ئارقىلىق مەلۇم قىلىنغان دېلو، شىكايەت قىلىنغان ۋە پاش قىلىنغان ئىشلارنى قوبۇل قىلغۇچى خاتىرىلەپ، ئوقۇپ بېرىپ، خاتالىق بولمىسا ئۇنىڭغا دېلو مەلۇم قىلىغۇچى، شىكايەت قىلغۇچى، پاش قىلغۇچىنىڭ ئىمزاسىنى قويدۇرۇۋېلىشى ياكى تامغىسىنى باستۇرۇۋېلىشى لازىم. 

شىكايەت قىلىنغان، پاش قىلىنغان ئىشلارنى قوبۇل قىلغۇچىلار قارا چاپلىغان ئادەمنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلدىغانلىقىنى شىكايەت قىلغۇچى، پاش قىلغۇچىغا چۈشەندۇرۇپ قويۇشى لازىم. ئەمما، پاكىت ئويدۇرمىغان ۋە دەلىل–ئىسپات ياسىۋالمىغانلا بولسا، شىكايەت قىلغان ۋە پاش قىلغان ئىشنىڭ پاكىتلىرىدا ئېگىز–پەسلىك، ھەتتا خاتالىق بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنى قارا چاپلاشتىن قاتتىق پەرقلەندۈرۈش كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو مەلۇم قىلغۇچى، شىكايەت قىلغۇچى، پاش قىلغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم. دېلو مەلۇم قىلغۇچى، شىكايەت قىلغۇچى ۋە پاش قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ئىسىم–فامىلىسىنى ۋە دېلو مەلۇم قىلىش، شىكايەت قىلىش، پاش قىلىش ھەركىتىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىسا، ئۇلار ئۈچۈن مەخپىيەتلىكنى ساقلاش لازىم.

86–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلسى ياكى جامائەت خەپسىزلىكى ئورگىنى دېلو مەلۇم قىلىش، شىكايەت قىلىش، پاش قىلىش ۋە ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ماتېرىياللىرىنى باشقۇرۇش تەۋەلىكى دائىرسى بويىچە تېزدىن تەكشۈرۈپ كۆرۈشى، جىنايى جاۋابكالىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك جىنايەت پاكىتى بار دەپ ھېسابلىسا، دېلو ئېچىشى لازىم؛ جىنايەت پاكىتى يوق ياكى جىنايەت پاكىتى كۆرۈنەرلىك ھالدا يېنىك، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈرىيىتى يوق دەپ ھېسابلىسا، دېلو ئاچماسلىقى ھەمدە دېلو ئاچماسلىق سەۋەبلىرىنى شىكايەت قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم. شىكايەت قىلغۇچى قايىل بولمىسا، قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

87–ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنى دېلو ئېچىپ تەھقىقلەشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، دېلو ئېچىپ تەھقىقلىمىدى، دەپ ھېسابلىسا ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنى دېلو ئېچىپ تەھقىقلەشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، دېلو ئېچىپ تەھقىقلىمىدى، دەپ ھېسابلاپ خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە مەلۇم قىلسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەپسىزلىكى ئورگىنىدىن دېلو ئاچماسلىق سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ دېلو ئاچماسلىق سەۋەبىنى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ دەپ ھېسابلىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دېلو ئېچىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن دېلو ئېچىشى كېرەك.

88–ماددا بىۋاسىتە دەۋا قىلىنىدىغان دېلولاردا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالغان بولسا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى، يېقىن تۇغقانلىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشقا ھۇقۇقلۇق. خەلىق سوت مەھكىمىسى ئۇنى قانۇن بويىچە قۇبۇل قىلىشى كېرەك.

2–باب تەھقىقلەش

1–پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە 

89–ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئېچىلغان جىنايى ئىشلار دىلوسىنى تەھقىقلەپ، جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايەتلىك ياكى جىنايەتسىز ئىكەنلىكىنى جىنايىتىنىڭ يىنىك ياكى ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات توپلىشى ۋە ئېلىشى لازىم. نەق جىنايەتچىلەر ياكى بەكرەك گۇمانلىقلارنى قانۇن بويىچە ئالدىن توختىتىپ قويسا بولىدۇ، قولغا ئېلىش شەرتىگە تۇشىدىغان جىنايەت گۇماندارىنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىش لازىم.

90–ماددا جامائەت خەپىسىزلىكى ئورگىنى تەھقىقلەش ئارقىلىق جىنايەت پاكىتىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل–ئىسپات تېپىلغانلارنى تەييارلىق سوراق قىلىشى، توپلانغان، ئېلىنغان دەلىل–ئىسپات ماتېرياللىرىنى ئېنىقلىشى لازىم.

2–پاراگراف جىنايەت گۇماندارىدىن سوئال سوراش

91–ماددا جىنايەت گۇماندارىدىن خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ياكى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەھقىقلىگۈچى خادىملىرىلا سوئال سورىشى شەرت. سوئال سورىغاندا ئاز دېگەندە ئىككى نەپەر تەھقىقلىگۈچى خادىم بولۇشى لازىم.

92–ماددا قولغا ئېلىشقا، توختىتىپ قويۇشقا تېگىشلىك بولمىغان جىنايەت گۇماندارىدىن ئۇ تۇرۇشلۇق شەھەر، ناھىيىدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا چاقىرتىپ كېلىنىپ ياكى ئۇنىڭ تۇرار جايىغا بېرىپ سوئال سورالسا بولىدۇ، لېكىن خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ياكى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىسپاتى كۆرسىتىلىشى لازىم.

چاقىرتىش، مەجبۇرىي چاقىرتىشنىڭ داۋاملىشىش ۋاختىنى ئۇزاق بولغاندا 12 سائەتتىن ئاشۇرىۋېتىشكە بولمايدۇ. جىنايەت گۇماندارىنى ئارقا–ئارقىدىن چاقىرتىش، مەجبۇرىي چاقىرتىش يولى بىلەن شەكلى ئۆزگەرگەن نەزەربەند قىلىشقا يول قولمايدۇ. 

93–ماددا تەھقىقلىگۈچى خادىملار جىنايەت گۇماندارىدىن سۇئال سورىغاندا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ جىنايى قىلمىشى بار–يوقلۇقىنى سوراپ، ئۆزىنىڭ جىنايەتلىك تەرىپىنى بايان قىلىشىغا ياكى ئۆزىنى جىنايەتسىز دەپ ئاقلىشىغا يول قويۇپ، ئاندىن سوئال قويۇشى لازىم. جىنايەت گۇماندارى تەھقىقلىگۈچى خادىملارنىڭ سوئاللىرىغا ئەينەن جاۋاب بېرىشى لازىم، لېكىن ئۇ شۇ دېلوغا مۇناسىۋەتسىز مەسىلىلەگە جاۋاب بېرىشىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

94–ماددا گاس، گاچا جىنايەت گۇماندارلىرىدىن سوئال سوراشتا، ئۇلارنىڭ ئىشارەتلىرىنى ئوبدان بىلىدىغانلار قاتناشتۇرۇلۇشى ھەمدە بۇ ئەھۋال ئېنىق خاتىرىلەپ قويۇلۇشى لازىم. 

95–ماددا سوئال خاتىرىسى جىنايەت گۇماندارىنىڭ سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشىگە بېرىلىشى، ئوقۇيالمايدىغانلىرىغا ئوقۇپ بېرىلىشى لازىم. خاتىرە چالا ياكى خاتا يېزىلىپ قالغان بولسا، جىنايەت گۇماندارى تولۇقلاپ قويۇشىنى ياكى تۈزىتىپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىسا بولىدۇ. جىنايەت گۇماندارى خاتىرىدە خاتالىق يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئىمزا قويۇشى ياكى تامغىسىنى بېسىشى لازىم. جىنايەت گۇماندارى ئىقرانامىسىنى ئۆزى يېزىشىنى تەلەپ قىلسا، رۇخسەت قىلىش لازىم. زۆرۈر تېپىلغاندا تەھقىقلىگۈچى خادىملارمۇ جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىقرارنامىسىنى ئۆزىگە يازدۇرسا بولىدۇ.

96–ماددا جىنايەت گۇماندارى تەھقىقلىگۈچى ئورگان تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم سوئال سورالغاندىن كېيىن ياكى مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلغان كۈندىن باشلاپ، ئۆزىگە قانۇن جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىشكە، ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئەرز قىلىش ۋە شىكايەت قىلىشقا ئادۋوكات تەكلىپ قىلسا بولىدۇ. جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنغان بولسا، تەكلىپ قىلىنغان ئادۋوكات ئۇنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. دۆلەت مەخپىيىتىگە تاقىلىدىغان دېلولاردا جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشىنى تەھقىقلىگۈچى ئورگاندىن جىنايەت گۇماندارى چېتىلىپ قالغان جىنايەتنى بىلىشكە ھوقۇقلۇق، ئۇ قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشسە، ئۇنىڭدىن دېلوغا دائىر ئەھۋالنى ئۇقسا بولىدۇ. ئادۋوكات قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشتە، تەھقىقلىگۈچى ئورگان دېلو ئەھۋالىغا ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ تۆپىدە تۇرۇشقا ئادەم بەلگىلىسە بولىدۇ. دۆلەت مەخپىيتىگە تاقلىدىغان دېلولاردا ئادۋۇكات قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشۈشتە تەھقىقلىگۈچى ئورگانغا تەستىقلىشى لازىم.

3-پاراگراف گۇۋاھچىدىن گەپ سوراش

97-ماددا تەھقىقلىگۈچى خادىملار گۇۋاھچلاردىن گەپ سورىسا بولىدۇ، لېكىن خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوگىنىنىڭ ئىسپاتىنى كۆرسىتىشى شەرت. زۆرۈر تېپىلغاندا گۇۋاھچىلارغا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا كېلىپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش توغرۇلۇق ئوقتۇرۇش قىلىنسىمۇ بولىدۇ.

گۇۋاھچىلاردىن ئايرىم–ئايرىم گەپ سورىلىشى لازىم. 

98-ماددا گۇۋاھچىدىن گەپ سوراشتا، راست دەلىل–ئىسپات بېرىش، راست گۇۋاھلىق بېرىش كېرەكلىكىنى، قەستە يالغان گۇۋاھلىق بەرسە ياكى جىنايەت پاكىتىنى يوشۇرسا، قانۇن جاۋابكارلىقىغا تاتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.

يېشى 18 گە توشمىغان گۇۋاھچىدىن گەپ سوراشتا، ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىگە تۆپىدە تۇرۇش ئۇقتۇرۇلسا بولىدۇ. 

99-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 95-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە گۇۋاھلاردىن گەپ سوراشقىمۇ تەتبىقلىنىدۇ.

100-ماددا زىيانكەشلىككە ئۇچىرغۇچىلاردىن گەپ سوراشقا مۇشۇ پاراگرافتىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

4-پاراگراف ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش

102-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ جىنايەت سادىر بولغان مەيداننى قوغداش ھەمدە ئادەم ئەۋەتىپ ئېنىقلاش توغرۇلۇق جامائەت خەۋەپسىزلىكى ئورگىنىغا دەرھال خەۋەر قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.

103–ماددا تەھقىقلىگۈچى خادىملار ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىغاندا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ياك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىسپاتىنى ئېلىپ بېرىشى شەرت.

104–ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغانلارنىڭ جەسىتىنى يېرىپ كۆرۈشنى قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تۆپىدە تۇرۇشىنى ئۇقتۇرۇشى لازىم.

105–ماددا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ، جىنايەت گۇماندارىنىڭ بەزى بەلگىلىرىنى، زەخمىلىنىش ئەھۋالىنى ياكى فىرىئولوگىيىلىك ھالىتىنى بېكىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بەدىنىنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. 

جىنايەت گۇماندارى تەكشۈرۈشنى رەت قىلغاندا، تەھقىقلىگۈچى خادىملار زۆرۈر تاپسا مەجبۇرىي تەكشۈرسە بولىدۇ.

ئاياللارنىڭ بەدىنىنى ئايال خادىملار ياكى دوختۇرلار تەكشۈرۈشى لازىم.

106–ماددا ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن خاتىرە يېزىلىشى، ئۇنىڭغا ئېنىقلاش ۋەد تەكشۈرۈشكە قاتناشقۇچىلار ھەمدە گۇۋاھچىلار ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىش لازىم. 

107–ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلونى تەكشۈرگەندە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئېنىقلىغانلىرى، تەكشۈرگەنلىرىنى قايتا ئېنىقلاش ۋە قايتا تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك دەپ قارىسا، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىدىن قايتا ئېنىقلاش ۋە قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلسا ھەمدە ئۇنىڭغا تەپتىش خادىملىرىنى قاتناشتۇرسا بولىدۇ. 

108–ماددا دېلو ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، زۆرۈر تېپىلغاندا جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن تەھقىقلەش يۈزىسىدىن ئەمەلىي سىناق ئۆتكۈزۈلسە بولىدۇ.

تەھقىقلەش يۈزىسىدىن ئەمەلىي سىناق ئۆتكۈزۈشتە، خەۋپ تۇغدۇرىدىغان، كىشىلىك غۇرۇرغا ھاقارەتكەلتۈرىدىغان ياكى ئەدەپ–قائىدىگە سىغمايدىغان ھەرقانداق قىلمىش مەنئى قىلىنىدۇ.

5–پاراگراف ئاختۇرۇش

109–ماددا جىنايەتكە دائىر دەلىل–ئىسپاتلارنى توپلاش، جىنايەت ئۆتكۈگۈچىلەرنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن، تەھقىقلىگۈچى خادىملار جىنايەتكە دائىر دەلىل–ئىسپاتلارنى يوشۇرۇش ئېھتىمالى بولغان كىشىلەرنىڭ بەدىنىنى، نەرسە–كېرەكلىرىنى، تۇرار جايىنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك جايلارنى ئاختۇرسا بولىدۇ.

110–ماددا ھەرقانداق ئورۇن، شەخسنىڭ خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەلپىگە ئاساسەن جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايەتلىك ياكى جىنايەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ماددىي ئىسپات ۋە ئۈن–سىن ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇرپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. 

111–ماددا ئاختۇرۇشتا ئاختۇرۇلغۇچىغا ئاختۇرۇش گۇۋاھنامىسى كۆرسىتىلىشى شەرت. قولغا ئېلىش ۋە توختىتىپ قويۇشنى ئىجرا قىلىشتا جىددىي ئەھۋال كۆرۈلسە، ئاختۇرۇش گۇۋاھنامىسى بولمىسىمۇ ئاختۇرۇشقا بولىدۇ. 

112–ماددا ئاختۇرغان چاغدا، ئاختۇرۇلغۇچى ياكى ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، قوشنىلىرى ۋە ياكى باشقا گۇۋاھچىلار تۆپىدە تۇرۇشى لازىم. ئاياللارنىڭ بەدىنىنى ئايال خادىملار ئاختۇرۇشى لازىم.

113–ماددا ئاختۇرۇش ئەھۋالىدىن خاتىرە يېزىلىشى، ئۇنىڭغا تەھقىقلىگۈچى خادىملار ۋە ئاختۇرۇلغۇچى ياكى ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، قوشنىلىرى ۋە ياكى باشقا گۇۋاھچىلار ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى لازىم. ئاختۇرۇلغۇچى ياكى ئۇنىڭ ئائىلە بېسىشى لازىم. ئاختۇرۇلغۇچى ياكى ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى قېچىپ كەتكەن ياكى ئىمزا قويۇشنى، تامغا بېسىشنى رەت قىلغان بولسا، خاتىرىدە ئەسكەرتىلىشى لازىم.

6–پاراگراف ماددىي ئىسپات ۋە يازما ئىسپاتنى تۇتۇپ قېلىش 

114–ماددا ئېنىقلاش ۋە ئاختۇرۇش جەريانىدا تېپىلغان، جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايەتلىك ياكى جىنايەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان نەرسىلەر ۋە ھۆججەتلەر تۇتۇپ قېلىنىشى لازىم؛ دېلوغا مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەر ۋە ھۆججەتلەرنى تۇتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.

تۇتۇپ قېلىنغان نەرسە ۋە ھۆججەتلەرنى ئوبدان ساقلاش ياكى پېچەتلىۋېتىش لازىم ئىشلىتىشكە ياكى بۇزۋېتىشكە بولمايدۇ.

115–ماددا تۇتۇپ قېلىنغان نەرسە ۋە ھۆججەتلەرنى تۆپىدە تۇرغان گۇۋاھچىلار تۇتۇپ قېلىنغان نەرسىنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغان گۇۋاھچىلار تۇتۇپ قېلىنغان نەرسىنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچىلاش بىلەن بىرلىكتە ئىدىتلاپ، شۇ جاينىڭ ئۆزىدە ئوخشاش ئىككى نۇسخا تىزىملىك يېزىپ چىقىشى كېرەك. ئۇنىڭغا تەھقىقلىگۈچى خادىملار، گۇۋاھچىلار ۋە نەرسىنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغانلار ئىمزا قويغان ياكى تامغا باسقاندىن كېيىن، بىر نۇسخىسىنى شۇ نەرسىنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچىغا بېرىش، يەنە بىر نۇسخىسىنى دېلوغا سېلىش لازىم.

116–ماددا تەھقىقلىگۈچى خادىملار جىنايەت گۇماندارىنىڭ پوچتا يوللانمىسى، تېلېگىراممىسىنى تۇتۇپ قېلىشقا تېگىشلىك دەپ قارىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە تەستىقلىتىپ، پوچتا–تېلېگراف ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك پوچتا يوللانمىسىنى، تېلېگراممىنى تۇتۇپ قېلىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ.

داۋاملىق تۇتۇپ قېلىشقا تېگىشلىك بولمىغاندا، پوچتا–تېلېگراف ئورگىنىغا دەرھال ئۇقتۇرۇش قىلىش لازىم.

117–ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جىنايەتنى تەھقىقلەش ئېھرىياجىغا ئاساسەن جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئامانەت پۇلى، پېرېۋوت پۇلىنى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرسە، توڭلىتىۋەتسە بولىدۇ.

جىنايەت گۇماندارىنىڭ توڭلىتىۋېتىلگەن ئامانەت پۇلى، پېرېۋوت پۇلىنى تەكرار توڭلىتۋېتىلگەن ئامانەت پۇلى، پېرېۋوت پۇلىنى تەكرار توڭلىتىۋېتىشكە بولمايدۇ. 

118–ماددا تۇتۇپ قېلىنغان نەرسە، ھۆججەت، پوچتا يوللانمىسى، تېلېگرامما ياكى توڭلىتىۋېتىلگەن ئامانەت پۇل، پېرېۋوت پۇلى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە دېلو بىلەن ھەقىقەتەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ چىقسا، تۇتۇپ قېلىش ۋە توڭلىتىشنى ئۈچ كۈن ئىچىدە بىكار قىلىپ، ئەسلىي ئىگىسىگە ياكى ئەسلى پوچتا–تېلېگراف ئورگىنىغا قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك.

7–پاراگراف باھالاش 

119–ماددا دېلو ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، دېلوغا دائىر بەزى مەخسوس مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كەلسە، مەخسۇس بىلىم ئەھلىلىرىنى باھالاپ بېرىشكە ئەۋەتىش، تەكلىپ قىلىش لازىم.

120–ماددا باھالىغۇچى باھالاپ بولغاندىن كېيىن، باھالاش خۇلاسىسى يېزىپ چىقىشى ھەم ئىمزا قويۇشى لازىم.

تېببىي باھالاشتا تالاش–تارتىش بولۇپ قېلىپ قايتا باھالاشقا توغرا كەلگەن جىسمانىي جەھھەتتە زەخمىلەنگەنلەرنى ياكى تېببىي باھالىنىدىغا روھىي كېسەللەرنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن دوختۇرخانا باھالايدۇ باھالىغۇچى باھالاپ بولغاندىن كېيىن باھالاش خۇلاسىسى يېزىپ چىقىشى ۋە ئىمزا قويۇشى، دوختۇرخانا تامغا بېسىشى كېرەك.

باھالىغۇچىلاردىن قەستەن يالغان باھالىغانلىرى قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

121–ماددا تەھقىقلىگۈچى ئورگان دەلىل–ئىسپات قىلىندىغان باھالاش خۇلاسىسىنى جىنايەت گۇماندارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئۇقتۇرۇشى لازىم. جىنايەت گۇماندارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئىلتىماس قىلسا، تولۇقلاپ باھالاشقا ياكى قايتا باھالاشقا بولىدۇ.

122–ماددا جىنايەت گۇماندارىنىڭ روھىي كېسىلىنى باھالاشقا كەتكەن ۋاقىت دېلو بېجىرىش سۈرۈكىگە كىرگۈرۈپ ھېسابلانمايدۇ.

8–پاراگراف تۇتۇش بويرۇقى چىقىرىش

123–ماددا قولغا ئېلىندىغان جىنايەت گۇماندارى قېچىپ كەتسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارسا بولىدۇ. ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ قاچقۇن تۇتۇپ كېلىنىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئۆز باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى جايلاردا تۇتۇش بۇيرۇقىنى بىۋاسىتە چىقارسا بولىدۇ؛ ئۆز باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولمىغان جايلاردا بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگاننىڭ بۇيرۇق چىقىرىشىنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

9–پاراگراف تەھقىقلەشنى ئاياغلاشتۇرۇش 

124–ماددا جىنايەت گۇماندارلىرى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكىنى ئىككى ئايدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. ئەھۋالى مۇرەككەپ بولغان، سۈرۈك ئىچىدە ئاياغلاشتۇرغىلى بولمايدىغان دېلولارنى تەھقىقلەش سۈرۈكىنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ بىر ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

125–ماددا پەۋقۇلئاددا سەۋەب تۈپەيلىدىن، خېلى ئۇزاققىچە سوت قىلىشقا تاپشۇرغىلى بولمايدىغان ئىنتايىن چوڭ ۋە مۇرەككەپ دېلولارنى قاراپ چىقىش سۈرۈكنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىپ ئۇزارتىدۇ. sfsef

126–ماددا تۆۋەندىكى دېلولاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 124–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئاياغلاشتۇرغىلى بولمىغانلىرىنىڭ تەھقىقلەش سۈرۈكىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى ياكى قارارى بىلەن ئىككى ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

(1) قاتناش ئىنتايىن قولايسىز چەت–ياقا جايلاردا يۈز بەرگەن چوڭ ۋە مۇرەككەپ دېلولار؛

(2) چوڭ جىنايەتچىلەر گۇرۇھى دېلولىرى؛

(3) ئېقىپ يۈرۈپ تۇغدۇرغان چوڭ ۋە مۇرەككەپ دېلولار؛

(4) چېتىلىش دائىرسى كەڭ، دەلىل–ئىسپات ئېلىش قىيىن بولغان چوڭ ۋە مۇرەككەپ دېلولار.

127–ماددا جىنايەت گۇماندارلىرىدىن ئون يىللىق قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جازا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بولغان، مۇشۇ قانۇننىڭ 126–ماددىسىدىكى بولگىلىمە بويىچە ئۇزارتىلغان سۈرۈك ئىچىدىمۇ تەھقىقلەشنى ئاياغلاشتۇرۇشقا بولمىغانلىرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى ياكى قارارى بىلەن يەنە ئىككى ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

128–ماددا تەھقىقلەش جەريانىدا باشقا مۇھىم جىنايىتى بارلىقى سېزىلگەن جىنايەت گۇماندارلىرىدىن تەھقىقلىنىدىغانلىرىنىڭ قاماپ تۇرۇلۇش سۈرۈكى مۇشۇ قانۇننىڭ 124–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە شۇ جىنايىتى سېزىلگەن كۈندىن باشلاپ قايتا ھېسابلىنىدۇ.

ھەقىقىي ئىسىم–فامىلىسى، تۇرار جايىنى دەپ بەرمىگەنلىكتىن، كىملىكى ئېنىق بولمىغان جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرۈكى ئۇلارنىڭ كىملىكى ئېنىقلانغان كۈندىن باشلاپ ھېسانلىنىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشىنى تەھقىقلەپ دەلىل–ئىسپات ئېلىشىن توختىتىشقا بولمايدۇ. جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل–ئىسپاتى راست ۋە تولۇق بولغانلىرى ئۆزى مەلۇم قىلغان ئىسىم–فامىلىسى بويىچە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىسىمۇ بولىدۇ.

129–ماددا جامائەت خەپسىزلىكى ئورگىنى تەھقىقلەپ ئاياغلاشتۇرغان دېلولاردا جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل–ئىسپات راست ۋە تولۇق بولۇشى ھەمدە ئەينلەش پىكىرنامىسى يېزىلىپ، دېلو ماتېرىياللىرى ۋە دەلىل–ئىسپاتلار بىلەن بىللە تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ قارار قىلىشىغا ئۆتكۈرۈپ بېرىلىشى لازىم.

130–ماددا تەھقىقلەش جەريانىدا، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك ئەمەسلىكى مەلۇم بولغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ دېلوسىنى بىكار قىلىش كېرەك؛ جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنغان بولسا، قويۇپ بېرىش گۇۋاھنامىسى بېرىپ دەرھال قويۇپ بېرىش ھەمدە قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۇقتۇرۇش كېرەك.

10–پاراگراف خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىۋاسىتە قوبۇل قىلغان دېلولارنى تەھقىقلىشى

131–ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىۋاسىتە قوبۇل قىلغان دېلولارنى تەھقىقلىشىگە مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

132–ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە قوبۇل قىلغان دېلولاردا مۇشۇ قانۇننىڭ 60–ماددىسىدا، 61–ماددىسىنىڭ 4-، 5-تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولۇپ، جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىشقا، توختىتىپ قويۇشقا توغرا كەلسە، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قارار قىلىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىجرا قىلىدۇ.

133–ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە قوبۇل قىلغان دېلودىكى توختىتىپ قويۇلغۇچىنى توختىتىپ قويۇلغاندىن كېيىن 24 سائەت ئىچىدە سوراق قىلىشى كېرەك. توختىتىپ قويۇشقا تېگىشلىك ئەمەسلىكى مەلۇم بولغانلارنى قويۇپ بېرىش گۇۋاھنامىسى بېرىپ دەرھال قويۇپ بېرىش شەرت. قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، دەلىل–ئىسپايلىرى تولۇق بولمىغانلىرىنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بەرسە ياكى تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئالسا بولىدۇ.

134–ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە قويۇل قىلغان دېلودىكى توختىتىپ قويۇلغۇچىنى قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك دەپ ھېسابلىسا، ئون كۈن ئىچىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. پەۋقولئاددە ئەھۋالدا، قولغا ئېلىشنى قارار قىلىش ۋاقتى بىر كۈندىن تۆت كۈنگىچە ئۇزارتىلسا بولىدۇ. قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك بولمىغانلىرى دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. داۋاملىق تەھقىقلەشكە تېگىشلىك بولغانلار ھەمدە بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش، تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغائېلىشى شەرتىگە توشىدىغانلار قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىغۇچە كېپىلگە بېرىلىشى ياكى تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى كېرەك.

135–ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەھقىقلەپ ئاياغلاشتۇرغان دېلو ئۈستىدە ئەيىبلەش–ئەيىبلىمەسلىك ياكى دېلونى بىكار قىلىش قارارى چىقىرىدۇ. 

3–باب ئەيىبلەش

136–ماددا ئەيىبلەشكە تېگىشلىك دېلولارنىڭ ھەممىسىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ قارار چىقىرىدۇ.

137–ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلو تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى ئېنىقلاپ چىقىشى شەرت:

(1) جىنايەت پاكىتلىرى ۋە قىلمىشىنىڭ ئېنىق بولغان–بولمىغانلىقى، دەلىل–ئىسپاتلارنىڭ راست ۋە تولۇق بولغان–بولمىغانلىقى، جىنايەت خاراكتېرى ۋە جىنايەت نامىنىڭ توغرا بېكىتىلگەن–بېكىتىلمىگەنلىكى؛

(2) چۈشۈپ قالغان جىنايەت ۋە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغان كىشىلەرنىڭ بار–يوقلۇقى؛

(3) جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلمەيدىغانلار قاتارىغا كىرىدىغان–كىرمەيدىغانلىقى؛

(4) قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىنىڭ بار–يوقلۇقى؛

(5) تەھقىقلەش پائالىيىتىنىڭ قانۇنلۇق بولغان–بولمىغانلىقى.

138–ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئەينلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دېلولار ئۈستىدە بىر ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىپ بولۇشى كېرەك، چوڭ ۋە مۇرەككەپ دېلولاردا يېرىم ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلىگەن دېلونىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئۆزگەرگەن بولسا، تەۋەلىكى ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش سۈرۈكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلونى تاپشۇرۇۋالغا كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

139–ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلونى تەكشۈرگەندە، جىنايەت گۇماندارىدىن سوئال سورىشى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھاۋالە قىلغان كىشىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى لازىم.

140–ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلو تەكشۈرگەندە، جامەئەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىن سوتتا كېرەكلىك دەلىك–ئىسپات ماتېرىياللىرىنى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرگەن دېلولاردىن تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە توغرا كەلگەنلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇرسىمۇ، ئۆزى تەھقىقلىسىمۇ بولىدۇ.

تولۇقلاپ تەھقىقلىنىدىغان دېلونى تولۇقلاپ تەھقىقلەش بىر ئاي ئىچىدە تۈگىتىلىشى كېرەك. تولۇقلاپ تەھقىقلەش ئىككى قېتىم بىلەنلا چەكلىنىدۇ. دېلو تولۇقلاپ تەھقىقلىنىپ خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش سۈرۈكىنى قايتا ھېسابلايدۇ.

تولۇقلاپ تەھقىقلەنگە دېلولاردىن خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يەنىلا دەلىل–ئىسپاتى تولۇق ئەمەس، ئەيىبلەش شەرتىگە توشمايدۇ، دەپ ھېسابلىغىنى ئۈستىدە ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقارسا بولىدۇ.

141–ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەت گۇماندارلىرىدىن جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىق، دەلىل–ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك دەپ ھېسابلىغىنى ئۈستىدە ئەيبىلەش قارارى چىقىرىپ، سوت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تەۋەلىكى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيبىلىشى لازىم.

142–ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەت گۇماندارلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 15–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنىڭ بىرى بارلىرى ئۈستىدە ئەيبلىمەسلىك قارارى چىقىرىشى لازىم.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى قىلمىشى يېنىك بولۇپ، جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىش زۆرۈر بولمىغانلار ياكى جىنايى جازا كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلار ئۈستىدە ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقارسا بولىدۇ.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقارغان دېلودا تەھقىقلەش جەريانىدا تۇتۇپ قېلىنغان، توڭلىتىلغان پۇل–ماللارنى تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىشنىمۇ بىكار قىلىشى لازىم.

ئەيىبلەنمەيدىغانلاردىن مەمۇرىي جازا بېرىش، مەمۇرىي چارە كۆرۈش ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش زۆرۈر بولغانلىرىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىشلىك پىكرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئالاقىدار مەسئۇل ئورگاننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈرۈپ بېرىشى لازىم.

ئالاقىدار مەسئۇل ئورگان بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋاقىتىدا ئۇقتۇرۇشى لازىم.

143–ماددا ئەيبىلىمەسلىك قارارىنى ئوچۇق ئېلان قىلىش ھەمدە ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسىنى ئەيىبلەنمىگۈچىگە ۋە ئۇ تۇرۇشلۇق ئورۇنغا يەتكۈزۈپ بېرىش لازىم. ئەيىبلەنمىگۈچى قاماقتا بولسا، دەرھال قويۇپ بېرىش لازىم. 

144-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دېلو ئۈستىدە ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقارسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى لازىم. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئەيىبلىمەسلىك قارارىدا خاتالىق بار دەپ ھېسابلىسا، قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، بىكرى قوبۇل قىلىنمىسا، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قايتا تەكشۈرۈشكە سۇنسا بولىدۇ. 

145–ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بار دېلو ئۈستىدە ئەيبلىمەسىلىك قارانامىسى چىقارغاندا، ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى لازىم. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن يەتتە كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. خەلق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قايتا تەكشۈرۈش قارارىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى كۈچكە ئىگە قىلسا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەرز سۇنماي خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇناسىۋەتلىك دېلو ماتېرىياللىرىنى خەلىق سوت مەھكىمسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

146–ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 142–ماددىسىنىڭ 2–تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە چىقارغا ئەيبلىمەسلىك قارارىغا ئەيىبلەنمىگۈچى قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن يەتتە كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قايتا تەكشۈرۈش ھەققىدە قارار چىقىرىپ، ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئۇقتۇرۇشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغىمۇ ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.

1–باب سوت تەشكىلاتى

147–ماددا ئاساسىي قاتلام سوت مەھكىمىسى ۋە ئوتتۇرا خەلىق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوت دېلوسىنى ئۈچ سوتچىدىن ياكى سوتچى ۋە خەلق زاسېداتىلى بولۇپ ئۈچ كىشىدىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ سوت قىلىشى لازىم، لېكىن ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسى ئاددىي تەرتىپنى قوللىنىدىغان دېلومى بىرلا سوتچى ئۆز ئالدىغا سوت قىلسا بولىدۇ. 

يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوت دېلوسىنى ئۈچتىن يەتتىگىچە سوتچى ياكى ئۈچتىن يەتتىگىچە سوتچى ۋە خەلق زاسېداتىلىدىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ سوت قىلىشى لازىم.

خەلق زاسېداتىللىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدە ۋەزىپە ئىجراقىلىشتا سوتچىلار بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە.

خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ۋە ئېتىراز دېلولىرىنى ئۈچتىن بەشكىچە سوتچىدىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ سوت قىلىدۇ.

كېڭەشمە سوت ئەزالىرىنىڭ سانى تاق بولۇشى لازىم.

مەھكىمە باشلىقى ياكى كوللېگىيە باشلىقى سوتچىلاردىن بىرىنى كېڭەشمە سوتقا باش سوتچى قىلىپ بەلگىلەيدۇ. مەھكىمە باشلىقى ياكى كوللېگىيە باشلىقى دېلونى سوت قىلىشقا قاتناشقاندا ئۆزى باش سوتچى بولىدۇ. 

148–ماددا كېڭەشمە سوتتا باھالىغاندا پىكر ئىختىلاپى تۇغۇلۇپ قالسا، كۆپ سانلىقنىڭ پىكرى بويىچە قارار چىقىرىش لازىم، ئەمما ئاز سانلىقنىڭ پىكرى خاتىرىگە يېزىپ قويۇلۇشى كېرەك. باھالاش خاتىرىسىگە كېڭەشمە سوت ئەزالىرى سوت ئەزالىرى ئىمزا قويىدۇ.

149–ماددا كېڭەشمە سوت سوت ئاچقان ھەمدە باھالىغاندىن كېيىن ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك، كېڭەشمە سوت چىگىش، مۇرەككەپ ۋە چوڭ دېلولار ئۈستىدە قارار چىقىرىش قىيىن دەپ ھېسابلىسا، كېڭەشمە سوت مەھكىمە باشلىقىنىڭ قارارى بىلەن قىلىشىغا سۇنىدۇ. سوت ھەيئىتىنىڭ قارارىنى كېڭەشمە سوت ئىجراقىلىشى كېرەك.

2–باب بىرىنچى سوت تەرتىپى

1–پاراگراف ئەيىبلەنگەن دېلولار

150–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئەيىبلەنگەن دېلولارنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئەيبىنامىدە جىنايەت پاكىتىلىرى ئېنىق ئەيىبلەنگەن ھەمدە دەلىل–ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، گۇۋاھچىلار ئىسىملىكى ۋە ئاساسىي دەلىل–ئىسپاتلارنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ياكى سۈرىتى يوللانغانلىرىنى سوت ئېچىپ سوت قىلىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشى لازىم.

151–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىپ سوت قىلىشنى قارار قىلىغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىدۇ:

(1) كېڭەشمە سوت ئەزالىرىنى بېكىتىش؛

(2) خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەينىنامىسىنىڭ كۆچۈرمىسىنى كېچىللەندە سوت ئېچىشتىن ئون كۈن ئىلگىرى جاۋابكارغا يەتكۈزۈش؛ ئاقلىغۇچى تاپمىغان جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچى تاپسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش ياكى زۆرۈر تېپىلغاندا قانۇن ياردىمى مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئادۋوكاتنى ئاقلىغۇچىلىققا بەلگىلەپ بېرىش؛

(3) سوت ئېچىش ۋاقتى ۋە ئورنىنى سوت ئېچىشتىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۇقتۇرۇش؛ 

(4) دەۋالاشقۇچىلارنى چاقىرتىش، ئاقلىغۇچى، دەۋا ۋاكالەتچىسى، گۇۋاھچى، باھالىغۇچى ۋە تەرجىمانغا ئۇقتۇرۇش قىلىش، چاقىرىق قەغىزى ۋە ئۇقتۇرۇشنى كېچىككەندە سوت ئېچىشتىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى يەتكۈرۈپ بېرىش؛

(5) ئوچۇق سوت قىلىنىدىغان دېلولاردا سوت ئېچىشتىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى دېلو مەزمۇنى، ئورنىنى ئالدىن ئېلان قىلىش.

يۇقىرى پائالىيەتلەر خاتىرىلەپ قويۇلىدۇ، ئۇنىڭغا سوتچى خادىملار ۋە پۈتۈكچى ئىمزا قويىدۇ.

152–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوت دېلوسىنى ئوچۇق سوت قىلىشى لازىم. ئەمما، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىگە ياكى شەخىسنىڭ ئىززىتىگە تاقىلىدىغان دېلو ئوچۇق سوت قىلىنمايدۇ.

يېشى 14 تىن ئاشقان، 16 گە توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ جىنايەت دېلولىرى بىردەك ئوچۇق سوت قىلىنمايدۇ. يېشى 16 دىن ئاشقان، 18 گە توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ جىنايەت دېلوسىمۇ ئادەتتە ئوچۇق سوت قىلىنمايدۇ.

ئوچۇق سوت قىلىنمايدىغان دېلونىڭ ئوچۇق سوت قىلىنماسلىقىدىكى سەۋەبلەر شۇ سوتنىڭ ئۆزىدە ئېلان قىلىنىشى كېرەك.

153–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئەيىبلەنگەن دېلونى سوت قىلغاندا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوتقا ئادەم قاتناشتۇرۇپ، ئەيىبلەشنى قوللىشى كېرەك، ئەمما مۇشۇ قانۇننىڭ 175–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن ئاددىي تەرتىپ قوللىنىلغانلىرىدا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوتقا ئادەم ئەۋەتىپ قاتناشتۇرمىسىمۇ بولىدۇ.

154–ماددا سوت ئاچقاندا، باش سوتچى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ھازىر بولغان–بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرىدۇ، دېلو مەزمۇنىنى ئېلان قىلىدۇ؛ كېڭەشمە سوت ئەزالىرى، پۈتۈكچى، ئەيىبلىگۈچى، ئاقلىغۇچى، دەۋا ۋاكالەتچىسى، باھالىغۇچى ۋە تەرجىماننىڭ ئىسملىكىنى ئېلان قىلىدۇ؛ دەۋالاشقۇچىلارغا ئۇلارنىڭ كېڭەشمە سوت ئەزالىرى، پۈتۈكچى، ئەيىبلىگۈچى، باھالىغۇچى ۋە تەرجىماننىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ؛ جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ.

155–ماددا ئەيىبلىگۈچى سوتتا ئەيىبنامىنى ئوقۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، جاۋابكار، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەيىبنامىدە ئەيىبلىگۈچى جاۋابكاردىن سوئال سورىسا بولىدۇ.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، قوشۇمچە ھەق تەلە دەۋاسىدىكى دەۋاگەر، ئاقلىغۇچى ۋە دەۋا ۋاكالەتچىسى باش سوتچىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ، جاۋابكارغا سوئال قويسا بولىدۇ. 

سوتچى خادىملار جاۋابكاردىن سوئال سورىسا بولىدۇ.

156–ماددا گۇۋاھچى گۇۋاھلىقتىن ئۆتىدىغان چاغدا، سوتچى خادىملار ئۇنىڭغا راست گەپ قىلىش كېرەكلىكىنى، قەستەن يالغان گۇۋاھلىق بەرسە ياكى جىنايەت دەلىللىرىنى يوشۇرسا قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. ئەيىبلىگۈچى، دەۋالاشقۇچى ۋە ئاقلىغۇچى، دەۋا ۋاكالەتچىسى باش سوتچىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ باش سوتچى سوئالنىڭ مەزمۇنىنى دېلوغا مۇناسىۋەتسىز دەپ ھېسابلىسا، سوئال سوراشنى توسۇشى كېرەك.

سوتچى خادىملار گۇۋاھچى ۋە باھالىغۇچىدىن سوئال سورىسا بولىدۇ.

157–ماددا ئەيىبلىگۈچى، ئاقلىغۇچى سوتتا ماددىي ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ دەۋالاشقۇچىلارغا تونۇتۇشى كېرەك، سوتقا كەلمىگەن گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىنىڭ خاتىرىسى، باھالىغۇچىلارنىڭ باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش خاتىرىسىنى ۋە دەلىل ئسپات بولىدىغان باشقا ماتېرىياللارنى سوتتا ئوقۇپ ئۆتۈشى لازىم. سوتچى خادىملار ئەيىبىلىگۈچى، دەۋالاشقۇچى ۋە ئاقلىغۇچى، دەۋا ۋاكالەتچىسىنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك. 

158–ماددا سوتتا سوت قىلىش جەريانىدا، كېڭەشمە سوت دەلىل–ئىسپاتلاردىن گۇمان قىلسا، سوتنى توختىتىپ تۇرۇشنى ئېلان قىلىپ، دەلىل–ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ ئەمەليىلەشتۈرسە بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى دەلىل–ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرسە بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى دەلىل–ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئېنىقلىسا، تەكشۈرسە، تۇتۇپ قالسا، باھالىسا، سۈرۈشتۈرسە ۋە توڭلىتىپ قويسا بولىدۇ.

159–ماددا سوتتا سوت قىلىش جەريانىدا، دەۋالاشقۇچىلارۋە ئاقلىغۇچى، دەۋا ۋاكالەتچسى يېڭى گۇۋاھچىنى سوتقا كەلتۈرۈشنى، يېكى ماددىيۇ ئىسپاتنى ئالدۇرۇشنى، باھالاش ياكى ئېنىقلاش ئىشىنى يېڭىۋاشتىن ئېلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

سوت يۇقىرىقى ئىلتىماسلارغا قوشۇلدىغان-قوشۇلمايدىغانلىقى ھەققىدە قارار چىقىرىشى كېرەك.

160–ماددا ئەيىبلىگۈچى، دەۋالاشقۇچى ۋە ئاقلىغۇچى، دەۋا ۋاكالەتچىسى باش سوتچىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ، دەلىل–ئىسپات ۋە دېلو ئەھۋالى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلسا ھەم مۇنازىرىلەشسە بولىدۇ. باش سوتچى مۇنازىرىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكار ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

161–ماددا سوتتا سوت قىلىش جەريانىدا، سەۋا ئىشتىراكچىلىرى ياكى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىغۇچىلاردىن سوت تەرتپىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى باش سوتچى ئاگاھلاندۇرۇپ توسۇشى كېرەك. گەپ ئاڭلىمىغانلار سوتتىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلىسە بولىدۇ؛ قىلىمشى ئېغىر بولغانلارغا 1000 يۈەندىن تۆۋەن مەمۇرىي جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ. مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش، توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ. مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش، شەرت. جازالانغۇچىلاردىن مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش، توختىتىپ قويۇش قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىقىش مەزگىلىدە ئىجرا توختىتىلمايدۇ.

سوتتا توپلىشىپ جىدەل چىقارغان، سوتقا بېسىپ كىرگەن ياكى ئەدلىيە خادىملىرىغا ۋە ياكى دەۋا ئىشتىراكچىلىرىغا ھاقارەت قىلغان، بۆھتان چاپلىغان، تەھدىت سالغان، ئۇلارنى ئۇغانلاردىن سوت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

162–ماددا جاۋابكار ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن، باش سوتچى سوتنىڭ توختىتىپ تۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. كېڭەشمە سوت باھالاش ئېنىقلانغان پاكىت، دەلىل–ئىسپاتلارغا ۋە قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك ھۆكۈم چىقىرىدۇ:

(1) دېلو پاكىتى ئېنىق، دەلىل–ئىسپات راست ۋە تولۇق بولۇپ، جاۋابكارنىڭ جىنايىتى بارلىقى قانۇن بويىچە مۇقىملاشتۇرۇلسا، جىنايىتى بار دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛

(2) جاۋابكارنىڭ جىنايىتى يوقلۇقى قانۇن بويىچە مۇقىملاشتۇرۇلسا، جىنايەتسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛

(3) دەلىل–ئىسپات تولۇق بولمىسا، جاۋابكارنىڭ جىنايىتى بارلىقىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولمىسا، دەلىل–ئىسپات تولۇق ئەمەس، ئەيىبلەنگەن جىنايەتكە توشمايدۇ، جىنايەتسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

163–ماددا ھۆكۈم پۈتۈنلەي ئوچۇق ئېلان قىلىنىدۇ.

ھۆكۈم سوتنىڭ ئۆزىدە ئېلان قىلىنغانلىرىدا ھۆكۈمنامە دەۋالاشقۇچىلارغا ۋە ئەيىبلىگۈچى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە بەش كۈن ئىچىدە يەتكۈزۈپ بېرلىشى لازىم؛ ھۆكۈم قەرەللىك ئېلان قىلىندىغانلارغا ۋە ئەيىبلىگۈچى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە دەرھال يەتكۈزۈپ بېرىلىشى لازىم.

164–ماددا ھۆكۈمنامىگە كېڭەشمە سوت ئەزالىرى ۋە پۈتغكچى ئىمزا قويۇشى ھەمدە نارازىلىق ئەرزى بېرىلىدىغان مۆھلەت ۋە سوت مەھكىمىسى ئېنىق يېزىلىشى لازىم. 

165–ماددا سوتتا سوت قىلىش جەريانىدا، سوت قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى ئەۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، سوت قىلىش ۋاقتى ئۇزارتىلسا بولىدۇ:

(1) يېڭى گۇۋاھچىلارغا سوتقا كېلىشنى ئۇقتۇرۇشقا، يېڭى ماددىي ئىسپاتلارنى ئالدۇرۇشقا، يېڭىۋاشتىن باھالاش ياكى ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە؛

(2) تەپتىش خادىملىرى ئەيىبلەنگەن دېلونى تولۇقلاپ تەھقىقلەپ زۆرۈرىيىتى بارلىقىنى سېزىپ تەكلىپ قويسا؛

(3) دەۋالاشقۇچىلار چەتلەپ تۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغانلىقتىن سوتنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمىسا.

166–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 165–ماددىسىنىڭ 2–تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن سوت قىلىش ۋاقتى ئۇزارتىلغان دېلولارنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىر ئاي ئىچىدە تولۇقلاپ تەھقىقلاپ بولۇشى كېرەك.

167–ماددا پۈتۈكچى سوتتىكى بارلىق سوتلاش پائالىيىتىنى خاتىرىلەيدۇ، خاتىرىنى باش سوتچى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا باش سوتچى بىلەن پۈتۈكچى ئىمزا قويىدۇ.

گۇۋاھچىنىڭ سوت خاتىرىسىگە يېزىلغان گۇۋاھلىق سۆزلىرى سوتتا ئوقۇپ ئۆتۈلىدۇ ياكى كۆرۈشكە بېرىلىدۇ. گۇۋاھچى خاتالىق يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئىمزا قويىدۇ ياكى تامغىسىنى باسىدۇ.

سوت خاتىرىسى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ كۆرۈشىگە بېرىلىشى ياكى ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىلىشى لازىم. دەۋالاشقۇچىلار خاتىرىگە چۈشمەي قالغان ياكى خاتا يېزىلىپ قالغان يەرلەر بار دەپ قارىسا، تولۇقلاپ قويۇشىنى ياكى تۈزىتىپ قويۇشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

دەۋالاشقۇچىلار خاتالىق يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن خاتىرىگە ئىمزا قويۇشى ياكى تامغىسىنى بېسىشى لازىم. 

168–ماددا خەلق سوت مەھكىمسى ئەيىبلەنگەن دېلونى سوت قىلغاندا، ئۇنىڭ ھۆكىمىنى شۇ دېلو قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن بىر ئاي ئىچىدە ئېلان قىلىشى، كېچىككەندە بىر يېرىم ئايدىن ئاشۇرۋەتمەسلىكى كېرەك. مۇشۇ قانۇننىڭ 126–ماددىسدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى ياكى قارارى بىلەن يەنە بىر ئاي ئۇزارتىسا بولىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتكەن دېلونىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتلگەندىن كېيىن سوت قىلىنىش سۈرۈكى خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. 

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تولۇقلاپ تەھقىقلەيدىغان دېلولار تولۇقلاپ تەھقىقلىنىپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، سوت قىلىش سۈرۈكىنى خەلق سوت مەھكىمىسى يېڭىۋاشتىن ھېسابلايدۇ.

169–ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ دېلونى سوت قىلىشتا قانۇندا بەلگىلەنگەن دەۋا تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بايقىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە تۈچىتىش ھەققىدە پىكىر بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

2–پاراگراف بىۋاسىتە دەۋا دېلولىرى

170–ماددا بىۋسىتە دەۋا دېلولىرى تۆۋەندىكى دېلولارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 

(1) دەۋا قىلغاندىلا سورىلىدىغان دېلولار؛ 

(2) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دەلىل–ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلىغان يېنىك جىنايى ئىشلار دېلولىرى؛

(3) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۆزىنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى ۋە مال–مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخ–تەرۇز قىلغان جاۋابكارلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى دەلىل–ئسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلىغان، ئەمما جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرمىگەن جاۋابكارلارنىڭ دېلولىرى.

171–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى بىۋاسىتە دەۋا دېلولىرىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلدۇ: 

(1) جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىق، دەلىل–ئىسپاتلىرى تولۇق دېلولارنى سوت ئېچىپ سوت قىلىدۇ؛

(2) بىۋاسىتە دەۋا دېلولىرىدىن جىنايەت پاكىتلىرى كەمچىل بولغانلىرى ئۈستىدە بىۋسىتە دەۋا قىلغۇچى تولۇقلاپ دەلىل–ئىسپات كۆرسىتەلمىسە، بىۋاسىتە دەۋا قىغۇچىنى دەۋادىن كېچىشكە كۆرسىتەلمىسە، بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچى دەۋادىن كېچىشكە كۆندۈرىدۇ ياكى كېسىم بىلەن رەت قىلىدۇ.

بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچىلاردىن قانۇن بويىچە ئىككى قېتىم چاقىرتلغاندا ئورۇنسىز سەۋەب كۆرسىتىپ سوتقا كەلمىگەنلىكى ياكى سورتنىڭ رۇخسىتسىز ئارلىقتا سوتتىن چىقىپ كەتكەنلىرى دەۋادىن كەچكەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

سوتتا سوت قىلىش جەريانىدا، سوتچى خادىملار دەلىل–ئىسپاتتىن گۇمان قىلىپ، تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زۆرۈر تاپسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 158–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىنى تەتبىقلايدۇ.

172–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى بىۋاسىتە دەۋا دېلولىرىنى مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ؛ بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچى ھۆكۈم ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى جاۋابكار بىلەن ئۆزى كېلىشىۋالسىمۇ ياكى دەۋادىن كەچسىمۇ بولىدۇ. مۇشۇ قانۇننىڭ 170-ماددىسىنىڭ 3–تارماقچىسىدا بەلىگىلەنگەن دېلولار مۇرەسسە قىلىنمايدۇ.

173–ماددا بىۋاسىتە دەۋا قىلىغۇچىلارغا قارشى دەۋا قىلسا بولىدۇ. بىۋاسىتە دەۋا قىلىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەر قارشى دەۋا قىلشقىمۇ تەتبىقلىنىدۇ.

3–پاراگراف ئاددىي تەرتىپ 

174–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى تۆۋەندىكى دېلولاردا ئاددىي تەرتىپنى قوللانسا، ئۇنى بىرلا سوتچى سوت قىلسا بولىدۇ:

(1) قانۇن بويىچە ئۈچ يىلىدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازىسى، رېجىمغا ئېلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنىش، جەرىمانە قويۇش جازاسى ئايرىم ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بولغان ئەيىبلەنگەن دېلولاردىن پاكىتى ئېنىق، دەلىل–ئىسپاتى تولۇق بولغان، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاددىي تەرتىپنى قوللىنىشىنى تەكلىپ قىلغان ياكى ماقۇل كۆرگەن دېلو؛

(2) دەۋا قىلغاندىلا سورىلىدىغان دېلو؛ 

(3) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دەۋا قىلغان، دەلىل–ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلىغان يېنىك جىنايى ئىشلار دېلوسى.

175–ماددا ئەيىنلەنگەن دېلوئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىنغاندا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوتقا قاتنىشىشقا ئادەم ئەۋەتىسىمۇ بولىدۇ. جاۋابكار ئەيىبنامىدە ئەيىبلەنگەن جىنايەت ئۈستىدە پىكرىنى بايان قىلسا ۋە ئۆزىنى ئاقلىسا بولىدۇ. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاتنىشىشقا ئادەم ئەۋەتكەن سوتتا، جاۋابكار ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى سوتچى خادىملارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ، ئەيىبلىگۈچى بىلەن مۇنازىرىلەشسە بولىدۇ. 

176–ماددا بىۋاسىتە دەۋا دېلوسى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىنغاندا، دەۋانامە ئوقۇپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن جاۋابكار ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى سوتچى خادىملارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ، بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى بىلەن مۇنازىرىلەشسە بولىدۇ. 

177–ماددا ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىندىغان دېلو مۇشۇ بابنىڭ 1–پاراگرافىدىكى جاۋابكاردىن سوئال سوراش، گۇۋاھچىدىن ۋە باھالىغۇچىدىن گەپ سوراش، دەلىل–ئىسپات كۆرسىتىش، سوتتا مۇنازىرىلىشىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. لېكىن، ھۆكۈم ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى جاۋابكارنىڭ ئاخىرقى پىكرىنى ئاڭلاش كېرەك.

178–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىنىدىغان دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن 20 كۈن ئىچىدە سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇشى لازىم. 

179–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش جەريانىدا ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلسا مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقىنى سەزگەن دېلونى مۇشۇ بابنىڭ 1–پاراگراف ياكى 2–پاراگرافىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتا سوت قىلىشى لازىم.

3–باب ئىككىنچى سوت تەرتىپى

180–ماددا جاۋابكار، بىۋاسىتە دەۋاقىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىدىن يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىرىنچى سوت ھۆكۈمى ۋە كېسىملىرىگە قايىل بولمىغانلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە يازما ياكى ئاغزاكى نارازىلىق ئەرزى بېرىشكە ھوقۇقلۇق. جاۋابكارنىڭ ئاقلىغۇچى ۋە يېقىن تۇغقانلىرى جاۋابكارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ نارازىلىق ئەرزى بەرسە بولىدۇ.

قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ قانۇن ۋاكالەتچىلىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ بىرىنچى سوت ھۆكۈمى ۋە كېسىمنىڭ قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىسىمى ئۈستىدە نارازىلىق ئەرزى بەرسە بولىدۇ.

جاۋابكارنىڭ نارازىلىق ئەرزى بېرىش ھوقۇقىدىن ھەر قانداق باھانە بىلەن مەھرۇم قىلىشقا بولمايدۇ.

181–ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ بىرىنچى سوت ھۆكۈمى ۋە كېسىمىدە ھەقىقەتەن خاتالىق بار دەپ ھېسابلىسا، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئېتىراز بىلدۈرۈشى لازىم.

182–ماددا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىدىن يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ بىرىنچى سوت ھۆكۈمىگە قايىل بولمىغانلىرى ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۋالغانلاردىن كېيىن بەش كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشىنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق. خەلق تەپىتىش مەھكىمىدى زىيەنكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىرىنىڭ ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن بەش كۈن ئىچىدە ئېتىراز بىلدۈرۈش–بىلدۈرمەسلىك ھەققىدە قارار چىقىرىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا جاۋاب بېرىشى لازىم. 

183–ماددا ھۆكۈمگە قايىل بولمىغانلارنىڭ نارازىلىق ئەرزى بېرىش ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈش سۈرۈكى ئون كۈن بولىدۇ، كېسىمگە قايىل بولمىغانلارنىڭ نارازىلىق ئەرزى بېرىشى ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈش سۈرۈكى بەش كۈن بولىدۇ، سۈرۈك ھۆكۈمىنامە ۋە كېسىمنامە تاپشۇرۋېلىنغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

184–ماددا جاۋابكار، بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچى، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر ۋە جاۋابكار ئەسلى سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق نارازىلىق ئەرزى بەرسە ئەسلى سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرزىنى ئۈچ كۈن ئىچىدە دېلو ۋە دەلىل–ئىسپاتلار بىلەن بىللە ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈرۈپ بېرىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نارازىلىق ئەرزىنىڭ كۆچۈرمىسىنى تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋە دەۋالاشقۇچى قارشى تەرەپكە بېرىشى لازىم.

جاۋابكار، بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچى، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر ۋە جاۋابكار ئىككىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە نارازىلىق مەھكىمىسى ئۇنى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئەسلى سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋە دەۋالاشقۇچى قارشى تەرەپكە بېرىشىگە ئەۋەتىشى لازىم. 

185–ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ بىرىنچى سوت ھۆكۈمى ۋە كېسىمىگە ئېتىراز بىلدۈرۈمەكچى بولسا، ئېتىرازنامىنى ئەسلى سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق سۇنۇشى ھەمدە ئېتىرازنامىنىڭ كۆچۈرمىسىنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە يوللاپ بېرىشى لازىم. ئەسلى سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئېتىرازنامىنى دېلو ۋە دەلىل–ئىسپاتلار بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە ئېتىرازنامىنىڭ كۆچۈرمىسىنى دەۋالاشقۇرچىلارغا بېرىشى لازىم. يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېتىراز بىلدۈرۈش مۇۋاپىق ئەمەس دەپ ھېسابلىسا، تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئېتىرازنامىنى قايتۇرۋالسا ھەمدە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ.

186–ماددا ئىككىنچى سوت ھۆكۈمىدە پاكىتلارنىڭ بېكىتىلىشى ۋە قانۇننىڭ تەتبىقلىنىشىنى نارازىلىق ئەرزى ياكى ئېتىراز دائىرسىدە چەكلىنىپ قالماي ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ كۆرۈشى لازىم.

بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن جىنايەت دېلوسىدىكى جاۋابكارلاردىن بىرقىسىملا نارازىلىق ئەرزى بەرگەن بولسا، پۈتۈن دېلونى تەكشۈرۈپ بىراقلا بىر تەرەپ قىلىش لازىم. 

187–ماددا ئىككىنىچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرزى بېرىلگەن دېلونى كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ، سوت ئېچىپ سوت قىلىشى لازىم. كېڭەشمە سوت دېلو كۆرۈش، جاۋابكارلاردىن سوئال سوراش، باشقا دەۋالاشقۇچىلار، ئاقلىغۇچىلار ۋە دەۋا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق پاكىتى ئېنىق دەپ ھېسابلىغانلىرىنى سوت ئاچقاي سوت قىلىسىمۇ بولىدۇ. خەلق تاپتىش مەھكىمىسى ئېتىراز بىلدۈرگەن دېلونى ئىككىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىپ سوت قىلىشى لازىم.

ئىككىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ۋە ئېتىراز دېلوسىنى شۇ دېلو يۈز بەرگەن جايغا ياكى ئەسلى سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايغا بېرىپ سوت ئېچىپ سوت قىلسا بولىدۇ.

188–ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېتىراز بىلدۈرگەن دېلودا ياكى ئىككىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىپ سوت قىلىدىغان ئەيىبلەنگەن دېلودا تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوتقا ئادەم قاتناشتۇرۇشى لازىم. ئىككىنچى سوت قىلىغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىشتىن ئون كۈن ئىلگىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە دېلونى كۆرۈپ چىقىشنى ئۇقتۇرۇشى شەرت.

189–ماددا ئىككىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي نارازىلىق ئەرزى بېرىلگەن، ئېتىراز بىلدۈرۈلگەن دېلونى سوت قىلغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى لازىم:

(1) ئەسلى ھۆكۈمدە پاكىتنى بېكىتىش ۋە قانۇننى تەتبىقلاش توغرا، جازا ئۆلچەش مۇۋاپىق بولغان بولسا، نارازىلىق ئەرزى ياكى ئېتىرازنى كېسىم ئارقىلىق رەت قىلىپ، ئەسلى ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە قىلىش؛

(2) ئەسلى ھۆكۈمدە پاكىتنىڭ بېكىتىلىشىدە خاتالىق بولمىسىمۇ، قانۇننى تەتبىقلاشتا خاتالىق بولسا ياكى جازا ئۆلچەش مۇۋاپىق بولمىغان بولسا ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىش؛

(3) ئەسلىي ھۆكۈمدە پاكىتلار ئېنىق بولمىغان ياكى دەلىل–ئىسپاتلار تولۇق بولمىغان بولسا، پاكىتنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن ھۆكۈمنى كۈچتىن قالدۇرۇپ، دېلو ئەسلى سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا سوت قىلىشىغا قايتۇرۇلسىمۇ بولىدۇ.

190–ماددا ئىككىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار ياكى ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى، ئاقلىغۇچىسى، يېقىن توغقىنى نارازىلىق ئەرى بەرگەن دېلونى سوت قىلغاندا، جاۋابكارغا بېرىلىدىغان جىنايى جازانى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېتىراز بىلدۈرگەن ياكى بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچىلار نارازىلىق ئەرزى بەرگەن دېلولار يوقىرى تارماقتىكى بەلگىلىمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

191–ماددا ئىككنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوت قىلىغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىشىدا قانۇندا بەلگىلەنگەن دەۋا تەرتىپىگە خىلاپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بالىقىنى سەزسە، ئەسلى ھۆكۈمنى كېسىم ئارقىلىق كۈچتىن قالدۇرۇپ، دېلونى ئەسلى سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا سوت قىلىشغا قايتۇرۇشى لازىم: 

(1) مۇشۇ قانۇندىكى ئوچۇق سوت قىلىشقا دائىر بەلگىلىمە خىلاپلىق قىلىنغان بولسا؛

(2) چەتلەپ تۇرۇش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىنغا بولسا؛

(3) دەۋالاشقۇچىلار قانۇندا بەلگىلەنگەن دەۋا ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقتىن ياكى ئۇلارنىڭ بۇ ھوقۇقى چەكلەنگەنلىكتىن، ئادىل سوت قىلىشقا تەسىر يېتىش ئېھتىمالى بولسا؛

(4) سوت تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى قانۇنغا ئۇيغۇن بولمىسا؛

(5) قانۇندا بەلگىلەنگەن دەۋا تەرتىپىگە خىلاپ باشقا ئەھۋاللار بولغانلىقتىن، ئادىل سوت قلىشقا تەسىر يېتىشى ئېھتىمالى بولسا. 

192–ماددا ئەسلى سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا سوت قىلىشقا قايتۇرۇلغان دېلونى باشقىدىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ، بىرىنچى سوت تەرتىپى بويىچە سوت قىلىشى لازىم. قايتا سوت قىلغاندىن كېيىن چىقىرىلغان ھۆكۈم ئۈستىدە مۇشۇ قانۇننىڭ 180-، 181-، ۋە 182-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن نارازىلىق ئەرزى بېرىشكە ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈشكە بولىدۇ.

193–ماددا ئىككىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتنىڭ كېسىمىگە قايىل بولماي، بېرىلگەن نارازىلىق ئەرزى ياكى ئېتىرزىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، مۇشۇ قانۇننىڭ 189-، 191–ۋە 192–ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ، ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ، نارازىلىق ئەرزى ۋە ئېتىرازىنى كېسىم ئارقىلىق رەت قىلىشى ياكى ئەسلىدىكى كېسىمنى كۈچتىن قالدۇرۇشى، ئۆزگەرتىشى لازىم.

194–ماددا ئىككىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەسلى سوت قىلىشىغا خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ قايتا سوت قىلىشىغا قايتۇرغان دېلونىڭ سوت قىلىنىش سۈرۈكىنى ئەسلى سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى قايتۇرۇلغان دېلونى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ يېڭىۋاشتىن ھېسابلايدۇ. 

195–ماددا ئىككىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرزى بېرىلگەن ياكى ئېتىراز بىلدۇرگەن دېلونى سوت قىلىشتا مۇشۇ بابتا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە ئاساسلانغاندىن تاشقىرى، بىرىنچى سوت تەرتىپى توغرىسدىكى بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىدۇ.

196–ماددا ئىككىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ۋە ئېتىراز دېلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بىر ئاي ئىچىدە سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇشى، كېچىككەندە بىر يېرىم ئايدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك. 

مۇشۇ قانۇننىڭ 126–ماددىسىدىكى بەلگىلەنگەن ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلسە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى ياكى قارارى بىلەن يەنە بىرئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ، ئەمما ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلغان نارازىلىق ۋە ئېتىراز دېلولىرىنىڭكىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قارار قىلىدۇ.

197–ماددا ئىككىنچى سوتنىڭ ھۆكۈمى ۋە كېسىمى، شۇنىڭدەك ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى ۋە كېسىمى ئاخىرقى ھۆكۈم ۋە كېسىم بولىدۇ.

198–ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنىڭ تۇتۇپ قېلىنغان ۋە توڭلىتىلغان پۇل–ماللىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈمىنى كېيىن تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئوبدان ساقلىشى لازىم. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ ئىشلىتىۋېلىشىغا ياكى ئۆز ئالدىغا نېرى–بېرى قىلىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

زىيانكەشلىككە ئۇچرۇغۇچىنىڭ قانۇنىي مال–مۈلۈكى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىلىشى لازىم. چەكلەنگەن بۇيۇملار ياكى ئۇزاققىچە ساقلىغىلى بولمايدىغان بۇيۇملارنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. 

دەلىل–ئىسپات قىلىپ ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنى دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش لازىم، ئۆتكۈزۈپ بەرگىلى بولمايدىغان تىزىملىكى ۋە سۈرىتىنى ياكى ئىسپات بولىدىغان باشقا ھۆججەتلەرنى دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، تۇتۇپ قېلىنغان، توڭلىتىلغان ھارام پۇل، ھارام مال ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈمىنىڭ قانۇن يويىچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇلغاندىن باشقىلىرى بىردەك مۇسادىرە قىلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسگە تاپشۇرۇلىدۇ.

تۇتۇپ قېلىنغان توڭلىتىلغان، توڭلىتىلغان ھارام پۇل، ھارام مال ۋە ئۇنىڭ ئۈسۈمىنى خىيانەت قىلغان، ئىشلىتىۋالغان ياكى ئاستىرتتىن نېرى–بېرى قىلىۋەتكەن ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە چارە كۆرىلىدۇ.

4–باب ئۆلۈم جازاسىنى قايتا تەستىقلاش تەرتىپى

199–ماددا ئۆلۈم جازاسىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەستىقلايدۇ.

200–ماددا ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان دېلودىن جاۋابكار نارازىلىق ئەرزى بەرمىگەنلىرىنى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقىلىشىغا سۇنۇشى لازىم. يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىشقا قۇشۇلمىغانلىرىنى ئۆزى ئالدۇرۇپ سوت قىلسا ياكى قايتا سوت قىلىشقا قايتۇرىۋەتسە بولىدۇ.

يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان دېلودىن جاۋابكار نارازىلىق ئەرزى بەرمىگەنلىرىنى ۋە ئىككىنچى سوتتا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قېلىنغان دېلونى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇشى لازىم.

201–ماددا ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلغان دېلونى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى تەستىقلايدۇ.

202–ماددا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسى دېلوسىنى تەلشۈرۈپ تەستىقلاشتا، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان دېلونى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتا، ئۈچ نەپەر سوتچىدىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇشى لازىم. 

5–باب سوت نازارەتچىلىك تەرتىپى

203–ماددا دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىرى، يېقىن تۇققانلىرى قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈم ۋە كېسىم ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ، لېكىن ھۆكۈم ۋە كېسىمنىڭ ئىجراسىنى توختىتىپ قۇيۇشقا بولمايدۇ. 

204–ماددا دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىرى، يېقىن تۇققانلىرىنىڭ ئەرزى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلسە، خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا سوت قىلىشى كېرەك.

(1) ئەسلى ھۆكۈم ۋە كېسىمدە بېكىتىلگەن پاكىتلاردا ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يىڭى دەلىل-ئىسپات تېپىلسا؛

(2) جىنايەت بېكىتىش ۋە جازا ئۆلچەشتە ئاساسلانغان دەلىل–ئىسپاتلار راست بولمىسا، تۇلۇق بولمىسا ياكى دېلو پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان ئاساسىي دەلىل–ئىسپاتلار بىر–بىرىگە زىت بولسا؛

(3) ئەسلى ھۆكۈم ۋە كېسىمدە قانۇننىڭ تەتبىقلىنىشىدا ھەقىقەتەن خاتالىق بولسا؛

(4) سوتچى خادىملار شۇ دېلونى سوت قىلىشتا خىيانەت قىلىپ، پارا ئېلىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، قانۇننى بۇزۇپ ھۆكۈم، كېسىم چىقارغان بولسا؛

205–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقى شۇ مەھكىمىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىدە پاكىتلارنى بېكىتىش ياكى قانۇننى تەتبىقلاش جەھەتتە ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقىنى سەزسە، سوت ھەتئىتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا سۇنۇشى شەرت. 

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھەردەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان ھۆكۈم ۋە كېسىمدە، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تۈۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان ھۆكۈم ۋە كېسىمدە ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقىنى سەزسە، دېلونى ئالدۇرۇپ سوت قىلىشقا ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنى قايتا سوت قىلىشقا بۇيرۇشقا ھۇقۇقلۇق.

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان ھۆكۈم ۋە كېسىمىدە، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان ھۆكۈم ۋە كېسىمدە ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقنى سەزسە، سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئېتراز بىلدۈرۈشكە ھوقۇقلۇق. 

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېتراز بىلدۈرگەن دېلونى ئېتراز قوبۇل قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ قايتا سوت قىلىشى لازىم. ئەسلى ھۆكۈمدە پاكىت ئېنىق بولمىغان ياكى دەلىل–ئىسپات تۇلۇق بولمىغان بولسا، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنى قايتا سوت قىلىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ. 

206–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى سوت نازارەچىلىكى تەرتىپى بويىچە قايتا سوت قىلىدىغان دېلونى باشقىدىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ سوت قىلىشى لاىم. ئۇ ئەسلى بىرىنچى سوت دېلوسى بولسا، بىرىنچى سوت تەرتىپى بويىچە سوت قىلىشى لازىم. چىقىرىلغان ھۆكۈم ۋە كېسىم ئۈستىدە نارازىلىق ئەرزى بېرىشكە ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈشكە بولىدۇ؛ ئۇ ئەسلى ئىككىنچى سوت دېلوسى بولسا ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئالدۇرۇپ سوت قىلغان دېلو بولسا، ئىككىنچى سوت تەرتىپى بويىچە سوت قىلىشى لازىم. چىقىرىلغان ھۆكۈم ۋە كېسىم ئاخىرقى ھۆكۈم ۋە كېسىم بولىدۇ.

207-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە قايتا سوت قىلىنىدىغان دېلونى ئالدۇرۇۇپ سوت قىلىش ۋە يېڭىۋاشتىن سوت قىلىش قارار قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە ئاياغلاشتۇرۇشى كېرەك، سۈرۈكنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلگەنلىرىنى ئالتە ئايدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

ئېتىرازنى تاپشۇرۇۋالغان خەلق سوت نازارەتىلىكى تەرتىپى بويىچە سوت قىلىشتا، سوت قىلىش سۈرۈكىگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىنى تەتبىقلايدۇ؛ تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا سوت قىلىشىغا بۇيرۇپ بېرىشكە توغرا كەلسە، ئېتىرازنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىش لازىم. تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلونى سوت قىلىش سۈرۈكىگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

208-ماددا ھۆكۈم ۋە كېسىم قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىنىدۇ. 

تۆۋەندىكى ھۆكۈم ۋە كېسىملەر قانۇنىي كۈچكە ئىگە ھۆكۈم ۋە كېسىم بولىدۇ.

تۆۋەندىكى ھۆكۈم ۋە كېسىملەر قانۇنىي كۈچكە ئىگە ھۆكۈم ۋە كېسىم بولىدۇ:

(1) قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە نارازىلىق ئەرزى بېرىلىمىگەن ۋە ئېتىراز بىلدۈرمىگەن ھۆكىمەت ۋە كېسىم؛

(2) ئاخىرقى ھۆكۈم ۋە كېسىم؛

(3) ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى تەستىقلىغان ھۆكۈم ۋە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى تەستىقلىغان ھۆكۈم.

209–ماددا بىرىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن جىنايەتسىز، جىنايى جازا كەچۈرۈم قىلىندۇ دەپ ھۆكۈم قىلىنغان جاۋابكار قاماقتا بولسا، ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دەرھال قويۇپ بېرىلىشى لازىم. 

210–ماددا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسى بېرىپ دەرھال ئىجرا قىلىش توغرىسىدا چىقارغان ۋە تەستىقلىغان ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىش بۇيرۇقىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ئىمزا قويۇپ چۈشۈرۈشى لازىم.

ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر ئۆلۈم جازاسى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە قەستەن جىنايەت ئۆركۈزمىگەن بولسا ئۆلۈم جازاسنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش مۇددىتى توشقاندا جازا ئىجرا قىلغۇچى ئورگان ئۇنىڭ جازاسىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدا يازما پىكرنى ئوتتۇرغا قويۇپ، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىم قىلىشىغا سۇنۇشى كېرەك؛ قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولسا، تەكشۈرۈشتە راستىلىقى ئىسپاتلانسا، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە تەستىقلىتىشى لازىم.

211–ماددا تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش توغرىلسىدىكى بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يەتتە كۈن ئىچىدە ئىجرا قىلىشقا تاپشۇرۇشى لازىم. لېكىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئىجرانى توختىتىش ھەمدە دەرھال ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم قىلىدۇ:

(1) ئىجرا قىلىشتىن ئىلگىرى، ھۆكۈمدە خاتالىق بولۇش ئېھتىمالى بارلىقى سېزىلسە؛

(2) ئىجرا قىلىشتىن ئىلگىرى جىنايەتچى چوڭ جىنايەت پاكىتىنى پاش قىلغانلىقى ياكى باشقا چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىش ئىھتىمالى تۇغۇلسا؛

(3) جىنايەتچى ھامىلدار بولسا.

ئالدىنقى تارماقنىڭ(1) ۋە(2) تارماقچىسىدىكى ئىجرا قىلىشنى توختىتىشقا سەۋەب بولغان ئەھۋاللار تۈگىگەندىن كېيىن، ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش بۇيرۇقىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقى قايتا ئىزا قويۇپ چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئىجرا قىلىش شەرت؛ ئالدىنقى تاماقنىڭ(3) تارماقچىسىدىكى سەۋەب بىلەن ئىجرا توختىتىلغان بولسا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن بويىچە ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مەلۇم قىلىش لازىم.

212–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشقا تاپشۇرۇشتىن ئىلگىرى، تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە جازا مەيدانىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇز قىلىشى لازىم.

ئۆلۈم جازاسى ئېتىش ياكى ئوكۇل سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ.

ئۆلۈم جازاسى جازا مەيدانى ياكى بەلگىلەنگەن قاماق ئورنىدا ئىجراقىلىنسا بولىدۇ. ئىجراغاقوماندانلىق قىلىدىغان سوتچى خادىملار جىنايەتچىنىڭ نەق ئۆزى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كېتىدىغان گەپ–سۆزلىرى، خەت–چەكلىرى بار–يوقلۇقىنى سورىشى، ئاندىن كېيىن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشىغا تاپشۇرۇشى لازىم. 

ئىجرا قىلىش ئالدىدا خاتالىق بولۇشى مۇمكىنلىكى سېزىلسە، ئىجرانى توختىتىپ تۇرۇپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىم قىلىشىغا يوللاش لازىم. ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش توغرىسىدا ئېلان چىقىرىلىدۇ، سازايى قىلىنمايدۇ.

ئۆلۈم جازاسنى ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن تۆپىدە تۇرغان پۈتۈكچى خاتىرە يېزىشى كېرەك. ئىجرا قىلىشقا تاپشۇرغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجراسىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجراسىنى ئالىي خەلق سور مەھكىمسىگە مەلۇم قىلىشى لازىم.

ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، ئىجرا قىلشقا تاپشۇرۇغان خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايەتچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم.

213–ماددا جىنايەتچىنىڭ جازاسىنى ئىجرا قىلىشقا تاپشۇرغاندا، ئىجرا قىلىشقا تاپشۇرغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار قانۇن ھۆججەتلىرىنى تۈرمىگە ياكى ئىجرا قىلغۇچى ئورگانغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، مۇددەتسىز قاماق جازاسى، مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەنى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى جازاسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قانۇن بويىچە تۈرمىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن جازاسىنى ئىجرا قىلىشقا تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن قېپقالغان جازا مۇددىتى بىر يىلغا يەتمىگەنلىرىنىڭ جازاسىنى سولاقخانا ۋاكالىتەن ئىجرا قىلىدۇ. تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىنىڭ جازاسىنى جازاسىنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى ئىجرا قىلىدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسى قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش-تەربىيلەش ئورنىدا ئىجرا قىلىنىدۇ.

ئىجرا قىلغۇچى ئورگان جىنايەتچى ۋاقىتىدا قاماققا ئېلىشى ھەمدە جىنايەتچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم.

مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن جازا مۇددىتى توشقانلىرىغا ئىجرا قىلغۇچى ئورگان قويۇپ بېرىش گۇۋاھنامىسى بېرىشى كېرەك. 

214–ماددا مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنىڭ جازاسى ۋاختىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىنسا بولىدۇ.

(1) ئېغىر كېسەل بولغانلىقتىن داۋالىنىش ئۈچۈن كېپىلگە بېرىشكە توغرا كەلگەنلەر؛

(2) ھامىلدار ياكى بالىسىنى ئىمىتىۋاتقان ئاياللار؛ 

داۋالىنىش ئۈچۈن كېپىلگە بېرىلسە جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان جىنايەتچىلەرنى ياكى ئۆزى يارىدار، مېيىپ قىلىۋالغان جىنايەتچىلەرنى داۋالىنىش ئۈچۈن كېپىلگە بېرىشكە بولمايدۇ. 

جىنايەتچىلەردىن ھەقىقەتەن ئېغىر كېسىلى بولۇپ داۋالىنىش ئۈچۈن كېپىلگە بېرىش زۈرۈر بولغانلىرىنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىدىن ئىسپات ئېلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەستىقلىتىش شەرت. داۋالىنىش ئۈچۈن كېپىلگە بېرىلگەن جىنايەتچىلەردىن داۋالىنىش ئۈچۈن كېپىلگە بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ياكى داۋالىنىش ئۈچۈن كېپىلگە بېرىش بەلگىلىمىلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى سېزىلگەنلىرىنى تۈرمىگە ۋاختىدا قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك.

مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان، ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان، جازاسى ۋاختىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىنسا جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزمەيدىغان جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسى ۋاختىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىنسا بولىدۇ. sfsf

جازاسى ۋاختىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىنىدىغان جىنايەتچىنىڭ جازاسى شۇ جىنايەتچى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىجرا قىلىدۇ، ئىجرا قىلغۇچى ئورگان ئۇنى قاتتىق باشقۇرۇشى ۋە نازارەت قىلىشى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى ياكى جىنايەتچى بۇرۇن تۇرۇشلۇق ئورۇن نازارەت قىلىشقا ياردەملىشىشى لازىم. 

215–ماددا جازانى ۋاختىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشنى تەستىقلىغان ئورگان تەستىقلاش قارارىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جازانى ۋاختىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس دەپ ھېسابلىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بىر ئايغىچە يازما پىكرىنى جازانى ۋاختىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشنى قىلىشنى تەستىقلىغان ئورگانغا تاپشۇرۇشى، جازانى ۋاختىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشنى تەستىقلىغان ئورگان خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ يازما پىكرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئاشۇ قارارىنى دەرھال قايتا تەكشۈرۈشى كېرەك.

216–ماددا جازانى ۋاختىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك ئەھۋاللار تۈگىگەندىن كېيىن، جازا مۇددىتى توشمىغان جىنايەتچىلەرنى ۋاختىدا تۈرمىگە قايتۇرۇپ كىلىشى كېرەك. 

جىنايەتچى جازاسىنى ۋاختىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئۆلۈپ قالسا، تۈرمىگە ۋاختىدا ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

217–ماددا قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ جازاسى كېچىكتۈرۈلگەن جىنايەتچىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنىڭ كۆزىتىشىگە تاپشۇرىدۇ.

شەرتلىك قۇيۇپ بېرىلگەن جىنايەتچىلەرنى شەرتلىك قۇيۇپ بېرىپ سىناپ كۆرۈش سۈرۈكى ئىچىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى نازارەت قىلىدۇ. 

218–ماددا رېخمغا ئېلىش جازاسى، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىجرا قىلىدۇ. جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئىجرا قىلغۇچى ئورگان ئۇنىڭغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە ئۇنىڭ رېجىمدىن بوشىتىلغانلىقىنى ياكى سىياسىي ئوقۇقنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى مۇناسىۋەتلىك ئاممىغا ئوچۇق ئېلان قىلىشى لازىم.

219–ماددا جەرىمانە جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن جەرىمانىنى سۈرۈك ئىچىدە تاپشۇرمىغانلىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسى مەجبۇرىي تاپشۇرغۇزۇشى لازىم؛ يەڭگىلى بولمايدىغان ئاپەتكە ئۇچراپ، تاپشۇرۇشتا ھەقىقەتەن قىينىلىپ قالغان بولسا، كېسىم ئارقىلىق جەرىمانىنى ئازايتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدۇ.

220–ماددا مالىيە مۈلۈكىنى مۇسادىرە قىلىش توغرىسىدىكى ھۆكۈم مەيلى قۇشۇمچە چىقرىلغان بولسۇن ياكى ئايرىم چىقىرىلغان بولسۇن، خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىلەن بىرلىكتە ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ.

221–ماددا جىنايەتچىلەردىن جازا مۇددىتى ئىچىدە يەنە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرى ياكى ھۆكۈم چىقىرىلغان چاغدا سېزىلمىگەن جىنايەتلىرى سېزىلگەنلىرىنى ئىجرا قىلغۇچى ئورگان خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىلىدۇ. 

رېجىمغا ئېلىش جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر جازا ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە ھەقىقەتەن توۋا قىلغانلىقى ياكى خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن قانۇن بۇيىچە جازاسىنى كېمەيتىشكە ۋە شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە توغرا كەلسە، ئىجرا قىلغۇچى ئورگان يازما تەكلىپ قويۇپ خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ كېسىم قىلىشىغا سۇنۇشى لازىم.

222–ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى كېسىمىنى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ ھېسابلىسا، كېسىمنامىنىڭ كۆچۈرمىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن 20 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە تۈزىتىش توغرىسىدا يازما پىكرىنى بېرىش كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى تۈزىتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن بىرئاي ئىچىدە قايتا كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ سوت قىلىپ، ئاخىرقى كېسىمنى چىقىرىشى لازىم.

223–ماددا تۈرمە ۋە باشقا ئىجرا قىلغۇچى ئورگان جىنايى جازانى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ھۆكۈمدە خاتالىق بار دەپ ھېسابلىسا ياكى جىنايەتچى ئەرز قىلسا، ئۇنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىىڭ ياكى ئەسلىي ھۆكۈم قىلىغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلشىغا يوللاپ بېرىشى لازىم.

224–ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ جىنايى جازانى ئىجرا قىلىش ئىشلىرىنىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن بولغان–بولمىغانلىقىنى نازارەت قىلىدۇ. قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللارنى سەزسە، ئىجرا قىلىغۇچى ئورگانغا تۈزىتىشنى ئۇقتۇرۇشى لازىم.

قوشۇمچە پرىنسىپ 

225–ماددا ئارمىيىنىڭ قوغداش تارمىقى ئامىيە ئىچىدە يۈز بەرگەن جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى تەھقىقلەش سوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.

جىنايەتچىنىڭ تۈرمىدىكى جىنايەت دېلوسىنى تۈرمە تەھقىقىلەيدۇ. ئارمىيىنىڭ قوغداش تارمىقى ۋە تۈرمىنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىنى بېجىرىشىگە مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#