ھۆكۈم-كېسىملەرنى ئىجرا قىلماسلىق دېلولىرىنى سوت قىلىشقا ئائىت ئىزاھات

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم-كېسىملەرنى ئىجرا قىلماسلىق

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم-كېسىملەرنى ئىجرا قىلماسلىق دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى 1998-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ماقۇللانغان، 1998-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.


ئۇيغۇرچە نامى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم-كېسىملەرنى ئىجرا قىلماسلىق دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1998-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى
ھۆججەت س ئى (1998) 6-نومۇرلۇق پەرمانى
خەنزۇچە نامى 最高人民法院《关于审理拒不执行判决、裁定案件具体应用法律若干问题的解释》
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1998-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

س ئى (1998) 6-نومۇرلۇق پەرمانى 

1998-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 974-يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1998-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلدى، 1998-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى

1998-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى

جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 313-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىنى توغرا تەتبىقلاش، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھۆكۈ ۋە كېسىملىرىنىڭ ئىجراسىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھۆكۈم ۋە كېسىملەرنى ئىجرا قىلماسلىق دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بېرىلدى:

1-ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 313-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ۋە كېسىملىرى» خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن بويىچە چىقارغان، ئىجرا مەزمۇنى بولغان ھەمدە قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىنى كۆرسىتىدۇ.

2-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىنى «ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى بولۇش» تەكشۈرۈش ئەمەلىيلەشكەن دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسلانغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىنى ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيىتى بار كىشىلەرنىڭ ئىجرا قىلغۇدەك مال-مۈلكى ياكى مۇئەييەن ھەرىكەت مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىنى ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيىتى بار كىشىلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىنى ئىجرا قىلماسلىق «قىلمىشى ئېغىر» دەپ بېكىتىش كېرەك

(1) خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا ئۇقتۇرۇشى چىقارغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان ياكى ئېدىتلانغان ھەمدە ساقلاشقا تاپشۇرۇلغان مال-مۈلۈكنى يوشۇرۇپ، يۆتكىۋېتىپ، بۇزۇۋېتىپ، توڭلىتىلغان مال-مۈلۈكنى يۆتكىۋېتىپ، ھۆكۈم ۋە كېسىملەرنى ئىجرا قىلغىلى بولمايدىغان قىلىپ قويغانلار؛

(2) ئىجرادا خەلق سوت مەھكىمىسىگە كېپىللىك بەرگەن مال-مۈلۈكنى يوشۇرۇپ، يۆتكىۋېتىپ، سېتىۋېتىپ، بۇزۇۋېتىپ ھۆكۈم ۋە كېسىملەرنى ئىجرا قىلغىلى بولمايدىغان قىلىپ قويغانلار؛

(3) زورلۇق ئىشلىتىپ، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن ئىجراغا دەخلى يەتكۈزۈپ ياكى قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئىجرا خىزمىتى ئىشلەشكە ئامالسىز قېلىپ قويغانلار

(4) ئىجرا مەيدانىدا توپلىشىپ غوۋغا چىقىرىپ ۋە ئىجرا مەيدانىغا بېسىپ كىرىپ، ئىجرا خادىملىرىنى قورشىۋېلىپ، تۇتۇۋېلىپ ۋە ئۇرۇپ ئىجرا خىزمىتى ئىشلەشكە ئامالسىز قېلىپ قويغانلار

(5) ئىجرا دېلوسى ماتېرىيالى، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئاپتوموبىلى ۋە باشقا ئىجرا ئۈسكۈنە-سايمىنى، ئىجرا خادىملىرىنىڭ فورمىسى شۇنىڭدەك ۋەزىپە ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى بۇزۇۋېتىپ، تارتىۋېلىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛

(6) ئىجراغا باشقا يوللار بىلەن دەخلى يەتكۈزۈپ ياكى قارشىلىق كۆرسىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار

4-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىنى ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيىتى بولغان ئورۇننىڭ بىۋاسىتە مەسئۇل خادىمى ياكى باشقا جاۋابكارلىرى ئۆز ئورنىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ 3-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنىڭ بىرىى سادىر قىلىپ، پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلسا، شۇ مەسئۇل خادىم ۋە باشقا  بىۋاسىتە جاۋابكارلار جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 313-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھۆكۈم ۋە كېسىملەرنى ئىجرا قىلماسلىق جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ بېكىتىلىپ جازاغا تارتىلىدۇ.

5-ماددا ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى بىلەن بىرلىكتە مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ 3-ماددىسىنىڭ (3)، (4)، (5)، (6) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرلىرى ھۆكۈم ۋە كېسىملەرنى ئىجرا قىلمىغان ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

6-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىنىڭ ئىجراسىغا زورلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن، ئىجرا  خادىملىرىنى ئۆلتۈرگەن، ئېغىر زەخىملەندۈرگەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 232-ماددىسىدىكى، 234-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، جىنايەت بېكىتىلىپ جازاغا تارتىلىدۇ.

7-ماددا ھۆكۈم ۋە كېسىملەرنى ئىجرا قىلماسلىق دېلولىرى جىنايى قىلمىش سادىر بولغان جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

8-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ۋە كېسىملەرنى ئىجرا قىلماسلىق قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنى ئالدى بىلەن ئەدلىيە ئىشلىرى بويىچە توختىتىپ قويسا بولىدۇ. ھۆكۈم ۋە كېسىملەرنى ئىجرا قىلغۇچىنىڭ قىلمىشىنى جىنايەتكە توشىدۇ دەپ قارىسا، قىلمىش سادىر بولغان جايدىكى ج خ ئورگىنىنىڭ دېلو ئېچىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ۋە كېسىملەرنى ئىجرا قىلمىغۇچىغا جىنايەت بېكىتىپ جازا ھۆكۈم قىلغاندا، ئەدلىيە ئىشلىرى بويىچە ئالدىن توختىتىپ قويغان ۋاقتىنى جازا مۇددىتىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلىشى لازىم. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#