سۆرۈنجان
سۆرۈنجان بولسا ئۆسۈملۈكنىڭ تەڭگىسىمان يىلىتىزى بۇلۇپ « سۆرۈنجان » نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.سۈيدۈك ھەيدەش ، باھنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سۆرۈنجان بولسا گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۈسۈملۈك سۆرۈنجان بولۇپ ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تەڭگىسىمان يىلىتىزى « سۆرۈنجان » نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ . سۆرۈنجان تۇخۇمسىمان تىمىنە شەكىللىك بولۇپ ، سىرىتقى يۈزى گۈل رەڭگە مايىل سارغۇچ ئاق رەڭلىك ياكى سۇس قۇڭۇرغا مايىل سېرىق رەڭلىك بەزىسىدە ئۇششاق زىچ ، ئۇزۇن سىزىقچىلار كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ ، ئازراق قاتتىق ئاسان سۇنىدۇ ، سۇندۇرۇلغان يۈزى ئاق ياكى سۇس كۈل رەڭگە مايىل سېرىق رەڭلىك، تالقانسىمان بولۇپ ، شەكلى سامساق چىشىغا ئوخشايدۇ . تەمى ئاچچىق ، پۇرىقى سەل خۇش پۇراق .كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، تازىلىنىپ، قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ. ياۋرۇپا، ئەنگىلىيە، ئېرلاندىيە، رۇسىيە، ئىتالىيە، ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرى، قارا دېڭىز بويلىرى ۋە ئافرىقا ئەللەردىن چىقىدۇ.
ئاغرىق توختىتىش، ئىششىق تارقىتىش ، غەيرىي تەبئىي خىلىتلارنى سۈرۈش ، سېرىقلىقنى تارقىتىش ، سۈيدۈك ھەيدەش ، باھنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتى بار.
فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
سۆرۈنجان ئىشقارى (كوخىتىسىن) ھۈجەيرە زەھەرلىگۈچى تەسىرگە ئىگە ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تورمۇزلايدۇ ، يەرلىك بوغۇم ئۆتكۈر خاراكتېرلىك قوزغۇلۇشىغا نىسبەتەن ئالاھىدە تەسىرى بار . 24 ~12 سائەت ئىچىدە ياللۇغنى يەڭگىللىتىدۇ ھەمدە تېزلا ئاغرىق توختىتىدۇ .
مەركىزى نېرۋا سستېمىسىنى تورمۇزلايدۇ . بولۇپمۇ يۈرەك مۇسكۇلىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ . يۆتەل پەسەيتىش رولىمۇ بار. زامانىۋى تەتقىقاتچىلار سۆرۈنجاننىڭ راكقا قارشى ئۈنۈمى بارلىقىنى ئىسپاتلىدى ، ھازىر غەرب تىبابىتىدە سۆرۈنجاننىڭ ياسالمىسى بىلەن بىر قىسم سەرتان كېسەللىكلىرى داۋالانماقتا ، يەنە مەزكۇر دورىنىڭ ئۆتكۈر نىقرەس ( ئۇششاق بۇغۇملار ياللۇغى ) غا قارىتا كۆرنەرلىك شىپالىق ئۈنۈمى بار .
يىلتىزى ، ئۇرۇقى ۋە پۈتۈن چۆپى تەركىبىدە سۆرۈنجان ئىشقارى كولخىتسىن (Colchicine) كولخامىن (Colchamine) ، كولخىتسېلېن (Colchicelene) ، كولختىسنامىد (Colchicinamide) ، كولخىكوزىد (Colchicosie) قاتارلىقلار بار .
1. سۆرۈنجان ، شاتىرەنجى ، بابۇنە ، سانا قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ سۇپۇپ تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە ، بۇغۇم ئاغرىقى ، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
2. سۆرۈنجان بىلەن سانادىن 10 گرامدىن ، يۇمشاق سۇقۇپ بىر دانە تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا ، پۇت – قول ئاغرىقى ھەم پۇت – قول ئىششىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ .ھەببى سۆرۈنجان ، مەجۈنى سۆرۈنجان، مەتبۇخى سۆرۈنجان
بۇغۇم ئاغرىقى ،پۇت – قول ئاغرىقى؛ سېرىقلىق چۈشۈش، تال ئاغرىقى، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى، باھ ئاجىزلىق، بۇۋاسىر كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ .
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.