بورتالادىكى ئوبا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئوبا يەنە «ئابىدە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، موڭغۇل تىلدىكى مەنىسى «ياپلاق باشلىق تاش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ سۈنئىي دۆۋىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان، قۇرۇلمىسى، سانى، چوڭ-كچىكلىكى، يۇقىرى-تۆۋەنلىكى ئوخشىمايدۇ، ئوتتۇرىسىغا دەرەخ شاخلىرى قىستۇرۇلغان، يەنە ھەر خىل رەڭدىكى رەختتلەر ئېسىپ قۇيۇلغان. دەسلەپتە پەقەت يول ۋە چىگرا بەلگىسى ئىدى، يەنە بىر قىسىم ئوبا مەلۇم بىر ئىش ياكى پائالىيەتلەرنى خاتىرلەش ئۈچۈن يىغىلىپ قالغان، ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
كىيىن، دىننىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئوبا مۇقەددەس دەپ ھۆرمەتلەنگەن. موڭغۇللار ئۆزگىچە بولغان سەپەر جەريانىدىمۇ، ئوباغا كەلگەندە ئاتتىن چۈشۈپ، ئوباغا ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن.
ھەر يىلى موڭغۇللار ئوبانى ئىززەتلەش يۈزسىدىن كاتتا نەزىر چىراغ پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. ئوبا نەزىرى ئادەتتە ھەر يىلى 4-، 5-ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلدۇ، نەزىر-چىراغ قائىدە-يوسۇنلىرى بەك كۆپ، ئاساسلىق ئوت، ھاراق، قان قاتارلىق نەزىرلەرنى قىلىدۇ. ھازىر ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان نەزىرىلىرى ھاراق نەزىرىدۇر. ئوبا نەزىرى مۇراسىم ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئادەتتە ئات بەيگىسى، چېلىشىش، ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.