ماتادى  زايىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىم پورت شەھىرى. تۆۋەنكى زايىر رايونىنىڭ مەركىزى، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى.

نامى ماتادى
دۆلىتى زايىر جۇمھۇرىيىتى
كىلىماتى تروپىك بەلۋاغ دېڭىز - ئوكيان ئىقلىمى
خەنزۇچە نامى 马塔迪
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
چەتئەلچە نامى Matadi

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماتادىماتادى  زايىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىم پورت شەھىرى. تۆۋەنكى زايىر رايونىنىڭ مەركىزى، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. شەھەر ئاھالىسى 144 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ شەھەر زايىر دەرغا ئاغزىدىن تەخمىنەن 135 كىلومېتىر ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى دەريانىڭ جەنۇبىي ياقىسىغا جايلاشقان، زايىر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ كەڭلىكى 30 كىلومېتىردىن ئارتۇق، سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 70 مېتىردىن يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئوكيان پاراخوتلىرى دەريا ئاغزىدىن يۇقىرى ئېقىنغا قاراپ ماتادىغا بىمالال كېلەلەيدۇ. شۇڭا ماتادى پورتى زايىرنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى زور بولغان مۇھىم پورتىغا ئايلاندى. پورت پرىستانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1600 مېتىر كېلىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا 10 ئوكيان پاراخوتى توختىيالايدۇ. زايىرنىڭ چەت ئەللەر ئارا ئالماشتۇرىدىغان ماللىرىنىڭ خېلى بىر قىسمى ماتادى پورتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ماتادى شەھىرىدە چوڭ تىپتىكى ئۇن زاۋۇتى، ياغ چىقىرىش زاۋۇتى، ياغاچچىلىق كارخانىسى قاتارلىق زاۋۇت-فابرىكىلار بار. ماتادى پورتى تۆمۈر يول ھەم نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسى ئارقىلىق پايتەخت  كىنشاشا بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. ماتادى شەھىرىدىن 11 كىلومېتىر يىراق بولغان دەريانىڭ قۇيۇلۇش ئاغزىدا زايىرىنىڭ بېلىقچىلىق پورتى ئانگو-ئانگو جايلاشقان. ماتادى شەھىرىدىن 30 كىلومېتىر يىراق بولغان دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا چوڭ تىپتىكى ئىنگاسۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلغان.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/297585.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#