توقسۇن بازىرى

توقسۇن بازىرى

توقسۇن بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ئوتتۇرا شەرقىي قىسمىغا، تەڭرىتاغ نىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى توقسۇن بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 14 كۋادرات كىلومېتىر
تېلېفۇن رايون نۇمۇرى 0995
خەنزۇچە ئاتىلىشى 托克逊镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون تۇرپان ۋىلايىتى توقسۇن ناھىيەسى
نوپۇسى 15 مىڭ ئادەم
ماشىنا كودى 新K

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

توقسۇن بازىرىتوقسۇن بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ئوتتۇرا شەرقىي قىسمىغا، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان.

شەرقتە تۇرپان شەھىرى بىلەن قوشنا، جەنۇبى بايىنغۇلىن ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي ۋە بايىنغۇلىن ئوبلاستى خوشۇت، خېجىڭ ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي تەرىپى ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن قوشنا. توقسۇن بازىرىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىگىچە بولغان تاشيول مۇساپىسى 162 كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى 14 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 15 مىڭ ئادەم، ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر لار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 44.8 نى ئىگەللىگەن. قارىمىقىدا بەش ئاھالىلەر كومىتېتى بار.

توقسۇن ناھىيەسى قارمىقىدىكى ئۈچ بازار تۆت يېزا : توقسۇن بازىرى، كۈمۈش بازىرى، كۆجەي بازىرى، شاھ يېزىسى، غولبويى يېزىسى، يىلانلىق يېزىسى، بوستان يېزىسى، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق توقسۇن بازىرى قاتارلىقلار بار.

توقسۇن بازىرى تەۋەلىكىدىكى ئالتە مەھەللە: يېڭى مەھەللىسى، ئاقتاش مەھەللىسى، چوڭ كۆۋرۈك مەھەللىسى، كونا بازار كەنتى، زاۋۇت مەھەللىسى، 6-مەھەللە قاتارلىقلار بار.

كۈمۈش بازىرى تەۋەسىدىكى بىر مەھەللىگە، ئىككى كەنت ئاھالە كومىتېتى: كۈمۈش مەھەللىسى، قىرغىز تېمى كەنتى، يېڭى بوستان كەنتى قاتارلىقلار.

توقسۇن بازىرىكۆجەي بازىرىغا قاراشلىق بىر مەھەللە، ئۈچ كەنت ئاھالە كومىتېتى بار : كۆجەي مەھەللىسى، كۆجەي كەنتى، يېڭىئاۋات كەنتى، تۈڭگە كەنتى قاتارلىقلار.

شاھ يېزىسى تەۋەسىدە 12 كەنت ئاھالە كومىتېتى : بازار كەنتى، بۇلاقبېشى كەنتى، قاراسۇ كەنتى، ئويمانمەھەللىسى كەنتى، سېرىقجىلغا كەنتى، توتەي كەنتى، تېتىر كەنتى، گوڭشاڭ كەنتى، دادى كەنتى، بوغاز كەنتى، قاغىچاق كەنتى، سېرىقدۆڭ كەنتى قاتارلىقلار.

غولبۇيى يېزىسى تەۋەسىدە 11 كەنت ئاھالە كومىتېتى: قارابۇلاق كەنتى، ئويمانبۇلاق كەنتى، خېدۇڭ كەنت، قەسقىر كەنتى، چەكمەن كارىز كەنتى، غولبۇيى يېزىسى، يۇقىرىقى قاراش كەنتى، سايتۈگمەن كەنتى، شور كەنتى، قاراش كەنتى، قوشگۇمبازا كەنتى قاتارلىقلار.

ئىلانلىق يېزىسى قارمىقىدا سەككىز كەنت ئاھالە كومىتېتى : قاڭقا كەنتى، ئىلانلىق كەنتى، گۈلباغ كەنتى، غورو كەنتى، ئەنشى كەنتى، ئىلانلىق كەنتى، ئاقتاغ كەنتى، بۇرجاي كەنتى قاتارلىقلار.

بوستان يېزىسى غا قاراشلىق توققۇز كەنت ئاھالە كومىتېتى : بوز يۇلغۇن كەنتى، شور كارىز كەنتى، بۆرە بۇلاق كەنتى، خەتىپ كارىز كەنتى، توپا ئېرىق كەنتى، لىمون كارىز كەنتى، شاڭخۇ كارىز كەنتى، جىگدە كەنتى، چوڭ پايزا كەنتى قاتارلىقلار.

كۈن نۇرى يېتەرلىك، ئىسسىقلىق مىقدارى مول، ھۆل-يېغىن ئاز، ياز پەسلى قاتتىق ئىسسىق، قىش پەسلى قۇرغاق، قىروسىز مەزگىلى ئۇزاق شۇڭا ئادەتتە «ئوت يۇرتى» دەپ ئاتالغان. بازار تەۋەلىكى شامال ئېغىزى رايونلىرىدا 10 بالدىن يۇقىرى بوران چىقىش ئەھۋاللىرى كۆپ يۈز بېرىدۇ، بۇلۇپمۇ پەسىل ئالماشقان ۋاقىتلاردا (بوران چىقىشى ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋارايى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسلەن: ئۈرۈمچىدە يامغۇر، قار ياغسا توقسۇندا بوران چىقىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ). 

ئېنېرگىيە تۈرىدىكى قېزىلما بايلىقلار : كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، ئۇران.

رەڭلىك مېتال قېزىلما بايلىقلار: ئالماس، مىس، قوغۇشۇن، سىنىك، ۋولفروم.

قىممەتلىك مېتال قېزىلما بايلىقلار: ئالتۇن، كۈمۈش.

قارا مېتال قېزىلما بايلىقلار: تۆمۈر، مانگان.

خىمىيە سانائىتى-كان مەھسۇلاتى: گۈڭگۈرتلۈك تۆمۈر رۇدىسى، تازىلانغان شور، كۆل تۇزى، كۆك سېغىز.

قۇرۇلۇش ماتېرىيالى تۈرىدىكى قېزىلما بايلىقلار: گەج، دولومىتلىق سۈر تاش، مەر مەر، بارىت، دالا شىپاتى، سىلىتسىي تېشى، سېلېسنىتنى قازاتتى، لار ۋە كالتسىي، ھاك تاش قاتارلىقلار بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#