لېيبنز

لېيبنز گېرمانىيەنىڭ لېيپسېگ شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىشىلەر ئۇنى كىچىكىدىنلا «خىسلەتلىك بالا» دەپ ئاتىشاتتى. ئۇ 15 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىپ، 20 يېشىدا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، يېقىنقى زامان ماتېماتىكىسىنىڭ مۇھىم تارمىقى − ماتېماتىكىلىق لوگىكىنىڭ ئاساسچىسىغا ئايلانغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لېيبنز
باشقا نامى Gottfried Wilhelm Leibniz
مىللىتى ساكسېن مىللىتى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1646 -يىلى
كەسپى پەيلاسوپ، ماتېماتىك
خەنزۇچە ئىسمى 戈特弗里德·威廉·莱布尼茨
دۆلەت تەۋەلىكى گېرمانىيە
يۇرتى گېرمانىيەنىڭ لېيپسېگ شەھىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1716-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لېيبنز فورمۇلىسىدىففېرېنسىئال-ئىنتېگرالنى زادى كىم كەشىپ قىلغانلىقى دۇنيا ئىلىم-پەن تارىخىدىكى ئومۇمىي دېلو ئىدى. ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدىكى ئالىملار تۆھپىنى گېرمانىيىلىك لېيبنز (1646 -1716) غا مەنسۇپ قىلىدۇ، ئەنگلىيەدىكى ئىلىم ساھەسىدىكىلەر شەرەپنى نيۇتونغا مەنسۇپ قىلىدۇ. كەسكىن تالاش-تارتىش ھەتتا مىللىي ھېسسىياتقا بەرھەم بېرىشكىچە بېرىپ يېتىدۇ. ئاخىرى دىففېرېنسىئال-ئىنتېگرالنى لېيبنز بىلەن نيۇتون بىرلىكتە كەشىپ قىلغان دەپ ھۆكۈم چىقىرىلىپ، تالاش-تارتىش ئادىل ھەل قىلىندى.

لېيبنز 1673 −1676-يىللاردا دېففېرېنسىئال-ئىنتېگرالنى كەشىپ قىلىپ، 1684-يىلى ماقالە ئېلان قىلغان؛ نيۇتون 1665 − 1666-يىللاردا دىففېرېنسىئال-ئىنتېگرالنى كەشىپ قىلىپ، 1687-يىلى كاتتا ئەسەر «تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ماتېماتىكىلىق قائىدىلىرى» دە ئېلان قىلغان. لېيبنز نۇرغۇنلىغان ماتېماتىكا بەلگىلىرىنى كەشىپ قىلىپ، دىففېرېنسىئال-ئىنتېگرالنى ھېسابلاشنى قۇلايلاشتۇرغان، بۇ بەلگىلەر دۇنيادا ھازىرغىچە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتىدۇ؛ نيۇتون دىففېرېنسىئال-ئىنتېگرالنى مېخانىكا بىلەن بىرلەشتۈرگەن، ئۇنىڭ ئىدىيىسى تېخىمۇ چوڭقۇر. . . . ھازىرقى دىففېرېنسىئال-ئىنتېگرالدا ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ئومۇملاشتۇرۇلغان. 

لېيبنز ۋە نىيۇتونلېيبنز گېرمانىيەنىڭ لېيپسېگ شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىشىلەر ئۇنى كىچىكىدىنلا «خىسلەتلىك بالا» دەپ ئاتىشاتتى. ئۇ 15 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىپ، 20 يېشىدا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، يېقىنقى زامان ماتېماتىكىسىنىڭ مۇھىم تارمىقى − ماتېماتىكىلىق لوگىكىنىڭ ئاساسچىسىغا ئايلانغان. شۇ يىلى قانۇن دوكتورلۇقى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، شۇنىڭدىن كېيىن دىپلوماتىيە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى 50 يىلدا ھەم مەشھۇر ئىجتىمائىي پائالىيەتچى، ھەم مول ئۇتۇقلۇق ئالىم ئىدى.

لېيبنز ۋە نىيۇتونلېيبنز دىففېرېنسىئال-ئىنتېگرالنى كەشىپ قىلىش، ماتېماتىكىلىق لوگىكىنى تەشەببۇس قىلىشتىن باشقا، يەنە دېتېرمىنانت ئۇقۇمىنى كىرگۈزگەن ۋە فۇنكسىيە، تۇراقلىق مىقدار، ئۆزگەرگۈچى مىقدار، كوئوردېنات قاتارلىق ئاساسىي ئۇقۇملارنى ماتېماتىكىغا تەقدىم قىلغان. لېيبنز يەنە قەدىمىي جۇڭگو مەدەنىيىتىگە چوقۇنغۇچى، ئۇ شەرق مەدەنىيىتىنى كەمسىتىدىغان ياۋروپا مەركەزچىلىرىگە رەددىيە بېرىپ: «بىزگە ئوخشاش كېيىن يېتىشكەنلەر تېخى بەدىۋىلىكتىن يېڭىلا قۇتۇلۇپ قەدىمىي پەلسەپىنى ئەيىبلىمەكچى بولىمىز. . . بۇ تازىمۇ ئۆزىنى بىلمىگەنلىك» دېگەن. . ئۇ ئىككىلىك ساناق سىستېمىسىنىڭ ھېسابلاش قائىدىسىنى كەشىپ قىلىپ، كومپيوتېر ئاساس نەزەرىيىسىنىڭ پېشۋاسى بولغان. ئۇ يەنە جۇڭگونىڭ «پالنامە» سىدىكى سىمۋوللۇق سەككىز رەم بەلگىسىدە ئىككىلىك ساناق سىستېمىسىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى يوشۇرۇنغان دەپ كۆرسىتىدۇ.

لېيبنز تەڭرىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ماتېماتىكا بىلىمىدىن پايدىلىنىپ، تەڭرىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئىسپاتلايدۇ، ئۇ: «0 يوقلۇق، تەڭرى 1، 0 بىلەن1 دۇنيانى ياراتتى» دېگەن. ئۇ ئىلاھىيەت بىلەن ئىلىم-پەننى مۇرەسسەلەشتۈرمەكچى بولۇپ، پرۇسسىيە شاھزادە ۋە بەگلىرىگە سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ، ئاخىرقى ئۆمرىدە ئوردا جەمەتىدىكىلەرنىڭ قانداشلىقىنى تەتقىق قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئىلىم-پەندە ھېچقانداق نەتىجە قازىنالمىغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    50%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#