درېيس
ھازىر، ۋېلىسىپىت دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىغا ئومۇملاشتى. بىراق، ۋېلىسىپىتنى كەشىپ قىلغۇچىنىڭ گېرمانىيەلىك ئورمان باققۇچى درېيس (1785-1851) ئىسىملىك ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلار ئىنتايىن ئاز.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
درېيس (1785-1851) ۋېلىسىپىتنى كەشىپ قىلغۇچىنىڭ گېرمانىيەلىك ئورمان باققۇچى.
درېيس ئورمان باققۇچى بولغاچقا، ھەر كۈنى بۇ ئورماندىن يەنە بىر ئورمانغا مېڭىپ كۆپ رىيازەت چېكىدۇ، ئۇنىڭدا بىر خىل قاتناش قورالىنى كەشىپ قىلىش ئارزۇسى پەيدا بولىدۇ. ئۇ ئادەم ئەگەر چاق ئۈستىدە ئولتۇرسا تېخىمۇ تېز ماڭمامدۇ! دېگەن ئويغا كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ درېيس ۋېلىسىپىتنى لايىھىلەش ۋە ياساشقا كىرىشىدۇ.
ئۇ ئىككى ياغاچ چاق، بىر ئېگەر، ئالدى چاققا ئورنىتىلغان تىزگىنلەش رولىنى ئوينايدىغان رولدىن ۋېلىسىپىت ياسايدۇ. ئادەم ۋېلىسىپىت ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئىككى پۇتى بىلەن يەرنى تېپىپ ياغاچ چاقنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ دۇنيادىكى تۇنجى ۋېلىسىپىت بارلىققا كېلىدۇ.
1817-يىلى، درېيس تۇنجى قېتىم ۋېلىسىپىتىنى مىنىپ ساياھەتكە چىققاندا، يول بويى كىشىلەرنىڭ مازاق قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. . . ئۇ بۇنداق مەسخىرىگە پاكىت بىلەن جاۋاب بېرىش قارارىغا كېلىدۇ. بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە، ئۇ ۋېلىسىپىتلىك تۆت سائەتتە باسقان مۇساپىنى ئات ھارۋىسى 15 سائەتتە بېسىپ بولىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ، ۋېلىسىپىت ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى خالايدىغان بىرمۇ زاۋۇت سودىگىرى چىقمايدۇ.
1839-يىلى، شوتلاندىيەلىك ماك مىللان پېدالنى كەشىپ قىلىپ، ئۇنى ۋېلىسىپىتنىڭ ئالدى چاقىغا ئورنىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ۋېلىسىپىت تېخنىكىسى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدۇ. 1869-يىلى فرانسىيەلىك گىلمېر تۇنجى زەنجىرلىك ۋېلىسىپىتنى كەشىپ قىلىدۇ. مۇشۇ ئون نەچچە يىل ئىچىدە، يەلكەنلىك ۋېلىسىپىت، سۇ ئۈستى ۋېلىسىپىتى، مۇز ۋېلىسىپىتى، بەش چاقلىق ۋېلىسىپىت قاتارلىق تۈرلۈك شەكىلدىكى ۋېلىسىپىتلەر بارلىققا كېلىپ، تەدرىجىي ئاممىۋىلاشقان قاتناش قورالىغا ئايلىنىدۇ. كېيىن، يەل بېرىلىدىغان بالون، زەنجىر قاتارلىقلارنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن، ۋېلىسىپىتنىڭ قۇرۇلمىسى بارغانسېرى مۇكەممەللىشىدۇ.
درېيس يەنە گۆش قىيمىلاش ماشىنىسى، ماشىنكا قاتارلىقلارنى كەشىپ قىلىپ، ئەمگەك سىجىللىقىنى يېنىكلىتىدۇ. ھازىر تۆمۈريول ئىشچىلىرى تۆمۈريولدا ئىتتىرىپ ماڭدۇرىدىغان كىچىك ھارۋىنىمۇ درېيس كەشىپ قىلغان، شۇڭا ئۇ «درېيس» دەپ ئاتىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.