كېۋرا تۇز كېنى

كېۋرا تۇز كېنى

كېۋرا تۇز كېنى پاكىستان نىڭ شەرقىدىكى پەنجاپ ئۆلكىسىگە جايلاشقان بولۇپ، دۇنيا بويىچە داڭلىق تۇز كانلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ شۇ جاينىڭ داڭلىق مەنزىرىگاھى بولغانلىقتىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ نامىغا ھەۋەس قىلىپ مەخسۇس شۇ يەرگە بارىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى كېۋرا تۇز كېنى
تەۋە دۆلەت پاكىستان
قۇرۇلغان ۋاقتى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 623-يىلى
خەنزۇچە نامى 克乌拉盐矿
قاراشلىق رايون پەنجاپ ئۆلكىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كېۋرا تۇز كېنىكېۋرا تۇز كېنى پاكىستان نىڭ شەرقىدىكى پەنجاپ ئۆلكىسىگە جايلاشقان بولۇپ، دۇنيا بويىچە داڭلىق تۇز كانلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ شۇ جاينىڭ داڭلىق مەنزىرىگاھى بولغانلىقتىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ نامىغا ھەۋەس قىلىپ مەخسۇس شۇ يەرگە بارىدۇ.

پاكىستان نىڭ پايتەختى ئىسلامئاباتتىن ئاپتوموبىل بىلەن تەخمىنەن ئىككى سائەت يول يۈرگەندە تۇز كان جايلاشقان جايغا بارغىلى بولىدۇ. ئەتراپتىكى دۇكانلاردا تۇزدىن ياسالغان ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرىدىن كىرىستاللىق تۇز خىش، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تۇز چىراغ، ھايۋانلارنىڭ بىر قېلىپتا چىققاندەك تۇزدىن ياسالغان ھەيكەللىرى كىشىلەرنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ.

كېۋرا تۇز كېنىكېۋرا تۇز كېنىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 327–يىلى ئالېكساندىر ئىمپېرىيەسىنىڭ سانغۇنى قوشۇن باشلاپ شەرققە يۈرۈش قىلىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بۇ تۇز كېنىنى بايقىغان. 16-ئەسىردىن 19-ئەسىرگىچە تۇز كاننىڭ تەۋەلىك ھوقۇقى بىر قانچە قېتىم ئۆزگىرىپ، بۈيۈك موغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ قولىدىن شىكلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن، كېيىن پەنجاپتىكى بىر شىركەت تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنغان. ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە قاتناش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە ماشىنىلىشىشنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، تۇز كاننىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى تېز ئاشقان. پاكىستاندىكى %90 تىن كۆپرەك كىشىلەر ئىشلىتىۋاتقان تۇزلار مۇشۇ كاندىن كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ ئىچىدە %5 لا تۇز ئىستېمالغا ئىشلىتىلىدۇ. مۇتلەق كۆپ قىسىم تۇزلار خىمىيە سانائىتى ۋە ئېكسپورتقا ئىشلىتىلىدۇ. پاكىستان ھۆكۈمىتى كېۋرا تۇز كېنىنى «دۆلەت مىراسى» دەپ بېكىتىپ، ئۆز-ئۆزىدىن پەخىرلىنىش ھېسىياتىنى نامايەن قىلغان. .

كېۋرا تۇز كېنىتۇز كانغا كىرىشتە كىرىش ئېغىزىدىن موتورلۇق كىچىك پويىزغا ئولتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ھەر قېتىم مۇقىم ۋاقىت بولغاندا كىچىك پويىز ئاستا قوزغىلىپ، يولۇچىلارنى تاغ ئېغىزىدىن تۇز كاننىڭ ئىچكى قىسمىغا ئېلىپ مېڭىپ، بىر سىرلىق بالىلار دۇنياسىغا باشلاپ كىرىدۇ.

كېۋرا تۇز كېنى جەمئىي 19 قەۋەت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەر ئاستى 11 قەۋەت، يەر ئۈستى سەككىز قەۋەت، يەر ئاستىدىكى تۇزنىڭ ساقلىنىش كۆلىمى 110 مىڭ كىۋادرات مېتىر، چارلاپ ئېنىقىلانغان تۇز زاپىسى 300 مىڭ توننا كېلىدۇ. تۇز كاننىڭ دېڭىز يۈزىدىكى تەكشىلىكىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 284 مېتىر بولۇپ، كان قۇدۇقىنىڭ ئاغزى ئىچىگە تەخمىنەن 720 مېتىر سۇزۇلغان بولۇپ، ھەر قايسى تونېل يوللىرىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنى قوشقاندا 40 مىڭ مېتىردىن ئاشىدۇ. تۇز كان ئاق، قىزىل ۋە تالقان رەڭلىك بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاق رەڭنىڭ سۈپىتى ئەڭ ياخشى. ئەگەر تۇز كاننىڭ مەركىزىگە يېتىپ بارغاندا تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى بايقىغىلى بولىدۇ. پاكىستانلىق ئىشچىلار رودىلاردىن پايدىلىنىپ بۇ يەردە زور كۆلەمگە ئىگە مەسچىتنى قوپۇرۇپ چىققان بولۇپ، چىراغ نۇرىنىڭ يۇرۇقىدا نۇرغۇن رەڭلەر نامايەن بولۇپ، تۇز كانغا تېخىمۇ كۆپ سېھرى كۈچ ئاتا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى مەپتۇن قىلىدۇ. بۇنداق مۇرەككەپ ۋە نەپىس قۇرۇلما پاكىستان ئەمگەكچى خەلقىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ.

كېۋرا تۇز كېنىكېۋرا تۇز كېنىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئىچكى قىسىمدا ئېچىلغان شىپاخانا بۇلۇپ، دېمى سىقىلىش ۋە باشقا نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمى بار. ئۇنىڭ نامى سىرتلارغا تارقىلىپ، كىشىلەرنىڭ كەڭ دىققەت ئېتىبارىغا ئېرىشىۋاتىدۇ. بىراق يول باشلىغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، شىپاخانىنىڭ بىمارلارغا ئېچىۋېتىلگەن، ساياھەتچىلەر كىرىشكە بولمايدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەرگە كەلگەن بىمارلار ئوكۇل ئۇرغۇزۇپ، دورا ئىچمىسىمۇ بولىدىكەن، بىراق تۇز كاندا ھەر كۈنى ئۇزۇن ۋاقىت ھاۋادىن نەپەس ئالسىلا، ناھايىتى ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىكەن. بەزىلەر بۇنى بىمارلار تۇز كاندىن سۈمۈرىدىغان باكتېرىيەگە قارشى تۇز دانچىلىرى دەپ ئاتىغان.

شىپاخانىدا داۋالىنىۋاتقان ئەھمەد ئىسىملىك بىر بىمارنىڭ ئېيتىشىچە، تۇز كاننىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن سىرلىق بولۇپ، داۋالىنىش ئارقىلىقئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق دېمى سىقىلىش كېسىلى ناھايىتى زور دەرىجىدە يېنىكلەپ، تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدىنى قايتا ياندۇرغان، بۇ يەرگە قىلغان سەپەر ھەقىقەتەن بىكار كەتمەيدىكەن، مۇشۇلارنى سۆزلەۋېتىپ، ئەھمەدنىڭ چىرايىدا كۈلۈمسىرەش ئالامەتلىرى نامايەن بولغان. ئىگىلىنىشىچە، 2007-يىلى شىپاخانا تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، نەچچە مىڭ بىمار بۇ يەردە داۋالانغان. ئالاھىدە ھاۋا ئامىلىغا تايانغاندا، %80 بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بارلىققا كەلگەن. يەرلىك ھۆكۈمەت تۇز كاننىڭ بۇنداق مۇۋەپپەقىيىتىنى كۆرۈپ، كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيىتىپ، تېخىمۇ كۆپ بىمارلارغا بەخت يارىتىشنى نىيەت قىلغان.

كېۋرا تۇز كېنىتۇز كىشىلەرگە كەم بولسا بولمايدىغان تۇرمۇش بۇيۇمى بولۇپ، ئۇنىڭ چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، ھۆسن تۈزەش قاتارلىق كۆپ خىل ئىشلىتىلىش يولى بار بولغاچقا، ناھايىتى نۇرغۇن دۆلەتلەر تەرىپىدىن قىممەتلىك نەرسە دەپ قارىلىۋاتىدۇ. تارىخىي ئۇزۇن، مەزمۇنى مول بولغان كېۋرا تۇز كېنىنى نېمە ئۈچۈن پاكىستانلىقلار قىممەتلىك گۆھەر ھېسابلىمايدۇ؟.ئۇ كىشىلەرنىڭ تۇمۇشىغا رەڭدارلىق ئاتا قىلىپلا قالماستىن، بەلكى بىمارلارنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىپ، ئادەتتىكى كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئۈمىد ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#