جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ يولى قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ يولى قانۇنى» 2014–يىل 12–ئاينىڭ 28–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ يولى قانۇنى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国航道法
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

(2014–يىل 12–ئاينىڭ 28–كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12–يىغىنىدا ماقۇللانغان).

                                               جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

                                                            (17 – نومۇرلۇق)

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ يولى قانۇنى» 2014-يىل 12-ئاينىڭ 28-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىنغان. 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

2014–يىل 12–ئاينىڭ 28–كۈنى

   1-ماددا بۇ قانۇن سۇ يولى يىرىك پىلانى، قۇرۇلۇشى، ئاسرىلىشى، مۇھاپىزىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش، سۇ يولىنىڭ راۋانلىقى ۋە قاتناش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، سۇ يولى تىرانسپورتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

   2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان سۇ يولى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى دەريا، كۆل قاتارلىق ئىچكى قۇرۇقلۇق سۇ دائىرىسىدە كېمە، پاراخوتلار قاتنايدىغان يولنى شۇنىڭدەك ئىچكى دېڭىز، دېڭىز تەۋەلىكىدە كېمە– پاراخوتلارنىڭ قاتنىشى ئۈچۈن ياسالغان، ئاسرالغان يولنى كۆرسىتىدۇ. سۇ يولى قاتناش قۇرۇلمىلىرى، سۇ يولىنى ئوڭشاش قۇرۇلمىلىرى ۋە يۈرۈش بەلگىسى قاتارلىق سۇ يولى ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

   3-ماددا سۇ يولىنى پىلانلاش، ياساش، ئاسراش، قوغداشتا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ئېھتىياجىغا ئاساسەن، سۇ بايلىقىدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش ۋە قوغداش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت سىستېما قۇرۇلۇشى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بويسۇنۇش، سۇ بېرىش، سۇغىرىش، توك بېرىش ئىشلىرى ۋە بېلىقچىلىق ئېھتىياجىغا تەڭ ئېتىبار بېرىش، سۇ بايلىقىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

   4-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇ يولى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، ئالاقىدار تارماقلارنى تەدبىر قوللىنىپ، سۇ يولى قاتناش شارائىتىنى ساقلاش ۋە ياخشىلاش، سۇ يولى بىخەتەرلىكىنى قوغداش، سۇ يولى تورىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە راۋانلىقىنى ساقلاشقا تەشكىللىشى، ماسلاشتۇرۇشى ۋە ئۈندىشى كېرەك.

   گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ۋە سۇ يولىنى ياساش ۋە ئاسراش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مالىيە خامچوتىدا سۇ يولى ياساش ۋە ئاسراش مەبلىغىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

   5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش-تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سۇ يولىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىغان مۇھىم غول سۇ يولى ۋە خەلقئارا دەريا، چېگرا دەريا سۇ يولى قاتارلىق مۇھىم سۇ يوللىرىنى بىۋاسىتە باشقۇرىدۇ.

   ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتناش-تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، تەۋەلىكىدىكى سۇ يولىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

   گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش-تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە قۇرغان سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئاپپارات ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارمىقى ياكى ئاپپاراتى (تۆۋەندە سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماق دېيىلىدۇ) مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن سۇ يولىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

6–ماددا سۇ يولى يىرىك پىلانى مەملىكەتنىڭ سۇ يولى يىرىك پىلانى، ۋادى سۇ يولى يىرىك پىلانى، رايون سۇ يولى يىرىك پىلانى ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ سۇ يولى يىرىك پىلانى دەپ ئايرىلىدۇ.

سۇ يولى يىرىك پىلانى سۇ يولىنىڭ رولىنى بېكىتىش، پىلانلاش نىشانى، تەرەققىيات يىرىك پىلانىدىكى تېخنىكىلىق دەرىجە، يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش قەدەم – باسقۇچى شۇنىڭدەك كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

سۇ يولى يىرىك پىلانى قانۇن بويىچە تۈزۈلگەن ۋادى، رايون ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىشى، سۇ بايلىقى يىرىك پىلانى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانى ۋە دېڭىز – ئوكيان فۇنكسىيەلىك رايونىنىڭ ئايرىلىشىغا ئۇيغۇن كېلىشى ھەمدە سۇ بايلىقىدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك ئالاقىدار كەسپىي يىرىك پىلان شۇنىڭدەك قانۇن بويىچە تۈزۈلگەن شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى، مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانى قاتارلىق باشقا ئالاقىدار يىرىك پىلان ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش رايونىنىڭ ئايرىشىغا ماس كېلىشى كېرەك.

7–ماددا سۇ يولى تېخنىكىلىق دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. سۇ يولىنىڭ تېخنىكىلىق دەرىجىسى ھازىرقى تېخنىكىلىق دەرىجە بىلەن تەرەققىيات يىرىك پىلانىدىكى تېخنىكىلىق دەرىجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۇ يولى تەرەققىيات يىرىك پىلانىدىكى تېخنىكىلىق دەرىجىنى ئالاقىدار تەبىئىي شارائىتقا شۇنىڭدەك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، سۇ بېرىش، سۇ بايلىقىنى قوغداش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش تەلىپىگە ۋە سۇ تىرانسپورتى تەرەققىيات ئېھتىياجى قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ بېكىتىش كېرەك.

8–ماددا مەملىكەتنىڭ سۇ يولى يىرىك پىلانىنى گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ تەرەققىيات – ئىسلاھات تارمىقى، گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلاپ ئېلان قىلىشىغا يوللايدۇ. ۋادى سۇ يولى يىرىك پىلانى، رايون سۇ يولى يىرىك پىلانىنى گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش– تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى تۈزىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ سۇ يولى يىرىك پىلانىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك تەرەققىيات – ئىسلاھات تارمىقى، سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقىنىڭ بىرلىكتە تەستىقلاپ ئېلان قىلىشىغا يوللايدۇ.

سۇ يولى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئالاقىدار ھەربىي ئورگاندىن پىكىر ئېلىش ھەمدە مۇھىت تەسىرىنى قانۇن بويىچە باھالىتىش كېرەك. دېڭىز دائىرىسى، مۇھىم بېلىقچىلىق سۇ دائىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولسا، تەڭ دەرىجىلىك دېڭىز – ئوكيان مەسئۇل تارمىقىنى، بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنى قاتناشتۇرۇش كېرەك. مەملىكەتنىڭ سۇ يولى يىرىك پىلانىنى، ۋادى سۇ يولى يىرىك پىلانىنى ۋە رايون سۇ يولى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىن پىكىر ئېلىش كېرەك.

ۋادى سۇ يولى يىرىك پىلانى، رايون سۇ يولى يىرىك پىلانى ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ سۇ يولى يىرىك پىلانى مەملىكەتنىڭ سۇ يولى يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

9–ماددا قانۇن بويىچە تۈزۈلگەن ھەمدە ئېلان قىلىنغان سۇ يولى يىرىك پىلانىنى شۇ بويىچە ئىجرا قىلىش كېرەك؛ سۇ يولى يىرىك پىلانىنى تۈزىتىشكە توغرا كەلسە، تۈزۈش تەرتىپى بويىچە تۈزىتىش كېرەك.

 10 – ماددا يېڭى سۇ يولى ياساش شۇنىڭدەك سۇ يولى قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاش يۈزىسىدىن سۇ يولى قۇرۇلۇشى قىلىشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى قۇرۇلۇش سۈپىتىنى باشقۇرۇش، بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش، سۇ يولى يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن بولغانلىرىدا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى ۋە تېخنىكا قائىدىسىنى ئىجرا قىلىپ، ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى قانۇن بويىچە ئۆتەش كېرەك.

11–ماددا سۇ يولى قۇرۇلۇشى قىلدۇرغۇچى ئورۇنلار سۇ يولى قۇرۇلۇشىنىڭ تېخنىكىلىق تەلىپى بويىچە، مۇناسىپ ساپا ھازىرلىغان تەكشۈرگۈچى، لايىھەلىگۈچى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ۋە نازارەت قىلغۇچى ئورۇننى قانۇن بويىچە خېرىدار چاقىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تاللاپ قۇرۇلۇش قىلدۇرۇشى، قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرتۈشى ھەمدە قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل قىلىشى كېرەك.

سۇ يولى قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرگۈچى، لايىھەلىگۈچى، ياسىغۇچى ۋە نازارەت قىلغۇچى ئورۇنلار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇناسىپ ساپا ھازىرلىشى ھەمدە ساپا دەرىجىسى ئىجازىتى دائىرىسىدە سۇ يولى قۇرۇلۇشى قىلىشى، تەكشۈرۈش، لايىھەلەش، ياساش، نازارەت قىلىش سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

12–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى سۇ يولى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سۇ يولى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

13–ماددا سۇ يولى قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش كېرەك، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىرىنى رەسمىي ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

سۇ يولى قۇرۇلۇشى قىلدۇرغۇچى ئورۇن سۇ يولى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە، پۈتكەن قۇرۇلۇشنى ئۆلچەش ئىسخېمىسىنى سۇ يولىنى باشقۇرغۇچى تارماققا يوللىشى كېرەك. دېڭىز بويىدىكى سۇ يولىنىڭ پۈتكەنلىكىنى ئۆلچەش ئىسخېمىسىنى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ دېڭىز قاتنىشى كاپالىتى تارمىقىغىمۇ يوللاش كېرەك.

14–ماددا سۇ يولى قۇرۇلۇشىدا دەريانىڭ تۇراقلىقىنى ساقلاپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك، قانۇن بويىچە قۇرۇلغان باشقا قۇرۇلۇشلارنىڭ ياكى ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ. سۇ يولى قۇرۇلۇشى تۈپەيلىدىن قانۇن بويىچە قۇرۇلغان باشقا قۇرۇلۇشلار ياكى ئەسلىھەلەر بۇزۇلۇپ كەتسە، سۇ يولى قۇرۇلۇشى قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ياكى قانۇن بويىچە تۆلەم بېرىشى كېرەك.

15–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى سۇ يولىنى ئاسراش تېخنىكىلىق قائىدىسىنى چىقىرىدۇ.

سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماق سۇ يولىنى ئاسراش تېخنىكىلىق قائىدىسى بويىچە سۇ يولىنى ئاسراپ، سۇ يولى قاتناش تېخنىكىلىق ھالىتىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

16-ماددا سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماق سۇ يولىنىڭ ھازىرقى تېخنىكىلىق دەرىجىسىگە ياكى سۇ يولىنىڭ تەبىئىي شارائىتىغا قاراپ، سۇ يولىنى ئاسراش ئۆلچىمى ۋە ئىچكى دەريا سۇ يولىنىڭ ئىسخېمىسىنى بېكىتىشى ۋە ئېلان قىلىشى كېرەك.

سۇ يولىنى ئاسراش ئۆلچىمى سۇ يولىدىكى سۇ ئورنىنىڭ تۇراقسىز مەزگىلىدە ساقلىنىدىغان سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى، ئايلىنىش رادىيوسى قاتارلىق تېخنىكىلىق تەلىپىنى كۆرسىتىدۇ.

17–ماددا سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماق گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، سۇ يولىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، سۇ يولىنىڭ ئەمەلىي ئۆلچىمى سۇ يولىنى ئاسراش ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىكىنى ياكى سۇ يولىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان باشقا ئەھۋاللارنى بايقىسا، ئاسرىشى، سۇ يولى ئېلانىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى ھەمدە دېڭىز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

18–ماددا دېڭىز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇ يولى بۇزۇلۇش قاتارلىق سۇ يولى قاتنىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئەھۋالنى بايقىسا، سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماقنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى ھەمدە زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك كاپالىتى تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

باشقا ئورۇنلار ۋە خادىملاردىن سۇ يولى بۇزۇلۇش قاتارلىق سۇ يولى قاتنىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئەھۋالنى بايقىغانلىرى سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماققا ياكى دېڭىز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

19–ماددا سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماق سۇ يولىنى ئاسراش مەشغۇلاتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، قاتناش مەركەزلەشكەن ۋە قاتناش بېسىق مەزگىلدە چەك قويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماق سۇ يولىنى راۋانلاشتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئادالاش قاتارلىق قاتناشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان سۇ يولىنى ئاسراش پائالىيەتلىرىنى قىلىش ياكى قاتناشقا چەك قويۇش زۆرۈر بولغان ئاسراش مەشغۇلاتى قىلىشتا روشەن مەشغۇلات بەلگىسى ئورنىتىپ، زۆرۈر بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە دېڭىز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنى ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈپ، كېمە – پاراخوتلارنىڭ يۈرۈشى شۇنىڭدەك قانۇن بويىچە قۇرۇلغان قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاسراش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سۇ يولى قاتناش شارائىتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان مەشغۇلات بەلگىلىرى شۇنىڭدەك باشقا قالدۇق نەرسىلەرنى ۋاقتىدا ئادالاپ، قاتناشنى نورماللاشتۇرۇش كېرەك.

20–ماددا سۇ يولىنى ئاسراش مەشغۇلاتىدا سۇ يولى توسۇلۇپ قېلىش ئېھتىمالى بولسا، سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئالاقىدار تارماق دېڭىز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى بىلەن بىرلىكتە ئالاقىدار رايوندىكى سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماقنى ۋە دېڭىز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنى ئاۋۋال خەۋەرلەندۈرۈپ، كېمە – پاراخوتلارنى يېتەكلەش لايىھەسىنى ئورتاق تۈزۈشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

21–ماددا تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە قاتارلىق تاسادىپىي ئاپەت تۈپەيلىدىن، سۇ يولى بۇزۇلۇپ كەتسە، توسۇلۇپ قالسا، سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماق تاسادىپىي ۋەقە جىددىي لايىھەسى بويىچە تېز رېمونت قىلىپ راۋانلاشتۇرۇشى؛ زۆرۈر تېپىلغاندا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تېزدىن رېمونت قىلىپ راۋانلاشتۇرۇشقا تەشكىللىشى كېرەك.

كېمە–پاراخوت، ئەسلىھە ياكى باشقا نەرسىلەر سۇ يولىدىكى سۇ دائىرىسىگە چۆكۈپ كېتىپ، سۇ يولىنىڭ راۋانلىقىغا ۋە قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزسە، ئىگىسى ياكى تىجارەت قىلغۇچى سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماق ۋە دېڭىز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا دەرھال مەلۇم قىلىپ، بەلگىلىمە بويىچە ئۆزى ياكى سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماق ۋە ياكى دېڭىز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىپ بەلگە ئورنىتىشى ھەمدە دېڭىز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلىگەن ۋاقىت ئىچىدە سۈزۈپ ئادالىشى كېرەك.

22–ماددا سۇ يولى بەلگىسىنى ئورنىتىش، ئاسراش، قوغداش ۋە باشقۇرۇش ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

23–ماددا قىسىملار ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا، ئۇرۇش تەييارلىقى مەشىقىدە سۇ يولىنى ئىشلەتمەكچى بولسا، سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماق زۆرۈر مەدەت ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.

   24-ماددا سۇ يولىدىن ھالقىپ ئۆتىدىغان، كېسىپ ئۆتىدىغان كۆۋرۈك، تونېل، تۇرۇبا، كابىل قاتارلىق ئىمارەت، قۇرۇلمىلارنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش (تۆۋەندە قۇرۇش دېيىلىدۇ) شۇ سۇ يولىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى تېخنىكىلىق دەرىجىسىنىڭ قاتناش ئېگىزلىكى، كەڭلىكى، كۆمۈش چوڭقۇرلۇقى قاتارلىق سۇ يولى قاتناش شارائىتىغا قويغان تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

   25-ماددا سۇ قاتنىشى قىلىنىدىغان دەريادا مەڭگۈلۈك توسما ياساشتا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن سۇ يولىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى تېخنىكىلىق دەرىجىسى بويىچە قاتناش قۇرۇلمىسى ياسىتىشى كېرەك. قاتناش قۇرۇلمىسىنى قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بىلەن تەڭ پىلانلاش، تەڭ لايىھەلەش، تەڭ ياساش، تەڭ ئۆتكۈزۈۋېلىش، تەڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈش كېرەك.

   توسما ياسىلىۋاتقان مەزگىلدە، سۇ يولىنىڭ ئەسلىدىكى قاتناش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغىلى بولمىسا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ۋاقىتلىق سۇ يولى ياساش، توسما ھالقىپ توشۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك، كېرەكلىك خىراجەتنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن چىقىرىدۇ.

  قاتناش توختىتىلغان دەريادا توسما ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن قاتناشقا بولىدىغان بولسا، توسما ياساتقۇچى ئورۇن قاتناش قۇرۇلمىلىرىنى تەڭ ياسىتىشى ياكى قاتناش قۇرۇلمىسىغا ئورۇن قالدۇرۇشى كېرەك، دۆلەتنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قاتناش قۇرۇلمىلىرىنى ياساش خىراجىتىنى قاتناش-تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ.

   قاتناش قۇرۇلمىلىرىنى كېمە– پاراخوت قاتناش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك، ئىشلىتىش لايىھەسىنى سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماقنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش ھەمدە ئۇنى ئېلان قىلىش كېرەك. قاتناش قۇرۇلمىسىنى ياساتقۇچى ئورۇن ياكى باشقۇرغۇچى ئورۇن قاتناش قۇرۇلمىسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئاسراپ، ئۇنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

   26-ماددا سۇ يولى مۇھاپىزىتى دائىرىسىدىكى دەريا، كۆل، دېڭىز بويلىرىدا ئىمارەت ياكى قۇرۇلما ياساشتا، شۇ سۇ يولىنىڭ قاتناش شارائىتىغا قويۇلغان تەلەپكە ئەمەل قىلىش كېرەك.

   سۇ يولى مۇھاپىزىتى دائىرىسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش-تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى، زېمىن بايلىقى مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە سۇ يولىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى تېخنىكىلىق دەرىجىسىگە ۋە سۇ يولى مۇھاپىزىتى ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ بېكىتىپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلاپ ئېلان قىلىشىغا يوللايدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش-تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان سۇ يولى مۇھاپىزىتى دائىرىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش– تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، گوۋۇيۈەننىڭ زېمىن بايلىقى مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىپ ئېلان قىلىدۇ. سۇ يولى مۇھاپىزىتى دائىرىسى دېڭىز تەۋەلىكى، مۇھىم بېلىقچىلىق سۇ دائىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولسا، يەنە تەڭ دەرىجىلىك دېڭىز– ئوكيان مەسئۇل تارمىقى ۋە بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىش كېرەك.

   27-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 24-ماددىسى، 25-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 26-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن قۇرۇلۇشلار (تۆۋەندە سۇ يولىغا ئالاقىدار قۇرۇلۇشلار دېيىلىدۇ)نى قىلىشتا قۇرۇلۇش قىلىش سەۋەبىدىن سۇ يولى قاتنىشى شەرتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ياكى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە قىلىنغان كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، سۇ بېرىش قاتارلىق ئالاھىدە قۇرۇلۇشلار بۇنىڭ سىرتىدا.

   28-ماددا سۇ يولىغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش قىلىشتا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇشنىڭ مۇمكىنلىك تەتقىقات باسقۇچىدا قۇرۇلۇشنىڭ سۇ يولىنىڭ قاتناش شارائىتىغا بولغان تەسىرىنى باھالىتىشى ھەمدە تەكشۈرۈش ھوقۇقى بار قاتناش-تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقىغا ياكى سۇ يولىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەكشۈرتۈشى كېرەك، لېكىن تۆۋەندىكى قۇرۇلۇشلار بۇنىڭ سىرتىدا:

(1) دەريا بويى، كۆل بويىدىكى ئوتتۇرا-كىچىك دەريالارنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى؛

(2) سۇ قاتنىشى قىلىنمىغان دەريالاردا قىلىنغان سۇ قۇرۇلۇشى؛

(3) سۇ بۇزۇۋەتكەن ھازىرقى سۇ قۇرۇلۇشىنى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خەتەرنى تۈگىتىپ پۇختىلاش، سۇ قاتنىشىغا مۇناسىۋەتسىز قۇرۇلمىلار ۋە سۇ يولىنىڭ ئەسلىدىكى قاتناش شارائىتىنى ئۆزگەرتمەي يېڭىلاش قاتارلىق سۇ يولىنىڭ قاتناش شارائىتىغا تەسىر يەتكۈزمەيدىغان قۇرۇلۇشلار.

   قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن يوللىغان سۇ يولىنىڭ قاتناش شارائىتى تەسىرىنى باھالاش ماتېرىيالى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، شۇ ماتېرىيالنى تولۇقلاپ ياكى تۈزىتىپ، تەكشۈرگۈچى تارماقنىڭ تەكشۈرۈشىگە يېڭىباشتىن يوللىسا بولىدۇ.

   سۇ يولىنىڭ قاتناش شارائىتى تەسىرىنى باھالاتمىغان بولسا ياكى تەكشۈرگۈچى تارماق تەكشۈرۈپ، قۇرۇلۇش تۈرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن دەپ قارىسا، قۇرۇلۇش تۈرىنى تەستىقلىغۇچى ياكى ئىجازەت بەرگۈچى تارماق تەستىقلىمايدۇ، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش قىلدۇرسا بولمايدۇ.

   29-ماددا گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارمىقى تەستىقلىغان، ئىجازەت بەرگەن قۇرۇلۇش تۈرى شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش-تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان سۇ يولىغا ئالاقىدار قۇرۇلۇش تۈرىدىكى سۇ يولىنىڭ قاتناش شارائىتى تەسىرىنى باھالاشنى گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش-تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرىدۇ؛ باشقا قۇرۇلۇش تۈرىدىكى سۇ يولىنىڭ قاتناش شارائىتى تەسىرىنى باھالاشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش-تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ياكى سۇ يولىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەكشۈرىدۇ.

   30-ماددا سۇ يولىدىكى قوشنا توسما ئوتتۇرىسىدىكى سۇ يولى قاتنىشىنىڭ سۇ ئورنىنى جىپسىلاشتۇرۇشتا دۆلەت بەلگىلىگەن قاتناش ئۆلچىمى ۋە تېخنىكا تەلىپىگە ئەمەل قىلىش كېرەك. سۇ يولى ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى ئېقىمىنىڭ تارماق ئېقىمىغا جايلاشقان سۇ قۇرۇلۇشىنى لايىھەلەش، ياساش ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈشتە، تۆۋەن ئېقىمدىكى سۇ يولى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئەڭ تۆۋەن سۇ ئورنىنى زۆرۈر بولغان ئېقىم مىقدارىنى بىر تۇتاش ئويلىشىش كېرەك، لېكىن سۇ رايى شارائىتى ئەمەلىي ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

   تۆۋەن ئېقىمنىڭ سۇ يولى قاتنىشىدا زۆرۈر بولغان ئەڭ تۆۋەن سۇ ئورنىنى كاپالەتلەندۈرۈش شۇنىڭدەك سۇ يولىنىڭ قاتناش شارائىتى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش يۈزىسىدىن ئىجازەت بېرىلگەن سۇ ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشىنى بېكىتىشتە، سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماقتىن پىكىر ئېلىش كېرەك.

   سۇ قۇرۇلۇشىدا سۇنى كۆپلەپ ئازايتىش ياكى كۆپلەپ سۇ قويۇپ بېرىشكە توغرا كەلسە، كېمە-پاراخوتلارنىڭ چەتلىشىگە مۇۋاپىق ۋاقىت قالدۇرۇش ئۈچۈن، سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماق ۋە دېڭىز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنى ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈش كېرەك.

   31-ماددا سۇ يولىغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش سۇ يولىنىڭ نورمال رولىغا تەسىر يەتكۈزسە، سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماق، دېڭىز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئېھتىياجغا قاراپ، سۇ قاتنىشى بەلگىسى ياكى سۇ يولى ئورنىنى، يۆنىلىشىنى ۋاقىتلىق تەڭشىشى؛ تەسىر تۈگىتىلگەندىن كېيىن ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. كېرەكلىك خىراجەتنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن چىقىرىدۇ، لېكىن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن تەڭشەلگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا.

   32-ماددا سۇ يولىغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىشتىن بۇرۇن، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن سۇ يولىنىڭ قاتناش شارائىتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋاقىتلىق ئەسلىھە ۋە ئۇنىڭ قالدۇقلىرىنى ۋاقتىدا ئادالىشى كېرەك.

   33-ماددا سۇ يولىغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش قىلىشتا، سۇ يولىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ.

   سۇ يولىغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشلار سۇ يولىنى بۇزۇۋەتسە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ياكى قانۇن بويىچە تۆلەم تۆلىشى كېرەك.

   34-ماددا قاتناش قىلىنىۋاتقان سۇ دائىرىسىدە كۆۋرۈك قاتارلىق قۇرۇلمىلارنى ياساشتا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى ۋە تېخنىكىلىق تەلىپى بويىچە قاتناش بەلگىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئورنىتىشى ھەمدە مۇناسىپ خىراجەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

   كۆۋرۈك رايونىدىكى سۇ ئۈستى قاتناش بەلگىسىنى ئاسراشقا سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماق ۋە دېڭىز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى مەسئۇل بولىدۇ.

   35-ماددا سۇ يولى قاتنىشى بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ:

(1) سۇ يولىغا بېلىق تۇتۇش سايمانلىرى ياكى سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق ئەسلىھەسى ئورنىتىش؛

(2) سۇ يولىغا ۋە سۇ يولى مۇھاپىزەت دائىرىسىگە قۇم– شېغىل، توپا، ئەخلەت شۇنىڭدەك باشقا تاشلاندۇق تۆكۈش؛

(3) قاتناش قۇرۇلمىسى شۇنىڭدەك باشلاش يولى ۋە كېمە– پاراخوتلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى دائىرىسىدە مال قاچىلاش، چۈشۈرۈش، سۇ ئۈستىدە ماي قاچىلاش، كېمە-پاراخوت رېمونت قىلىش، بېلىق تۇتۇش ھەرىكەتلىرىنى قىلىپ، قاتناش قۇرۇلمىسىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈش؛

(4) سۇ يولى ئەسلىھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش؛

(5) سۇ يولىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلار.

   36-ماددا دەريادىن قۇم-شېغىل ئېلىشتا، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەك. دەريادىكى قۇم-شېغىل ئېلىش قانۇن بويىچە مەنئى قىلىنغان جايدىن قۇم-شېغىل ئېلىش، كىنىشكىسىز قۇم-شېغىل ئېلىش، تەستىقلانغان دائىرە ۋە مەشغۇلات ئۇسۇلىغا قارىماي قۇم-شېغىل ئېلىشتەك قانۇنسىز قۇم-شېغىل ئېلىش قىلمىشلىرى مەنئى قىلىنىدۇ.

   سۇ يولى ۋە سۇ يولى مۇھاپىزەت دائىرىسىدە قۇم-شېغىل ئېلىشتا، سۇ يولىنىڭ قاتناش شارائىتىغا زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ.

   37-ماددا بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ياسالغان دەريا توسمىسى قاتناشنى ئۈزۈپ قويغان، قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە توغرا كەلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتناش قۇرۇلمىسى ياساش شارائىتى ھازىرلانغان بولسا، تەرەققىيات-ئىسلاھات تارمىقى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، قاتناش-تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسىنى قويۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېكىتىشىگە يوللايدۇ.

   38-ماددا سۇ يولى قۇرۇلۇشى قىلدۇرغۇچى، تەكشۈرگۈچى، لايىھەلىگۈچى، ياسىغۇچى، نازارەت قىلغۇچى ئورۇنلاردىن سۇ يولى قۇرۇلۇشىدا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش-تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىشقا ۋە قۇرۇلۇش باشقۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.

   39-ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن سۇ يولى قاتناش شارائىتى تەسىرىنى باھالاش ماتېرىيالىنى قانۇن بويىچە يوللىماي تۇرۇپ قۇرۇلۇش باشلىغانلىرىنى تەكشۈرۈش ھوقۇقى بار قاتناش-تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ياكى سۇ يولىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشنى توختىتىشقا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە رەسمىيەتنى تولۇقلاشقا بۇيرۇيدۇ، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ رەسمىيەتنى تولۇقلىماي قۇرۇلۇش قىلىۋەرگەنلىرىنى تەكشۈرۈش ھوقۇقى بار قاتناش-تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ياكى سۇ يولىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

   قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن يوللىغان سۇ يولى قاتناش شارائىتى تەسىرىنى باھالاش ماتېرىيالى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن تۇرۇپ قۇرۇلۇش باشلىغانلىرىنى تەكشۈرۈش ھوقۇقى بار قاتناش-تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ياكى سۇ يولىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشنى توختىتىپ ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

   سۇ يولى قاتناش شارائىتى تەسىرىنى باھالاش ھەققىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ قىلىنغان قۇرۇلۇش تۈرى سۇ يولىنىڭ قاتناش شارائىتىنى ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋەتسە، ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنگەن قاتناش-تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ياكى سۇ يولىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزەش تەدبىرى قوللىنىشقا ياكى چۇۋۇۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەش تەدبىرى قوللىنىلمىغان ياكى چۇۋۇۋېتىلمىگەن بولسا، قاتناش-تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ياكى سۇ يولىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزەش تەدبىرى قوللىنىدۇ ياكى چۇۋۇۋېتىشنى قانۇن بويىچە تەشكىللەيدۇ، كېرەكلىك خىراجەتنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن چىقىرىدۇ.

   40-ماددا سۇ يولىغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشنى قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇ يولى قاتناش شارائىتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋاقىتلىق ئەسلىھە ۋە ئۇنىڭ قالدۇق نەرسىلىرىنى ۋاقتىدا ئادالىمىغانلىرىنى سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئادالاشقا بۇيرۇيدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ ئادالىمىغانلىرىغا 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماق ئادالاشنى قانۇن بويىچە تەشكىللەيدۇ، كېرەكلىك خىراجەتنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن چىقىرىدۇ.

   41-ماددا قاتناش قىلىنىۋاتقان سۇ دائىرىسىگە كۆۋرۈك قاتارلىق قۇرۇلمىلارنى سالدۇرغان قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ قاتناش بەلگىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئورناتمىغانلىرىنى سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماق ياكى دېڭىز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

   42-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئورۇنغا 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، شەخسكە 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ:

(1) سۇ يولىغا بېلىق تۇتۇش سايمانلىرى ياكى سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق ئەسلىھەلىرىنى ئورناتقانلار؛

(2) سۇ يولىغا ۋە سۇ يولى مۇھاپىزەت دائىرىسىگە قۇم-شېغىل، توپا، ئەخلەت شۇنىڭدەك باشقا تاشلاندۇقلارنى تۆككەنلەر؛

(3) قاتناش قۇرۇلمىسى شۇنىڭدەك باشلاش يولى ۋە كېمە-پاراخوتلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىدە مال قاچىلاش، چۈشۈرۈش، سۇ ئۈستىدە ماي قاچىلاش، كېمە-پاراخوت رېمونت قىلىش، بېلىق تۇتۇش ھەرىكەتلىرىنى قىلىپ، قاتناش قۇرۇلمىسىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە تەسىر يەتكۈزگەنلەر؛

(4) سۇ يولى ئەسلىھەسىنىڭ بىخەتەرلىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەر؛

(5) سۇ يولى قاتناش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلار.

   43-ماددا دەريادىكى قۇم-شېغىل ئېلىش قانۇن بويىچە مەنئى قىلىنغان جايدىن قۇم-شېغىل ئالغان، كىنىشكىسىز قۇم-شېغىل ئالغان، تەستىقلانغان دائىرە ۋە مەشغۇلات ئۇسۇلىغا قارىماي قانۇنسىز قۇم-شېغىل ئالغانلارغا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

   مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇ يولى ۋە سۇ يولى مۇھاپىزەت دائىرىسىدە قۇم-شېغىل ئېلىپ، سۇ يولىنىڭ قاتناش شارائىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلارنى سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنسىز قۇم-شېغىل ئالغان كېمە-پاراخوتنى تۇتۇپ قالسا ياكى مۇسادىرە قىلسا بولىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

   44-ماددا قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇھىتنى بۇلغىغان، ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان ياكى مۇھىتقا دائىر قانۇنلارغا خىلاپ باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى›› قاتارلىق قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

   45-ماددا قاتناش-تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرى شۇنىڭدەك ئالاقىدار تارماقلاردىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلمىغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

   سۇ يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئاپپاراتلاردىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلمىغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

   46-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

47–ماددا ھەربىي پورت، بېلىقچىلىق پورتىغا كىرىپ چىقىدىغان مەخسۇس سۇ يوللىرىغا بۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ. مەخسۇس سۇ يولىنى مەخسۇس تارماق باشقۇرىدۇ.

48 –ماددا بۇ قانۇن 2015 – يىل 3–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.



(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى).

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#