ئۆزتارتىم
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۆزتارتىم دېگىنىمىز كىشىلەر كۆپ ئىقتىدارلىق يانفون ياكى ئاپپاراتلىرى بىلەن ئۆزى ياكى ئۆزىنى قوشۇپ بىر قانچە كىشىنى رەسىمگە
تارتىشتىن ئىبارەت. يېقىنقى يىللاردا دەۋرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ بولۇپمۇ خانىم-قىزلارنىڭ يانفونلىرى بىلەن ئۆزىنى رەسىمگە تارتىشى مودىغا ئايلانماقتا، شۇنىڭغا ماس قەدەمدە ئەگىشىپ مېڭىش ئۈچۈن ‹‹ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات مۇنبىرى›› دىكى مۇتەخەسىس تىلشۇناس ئالىملىرىمىز بۇ سۆزنى ئۇيغۇرچە ياساپ چىقتى. ئۇلارنىڭ ئەمگىكىگە تەشەككۈر بولسۇن ئۈچۈن مۇشۇنداق يېڭى سۆزلەرنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىز قوللىنىپ ئاندىن تارقىتىپ ئانا تىلىمىزنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ھەممەيلەننىڭ بۇرچى ئەلۋەتتە.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.