ئانانىزم

ئانانىزىم

ئانانىزىم دىگىنىمىز بالاغەتكە يەتكەن توي قىلمىغان ياشلاردىكى بالاغەتكە يەتكەندىكى كۆرۈلگەن ئۆزگىرىشلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلالماسلىق سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ جىنسىي ئورگانلىرىنى بىرەر تاشقى ۋاستىلەر ئارقىلىق غىدىقلاپ مەنىي سۇيۇقلۇقىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ ئويناش ئارقىلىق جىنسى ھوزۇرغا ئىرىشىپ جىنسى ھەۋىسىنى قاندۇرىدىغان بىر خىل يامان ئادەت ۋە كېسەللىك.

ئۇيغۇرچە نامى ئانانىزىم
ئىنگلىزچە masturbation
كېسەللىك سەۋەبى پىسخىك توسالغۇ
تەۋە بۆلۈم پىسخىك كېسەللىك
باشقىچە نامى جەلىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 自慰
ئاساسلىق ئالامىتى ئۆز جىنسى ئەزاسىنى غىدىقلاش
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار قۇرامىغا يەتكەن، توي قىلمىغان بويتاق ياشلار
يۇقۇملىنىشى يۇقۇمسىز

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئانانىزىم (onanism ) دېگەن ئەسلى يۇنانچىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ بەزى ماتىرياللاردا ئېيتىلىشچە قەدىمكى يۇناندا ئونان دەپ بىرسى ئۆتكەن بولۇپ ئۆز جىنسىي ئەزاسىنى قولىدا ئىشقاپ لەززەتلىنىش ئارقىلىق شەھۋەتنى باسقان ھەم ئۆزىنى ئەر-ئاياللىق جىنسىي مۇناسىۋەتلەردىن پاك ساقلىغانمىش. كىيىنكىلەر مۇشۇنداق ئۆز -ئۆزىنى ئويناش ئىشىنى شۇئادەمنىڭ نامى بىلەن ئاتاپ ئونانىزىم دەپ ئاتىغان ئىكەن. ئۇيغۇر تېبابەت ھۆكۈمالىرى بۇ خىل قولىدائىشقاپ لەززەتلىنىشنى ئەرەپچە جەلق سۆزى بىلەن ئىپادىلىگەن بولۇپ بۇنىڭ مەنىسى تەۋرىتىش، ئىشقاش مەنىسىدە. كىيىنكى مەزگىللەردە بۇ ئاتالما ئانانىزىم نامى بىلەن لۇغەت ئىستىمالىمىزدىن ئورۇن ئالغان. 

خەنزۇچىدا ئانانىزىم بىلەن تەڭداش بولغان 手淫 نىڭ ئۇيغۇرچە لۇغەت تەرجىمىسى-قولىدا لەززەتلەنمەك، قولىغا زىنا قىلماق،ئانانىزىم قىلماق دېگەندەك بولۇپ يېغىنچاقلاپ ئېيتقاندا قول شەھۋەتپەرەسلىكى دېگەن مەنىدە كەلگەن.

ئانانىزىم ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بىرىش ھەمدە مۇشۇ خىل شەكلى ئۆزگەرگەن جىنسىي پائالىيەت ھەققىدە بالدۇرقىتېببى ھۆكۈمالىرىمىز بىلەن ھازىرقى زامان غەربچە قاراشقا ئىگە جىنسىيەت مۇتەخەسىسلىرىنىڭقاراشلىرى تۈپتىن پەرق قىلىدۇ. تېببى ھۆكۈمالىرىمىز جەلق تىن ئىبارەت بۇ غەيرى نۇرمال جىنسىي پائالىيەتھەققىدە توختالغاندا-جەلق خۇمار قىلىش خاراكتىرىگە ئىگە يامان قىلمىش بولۇپكىشىنىڭ نېرىپ-ئەسەپلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ، روھىي ۋە جىسمانىي قۇۋۋەتنىخورىتىدۇ شۇڭا ياشلار بۇ خىل يامان ئادەتكە يېقىن يولىماسلىقى كېرەك دەپ ياشلارنىبۇ خىل ئادەتكە ئۈگۈنۈپ قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ.

غەرب جىنسىيەت قارىشىدىكىلەر بۇ ھەقتە - ئانانىزىم قىلىش نۇرمال جىنسىي پائالىيەت بولۇپ ئانانىزىم قىلغۇچىدا روھىيتىنى بوغۇپ قويىدىغان گۇناھ تۇيغۇسى بولمىسىلا ھېچقانداقزېيىنى يوق، ئەكسىچە بۇ بالاغەت يېشىغا يەتكەن ئۆسمۈرلەرنىڭ روھىي بىسىمنى يېنىكلىتىدۇ.بىر قېتىم چىقارغان مەنىي سۇيۇقلىقىنىڭ تەركىبىدە بىر قېتىم ئېغىزغا يېغىلغان شۆلگەيچىلىكمۇئوزۇقلۇق ئىلىمىنت يوق. پەقەتلا يامان ئىش قىلىۋاتىمەن دېگەن تۇيغۇنىڭ بولىشىلا ئۇزۇنۋاقىت ئانانىزىم قىلغۇچىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىدا پىسخىك توسالغۇ پەيدا قىلىپ قويۇشىمومكىن دەيدۇ. ھەمدە ئۆسمۈرلەرگە جىنسىيەت تەربىيسى بەرگەندە بۇنى يامان ئىش دەپقارىماسلىق، ئانچە-مۇنچە قىلىپ بەرگەننىڭ يامىنى يوق دەپ چۈشەندۈرۈپ ئانانىزىمقىلىشقا رىغبەت بىرىدۇ. بۇنىڭدا ياشلاردا سەلبىي پىسخىك ئاقىۋەتلەرنىڭ كىلىپچىقىشىدىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئانانىزىمغا ئادەتلىنىپ قىلىش مەيلى ئوغۇللاردا ياكى قىزلاردا بولسۇن بۇ بالاغەتكە يەتكەندىن كىيىن يالغۇزياشاش، مەزمۇنى شەھۋانىي تۈس ئالغان پاراڭ ، كىتاب-ژورنال، كىنو-فىلىمقاتارلىقلارنى كۆپ كۆرۈش، تار كېيىملەرنى كېيىش، جىنسىي ئەزا ئەتراپىدىكى تۈكلەرنىپاكىز ئىرىغدىماسلىق، باشقىلارنىڭ مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن لەززەتلەنگەنلىكىنى ئاڭلاش...قاتارلىق سەۋەبلەرنىڭ تەسىرىدىن فىزئولىگيلىك جىنسىي تەلەپنىڭ نېرۋىنى غىدىقلىشى قاتارلىقئامىللار قوشۇلۇپ يالغۇز قالغان مەلۇم بىر كۈندە ئانانىزىمغا كىرىشىپ قالىدۇ. ھەرقېتىم ئانانىزىم قىلىشنىڭ ئالدىدا ۋە قىلىۋاتقان ۋاقىتتا ئازغىنە لەززەتلەنگەندىنسىرت ئانانىزىم ئاياغلاشقاندا پۈتۈن بەدەن بوشىشىپ ئۆزىدىن سەسكىنىش، چۈشكۈنلىشىشقاتارلىق مۇرەككەپ پىسخىكىلىق زىددىيەت ئىچىدە قالىدۇ. بۇ ئەھۋال قىز-يېگىت ھەرئىككىلا جىنىستا يۈز بىرىدىغان ئورتاقلىقتۇر.   

بۇ خىل ئۆز جىنسىي ئەزاسىنى قولىدا ئىشقاپ لەززەتلىنىش گەرچەبويتاقلىقتىكى شەھۋەتنى، جىنسىي ئەزالاردىكى چىڭقىلىشلارنى بوشاتقاندەك قىلغان بىلەنبۇ ئىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى خۇمار قىلىپ ئاستا -ئاستا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتەزەئىپلىكلەرگە دۇچار قىلىدىغان يارىماس قىلىقتۇر.

1. ئەخلاقسىزكىشىلەرنىڭ ئۆگىتىشى ۋە باشلىشىغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ.

ئەخلاقسىز كىشىلەرنىڭياش قىز- ئوغۇللارغا جەلەق قىلىشنى ئۆگىتىشى ۋە سۆزلەپ بىرىشىدىن قىز- ئوغۇللارقىزىقىپ جەلەق قىلىشنى ئۆگىنىپ قالىدۇ.

2. ھەرخىل غىدىقلىنىشلارغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ.

ئەمدىلا بالاغەتكە يەتكەنقىز- ئوغۇللار ھەر خىل شەھۋانىي سۇرەت، فىلىملەرنى ياكى ھايۋانلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتقىلىشنى كۆرۇپ قىلىش ئارقىلىق، مەركىزىي نىرۋىسى غىدىقلىنىپ ياكى تار كىيىم، يۇمشاقئورۇن قاتارلىقلار جىنسىي ئەزاسىنى غىدىقلىشى بىلەن ئىختىيارسىز جەلەق قىلىشقا ئادەتلىنىپقالىدۇ.

3. ئوخشاش جىنسىلىقلار مۇھەببەتلىشىش ياكى بىرگە يىتىشقا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ.

قىز ئوغۇللارنىڭ ئوخشاشجىنسىلىقلار بىلەن بىرگە يىتىشى ياكى مۇھەببەتلىشىشى بىلەن بەدەندە غىدىقلىنىش كۇچىيىپ،نەتىجىدە خىيال قىلىش قۇۋىتىدە كۇچىيىش يۇز بىرىپ، قالايمىقان خىيال قىلىش، ئۆزىيالغۇز قالغاندا ئىختىيارسىز جىنسىي ئەزاسىنى سۇركەپ ئويناش ئارقىلىق جەلەققىلىشقا ئادەتلىنىپ قالىدۇ.

4. روھىي ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ.

ھاياجنلىنىش، سەزگۇرلۇكىئىشىپ كىتىش، چۇشكۇنلىشىش، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش، قاتارلىق روھىي ئامىللار تەسىرىدىنبىمارنىڭ روھىي نەپسانىيسى قالايمىقانلىشىپ، خىيال قىلىش قۇۋىتى ئىگىز- پەس بولۇشتىنقالايمىقان خىياللارنى كۆپ قىلىپ، ناچار روھىي كەيپىياتنى تۇگىتىش مەقسىتىدە يالغۇزقىلىپ جەلەق قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالىدۇ.

5. مىجەزئامىلىغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ.

مەشۇقىدىن زىيادە ئەيمىنىش،ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۇش، مەشۇقىغا يىقىنلىشالماسلىق، ۋەسلىگە يىتەلمەسلىك، ھىجران،ئازاپ قاتارلىق سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بىمارنىڭ خىيال قىلىش قۇۋىتىدەقالايمىقانچىلىق يۇز بىرىپ، مەشۇقىنى قالايمىقان قىلىشتىن جەلەق يۇز بىرىدۇ.

بىرىنچى باسقۇچى

ئانانىزىم قىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى يالغۇز قالغاندا ياكى تۇرمۇشتاھېسسىياتقا ئالاقىدار كۆرنۈشلەرنى كۆرگەندە ‹‹ سەزمىگەن ›› ھالەتتە خىيالىغا ھۇزۇرلىنىشتۇيغۇسى بىخلىنىپ چىقىدىكەن يەنى : قىزلار بولسۇن ياكى ئوغۇللار بولسۇن خىيالىغا شەھۋانىخىياللار پەيدا بولىدىكەن لېكىن شەھۋانى خىيالنىڭ قانداق پەيدا بۇلغننى ‹‹سەزمەي›› قالىدىكەن سېزەلمىگەنلىكتىن ئانانىزىمنىڭ تەرەققىياتىغا  قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىكەن.  

ئىككىنچى باسقۇچى

بىرىنچى باسقۇچ تەرەققىي قىلىپ ‹‹سەزمىگەن›› ھالەتتە سېرىق تۈسكە ئالاقىدار كۆرۈنۈشكە يېقىنلىشىدىكەن مەسىلەن : ‹‹سەزمىگەن›› ھالەتتە ئانانىزىم قىلىشقا قىزىقتۇرىدىغان سېرىق فىلىم كۆرۈش، ئوخشىمىغان جىنستىكىلەر بىلەن چچ، ئۈندىدار، يانفون....قاتارلىقلاردا غەيرى نىيەتتە پاراڭلىشىش، شەھۋانىلىقنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش ......قاتارلىقلار تەرەققىي قىلىپياكى بىۋاسىتە ھېسسىياتقا ئالاقىدار ئورۇنلارنى ‹‹سەزمىگەن›› ھالەتتە تۇتۇپ سېلىش، سىيلاپ سېلىش....قاتارلىق ئىشلار يۈز بېرىدىكەن لېكىن شەھۋانى كۆرۈنۈشكە يېقىنلاشتۇرۇشقا قايسى كۈچنىڭ ياردەملەشكىنىنى ‹‹سېزەلمەيدىكەن›› سېزەلمىگەندىكىن تەرەققىياتىغايەنە قارشىلىق كۆرسىتىلمەيدىكەن. 

ئۈچىنچى باسقۇچى

ئىككىنچى باسقۇچنىڭ تەرەققىياتى ئاستىدا ئىككى جەريان شەكىللىنىشىدىكەن بىرى ئاشكارا قوغدىغۇچى‹‹ئوي-پىكىر›› يەنە بىرى يوشۇرۇن ئانانىزىمغا ‹‹كۈشكۈرتكۈچىدىن›› ئىبارەت. 

يەنى ئاشكارا قوغدىغۇچى پىكىرى : ئانانىزىم قىلسا زىيانلىق دەپ ئانانىزىم قىلىشتىن توسۇشقا تەمشىلىدىكەن مۇنداقچەئېيتقاندا ئانانىزىم قىلغۇچىلار ئانانىزىم قىلسا زىيانلىق دەپ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقاتىرىشىدىكەن، يوشۇرۇن ئانانىزىمغا كۈشكۈرتكۈچى يوشۇرۇن ھېسسى سېزىم دوپامىن ۋە....قاتارلىقلاربولسا ئانانىزىم قىلغۇچى قېرىندىشىمىزنى ئەمەلىيەت جەريانىدا ئانانىزىم قىلغۇزۇشقا قىزىقتۇردىكەن ۋە يېقىنلاشتۇردىكەن. ئاشكارا قوغدىغۇچى ‹‹ئوي-پىكىر›› بولساقارشىلىق كۆرسىتىپ  زىيانلىق......دەپ ئۆزىنىتۇتۇۋىلىشقا تىرىشىدىكەن  يوشۇرۇن قىزىقتۇرغۇچىھېسسى سېزىم بىلەن ئاشكارا قوغدىغۇچى ‹‹ئوي-پىكىر›› ئوتتۇرىسىدىكىبۇ خىل توقۇنۇش جەڭگە جېدەل ئارىسىدا يۈرۈپ ئانانىزىم قىلماقچى بولغان قېرىندىشىمىزنى ئۆزى ‹‹سەزمىگەن›› ھالەتتە روھى جەھەتتىن زەربىگە ئۇچراپ مەلۇم دەرىجىدەپىسخىكىلىق كېسەللىكى شەكىللەندۈردىكەن ۋە پىسخىكىلىق كېسەللىكى تەرەققىياتىئاستىدا جىسمانىي ساغلاملىقىغمۇ زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدىكەن. 

تۆتىنچى باسقۇچى

ئۈچىنچى باسقۇچتا كۆپىنچە يوشۇرۇن ئانانىزىمغا كۈشكۈرتكۈچى ھېسسى سېزىم يەنى ئانانىزىم كۈشكۈرتكۈچى غەلىبە قىلغانلىقتىن ئانانىزىم قىلىش شەكىللىنىدىكەن ئانانىزىم قىلىش جەريانىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ھەرخىل جىسمانىي كېسەللىكىنى تۇغدۇرۇپ قويىدىكەن ۋە جىسمانىي كېسەللىكى تەرەققىياتى ئاستىدا پىسخىكىلىق ساغلاملىقىغمۇ زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدىكەن. 

بەشىنچى باسقۇچى

ئانانىزىم ئاخىرلىشىپ تۈگىگەندە كۆپىنچە قېرىنداشلارنىڭ خىيالىغا ئانانىزىمغا ئالاقىدار ھەرخىل زىيانلىق ئوي پىكىرلەر كۆپىيىپ كېتىدىكەن مەسىلەن : ئەمدى ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي ئانانىزىم قىلىپ سالدىم بۇندىن كىيىن ئەمدى ئانانىزىم قىلماسمىنا دېگەندەك بەزىلەر ئانانىزىم قىلمايمەن دەپ تۇرۇپمۇ يەنە ئانانىزىم قىلىۋەردىم مەندە بۆرەك.....جىنسى....مەزى-بېزى...روھى ...كېسەللىك شەكىللىنىۋالغانمىدۇ دېگەندەك ئەنسىرەش، تەشۋىشلىنىش، پۇشايمان قىلىش، ئازابلىنىش ۋە باشقا ناچار پىكىرلەر ئارقىسىدا پىسخىكا جەھەتتىننۇرغۇن زىيانلىق ئامىللارنى ئانانىزىم قىلغۇچى سەزمىگەن ھالەتتە ئۆزىگە ھەمراھقىلىۋالىدىكەن بۇ پىسخىكىلىق كېسەللىكى جىسمانىي ساغلاملىقىغمۇ مەلۇم دەرىجىدە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدىكەن. 

ئانانىزىم بىمارلىرى ئىچىدە كۆپىنچىسى ئانانىزىمنى تاشلاشقا ئالاقىدار بىلىملەرنى ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىن - ئانانىزىم ھەقىقەتەنزىيانلىق ئىكەن تاشلىسام بولىدىكەن دېگەن كۆز قاراش ئوي پىكىرىدىلام تەستىقلانغانلېكىن بىمارنى ئانانىزىمغا قىزىقتۇرغۇچى يوشۇرۇن ھىسسى سېزىم ئانانىزىمنىتوختىتىشنىڭ ئەمەلى جەريانىنى بىخوتلاشتۇرۇپ ئانانىزىمغا قىزىقتۇرغۇچى يوشۇرۇن ھىسسى سېزىم ‹‹ ئانانىزىم ›› ھەر نۆۋەت غەلىبەقىلىدىكەن  مەسىلەن : كۆپىنچە ئانانىزىمنى تاشلىماقچى بولغانلار بۇنىڭغا ئوخشاش چارىلەرنى بىلىدۇ لېكىن ئانانىزىمغا قىزىقتۇرغۇچى يوشۇرۇن ھېسسى سېزىم بىخوتلاشتۇرغانلىقتىن بىر قىسىم دوستلار ئەمەلىيەتتە بۇ چارىلەرنى قوللانمايدۇ 

 بىماركۈندىن كۈنگە ماغدۇرسىزلىنىدۇ، ئۇرۇقلايدۇ، چىرايى سارغىيىدۇ، كۆزلىرى ئولتۇرشۇپ كىچىكلەپ قالىدۇ، بىمار خىيالچان بۇلۇپ باشقىلار بىلەن ئارلىشىشنى ياقتۇرمايدۇ،باشقىلارغا گەپ قىلغاندا يەرگە قارىۋالىدۇ، ئاتا-ئانىسى ئۆيلەپ قۇيۇشقا دەۋەتقىلسا قىزلار ئەرگە تىگىشتىن، ئۇغۇللار خۇتۇن ئېلىشتىن قورقىدۇ، ئۆيىدىن چىقىپكىتىدۇ، ئېغىر بوولغاندا ھەتتا باشقا خەتەرلىكئەھۋاللارمۇ چىقىشى مۇمكىن......... پىشانىسى ۋە كۆز قۇيرۇقلىرىغا بالدۇر قوروق چۈشىدۇ،كۈزىنىڭ ئاستى قاپىقىغا قارا داغ پەيدا بوپ قالىدۇ،چىرايى ناھايتى سۇلغۇن،خىيالچان ، ئىرادە كۈچى ئاجىز ، قورقۇنچاق بۇلۇپ ئەقلى ئىقتىدارىمۇ تۈۋەنلەپ كىتىدۇ،ئەمما بۇ كىسەلنى ناھايتى يۇشۇرۇن تۇتىدۇ.جىنسى ئەزاسى دىگەندەك چۇڭايماي،بارغانسىرى كىچىكلىشىپ قالىدۇ، قولدا سۈركەۋەرگەندىن كىيىن جىنسى ئالەتنىڭ قان تۇمۇرلىرىكېڭىيىپ  تومپىيىپ قالغانلىقى ۋە يەرلىك ئۇرۇنداماددا ئالمىشىش ، ئۇزۇقلىنىش ياخشى بولماي ئالەت ئۇرۇقلاپ بۇشاپ كىتىدۇ، تۇۋىئىنچىكە باش تەرىپى توم، ۋە سىڭايان بوپ قالىدۇ، ئالەت بەك سەزگۈرلىشىپ كەتكەنلىكتىن،مىنىي تىز كىتىدىغان ، ئاياللارغا يېقىنچىلىق قىلغاندا پەرجىگە داخىل بولماي تۇرۇپلامەنىي ئېقىپ كىتىدىغان نەتىيجىدە ئەر ئايالنىڭ جىنسى تەلىپى قانمايدىغان ئەھۋالكىلىپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەر خۇتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يىتىدۇ. 

ئاياللاردا جەلىق دەسلەپتە قىزلار پەرجىنى غىدىقلاش، دىلچۇقنى ئىشقاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن باشلىنىپ بارغانچە تەرەققى قىلىپ  ئېغىرلاشقاندا جەمىيەتتتىكى بىر قىسىم ئەخلاقسىز (ئەركەكزەردەك) دەيدىغان ئىپلاس ئاياللار بىلەن ئورتاق جىنىسلىقلار جىماسىغا يىتىپ بېرىشى مۇمكىن، بۇ خىل يامان ئادەتكە كۈنۈپ قالغان ئاياللار ئۆز يولدىشى بىلەن قىلغان جىنسى ئالاقىگە قانمايدىغان، پۇرسەت تاپسىلا يۇقىرقىدەك ئەسكى ئاياللارنى ئىزدەيدىغان، ئائىلە، بالا، ئۇيات نۇمۇستىن پەرۋا قىلمايدىغان بۇلۇپ قالىدۇ، ئاقىۋەت ئائىلىدە سۇغۇقچىلىق يۈزبىرىپ ئائىلە ۋەيران، پەرزەنىتلەر سەرسان بۇلۇشتەك ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەر يۈزبىرىدۇ.

كۆپ يىل ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللىنىش نەتىجىسىدە رەئىس ئەزالار ( يۈرەك، مېڭە، جىگەر، بۆرەك، ئاشقازان ، ئۆپكە) ۋە خادىمىي (كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، ئۆت، تال...ۋاھاكازالار ) ئەزالاردىن تارتىپئومومىي بەدەن قان تومۇر، نېرىپلارغىچە زەئىپلىشىپ ھەر خىل ئوزۇقلۇق ئىلمىنتلارنى سۈمۈرۈش ، پارچىلاش، تۇتۇش، ئالماشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ نۇرمال ئىلىپ بىرىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. بۇنى ئومومىي بەدەن پەي-ئەسەپلەرنىڭ تۇتۇش قۇۋۋېتىئاجىزلاپ كېتىش دەپمۇ تەبىر بېرىشىمىز مومكىن. 

ئانانىزىم ئادىتى بىلەنكۆپ يىل شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ بەدىنىدىكى ئەڭ كۆرىنەرلىك خورايدىغان ئېلمىنتلاركالتىسىي، ئاقسىل، تۆمۈر، ياغ قاتارلىقلاردۇر. ئۇندىن باشقا سىنىك، سېلىن ھەم ھەرخىل ۋىتامىنلارمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە خورايدۇ.     

كۆپ يىل ئانانىزىم بىلەنشۇغۇللانغان كېشىلەرنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك زارىدىن قارىغاندا تۆۋەندىكىدەك ئاقىۋەتلەركىلىپ چىقىدۇ: خەتنىگاھ يىگىلەش، پۇت قول ماغدۇرسىزلىق، بەل-پاچاق تېلىپ ئاغرىش، ئورۇقلاش، سۈيدۈك قىستاش، ئاغرىتىپ كېلىش، سۈيدۈك بېسىمى بولماسلىق، مەنى سۇيۇقبولۇش، پۈچەك بولۇش، بالدۇر كېتىش، خەتنىگاھ قاتماسلىق، چاچ چۈشۈش، بۆرەك ئورۇقلاش،كۆزنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىزلاش، چىرايى نۇرسىزلىنىش، زېھنى قۇۋۋەتلەپ ئاجىزلاپ ئۇنتۇغاقلىق،قورقۇنچاقلىق، چۈشكۈنلۈك، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى سۇسلاش دېگەنگە ئوخشاش پىسخىكئاجىزلىقلار قوشۇلۇپ كىلىدۇ. دوختۇردا تەكشۈرتكەندە مەزى بىزى، ئۇرۇقدان ياللۇغى،ئۇرۇق پۈچەكلىك دېگەندەك دىئاگنۇسلارنى قويىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا خىلى ئۈنۈملۈك دەپقارىلىۋاتقان داۋالاش ئۇسسۇللىرىنى ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ ھېچقانچە ئۈنۈمى كۆرۈلمەيدۇ.ئەر-ئاياللىق جىنسىي تۇرمۇش كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىق، بالىلىق بولالماسلىق دېگەندەكئىشلار بىمارنى تېخىمۇ چۈشكۈنلەشتۇرۋېتىدۇ.

  بۇنىڭ ئەڭ خەتەرلىك يېرى- توي قىلىپ ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتەبولسىمۇ ئانانىزىم قىلمىسا ھېساب بولمايدىغان بولۇپ قالىدىكەن. دېمەك ئەر-ئاياللىق نۇرمال جىنسىي تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئالالمايدىغان ، ئەر-ئاياللىق جىنسىي مۇناسۋەتئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىغان ، تۇرمۇشقا سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان بىنۇرمال پىسخىكا شەكىللىنىپ قالدىكەن

پىسخىك جەھەتتىكى ئالامەتلەر

بىمار كۇنسىرى خىيالچان، ئىرادىسى ئاجىز، چىراي ناھايتى سۇلغۇن بولۇپ قالىدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ.ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ. بىمار خىجىلچان، يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بولۇپقالىدۇ، بىمار كىسىلىنى ئىنتايىن يوشۇرۇن تۇتىدۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەنلەيدۇ.

جىسمانىي جەھەتتىكى ئالامەتلەر

بىمار كۇندىن- كۇنگەئورۇقلايدۇ، ئىشتىھاسى تۇتىلىدۇ، بىماردا بالدۇر قىرىلىق ئىپادىسى كۆرۇلىدۇ. كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ، تىرىلىرى قۇرغاقلىشىپ، پىشانىسى ۋە كۆزىنىڭ قۇيرۇقىغا قورۇق چۇشىدۇ.ئاستىنقى قاپىقىنىڭ ئەتراپىغا كۆكۇچ داغ پەيدا بولىدۇ. داۋاملىق قولىدا سۇركەۋەگەنلىكتىن،جىنسىي ئەزاسىنىڭ قان تومۇرى كىڭىيىپ تومپىيىپ قالغاچقا يەرلىك ئورۇنننىڭ ماددائالمىشىشى، ئوزۇقلىنىشى ياخشى بولماي، جىنسىي ئەزاسى بارغانسىرى ئورۇقلاپ بوشاپ كىتىدۇ، تۇۋى ئىنچىكە، بىشى توم بولۇپ، نورمال ھالەتتە تۇرغاندا جىنسىي ئەزاسى بىرتەرەپەك سىڭايان بولۇپ قالىدۇ. جىنسىي ئەزاسى بەك سەزگۇرلىشىپ كەتكەچكە، مەنىي بەكتىز كىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا زەكەر جىنسىي يولغا كىرمەيتۇرۇپلا مەنىي يۇرۇپ كىتىدىغان بولىدۇ(شۇنىڭ بىلەن سۇرئىتى ئىنزال كىسەللىك بىللەقوشۇلۇپ پەيدا بولىدۇ).زەكەر ياخشى قايىم پەيدا بولمايدۇ ياكى قايىم بولۇش دەرىجىسىيىتەرلىك بولمايدۇ. نەتىجىدە ئەر- ئاياللارنىڭ جىنسىي تەلىپى قانمايدۇ، بەزى بۇنداقئادەتكە مۇپتىلا بولغان ياشلار ئۆلەپ قويايلى دىسە دىسىمۇ ئۇنىمايدۇ، ھەتتا ئۆلىۋىلىش خەۋىپىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

قىز-ئاياللاردا بولسا بۇخىليامان ئادەت دىلچىقنى ئىشقاش، پەرجخنى غىدىقلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن باشلىنىپ،جىنسىي يولىغا قولىنى، ياكى بانان،سەۋزە، ياكى مەلۇم بىر ئورۇنغا سۇركەش ئارقىلىقھوزۇرلىنىش مەقسىتىگە يىتىدۇ. لىكىن بۇ ئەھۋاللار توي قىلمىغان قىزلاردا بولساقىزلىق گۆھىرىدىن ئايرىلىپ قىلىشتەك ئىچىنىشلىق ئاقىۋەتنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپئورنىنى تولدۇرۋاغىسىز پۇشايماننى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئىغىر دەرىجىدەروھىي بىسىم، يات جىنىسلىقلاردىن زىرىكىش، ھەتتا ئۆلىۋىلىشنى خىيالىغا كەلتۇرۇشتەكئەھۋاللارمۇ يۇز بىرىدۇ. توي قىلغان ئاياللرىمىزدا بولسا، ئاياللار ئۆز ئىرى بىلەن قىلغان جىنسىي مۇناسىۋەتكە قانماي پۇرسەت تاپسىلا يۇقىرىدىكى يامان ئادەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار ئەسكەر، ئوقۇغۇچى، تۇل ئاياللار،راھىپ، مەھبۇسلار قاتارلىقلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.

1.تىپىككىلىنىك ئالامىتىگە، بەدەن بەلگىسىگە ئاساسەن دىئاگۇنۇز قويىلىدۇ.

بالاغەتكە يەتكەن قىزئوغۇللار داۋاملىق شەھۋانىي گەپ سۆزلەرنى ئاڭلاش، شەھۋانىي خىياللارنى كۆپ قىلىپ ،ئاستا- ئاستا تەرەققىي قىلىپ، قول ياكى باشقا نەرسىلەر ئارقىلىق جىنسىي ئەزاسىنىغىدىقلاپ ھوزۇرلىنىش ياكى مەنىي ماڭدۇرۇشقا ئادەتلىنىپ قىلىپ، تاشلاي دەپمۇ تاشلىيالمايدىغان،بارا- بارا ئىرادىسى ۋە بەدىنى ئاجىزلايدىغان، تەپەككۇر قىلىش، ئەستە تۇتۇشقابىلىيتى تۆۋەنلەش، جىنسىي ھىسىيات تۆۋەنلەش، نىرۋا ئاجىزلىق، جىنسىي ئەزا يىگىلەشقاتارلىقلارغا ئاساسەن دىئاگنۇز قويىلىدۇ.

2. ئىلگىرى ئانانىزىم قىلغانلىق تارىخىغا ئاساسەن دىئاگۇنۇر قويىلىدۇ.

3.جەلەقنى كەلتۇرۇپ چىقارغۇچى سەۋەپچى ئامىل بىلەن بىماردىكى پىسخىك ئالامەتلەر بىرلەشتۇرۇپدىئاگۇنۇز قويىلىدۇ.

4. رەڭگىروھى، چىراي ئىپادىسىگە يۇرۇش تۇرىشىغا ئاساسەن دىئاگۇنۇز قويۇشقىمۇ بولىدۇ.

5. قوشۇمچەتەكشۇرۇش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگۇنۇز قويىلىدۇ.

قوشۇمچە تەكشۇرۇشتە مەنىيسۇيۇلۇش، ئۇرۇق سانى ۋە ھەرىكەت كۇچى تۆۋەنلەش، قاتارلىق نەتىجىلەرنىڭ چىقىشى جەلەقدىئاگۇنۇزنى قويۇشقا ياردىمى بولىدۇ.

1.بەچچىۋازلىقتىن پەرقلەندۇرىدۇ؛

بەچچىۋازلىقتا داۋاملىق شەھۋانىي خىيال ۋە ھەر خىل ئىش ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، ئوخشاش جىنىسلىقلاردىن شەھۋانىيھەۋىسىنى قاندۇرۇپ، ھوزۇرلىنىش ئۇچۇن ئەدەپ- ئەخلاقنى قايرىپ قويۇپ، ئوخشاشجىنىسلىقلار بىر- بىرى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۇزىدىغان كىلىنىك ئىپادىسىگە ئاساسەنپەرقلەندۇرىدۇ.

2. زىناخورلىقتىن پەرقلەندۇرىدۇ؛

زىناخىورلۇقتا داۋاملىقشەھۋانىي خىيال گەپ- سۆزلەرنى كۆپ قىلىدىغان، بولمىغۇر، ئەخلاقسىز قىلىقلارنىقىلىدىغان، كۆرگەنلا يات جىنىسلىقلارنىڭ قانداق ئىنسان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، شەھۋانىي تەلەپ قويىدىغان ياكى جىنسىي مۇناسىۋەتكە مەجبۇرلاپ تەھدىت سالىدىغان كىلىنىك ئىپادىسىگە ئاساسەن پەرقلەندۇرۇپدىئاگۇنۇز قويىلىدۇ.

1. خامۇشلۇق كىلىپ چىقىدۇ؛

ئانانىزىمدا بىمار داۋاملىق مەجبۇرىي جەلەق ئادىتىنى قىلىشتىن روھ ۋە قۇۋەت خورايدۇ، بەدەن ئاجىزلايدۇ، بىمارھەرقىتىم جەلەق قىلغاندا ھوزۇرلانسىمۇ، لىكىن جەلەقتىن كىيىن بىر خىل روھىي چۇشۇپكىتىدۇ، نەتىجىدە ئۇزاق مۇددەت جەلەق قىلىۋىرىش بىماردا چۇشكلۇنلۇك، روھىي چۇشۇش،تۇرمۇشقا، خىزمەتكە قىزىقىشى ۋە قىزغىنلىقى تۆۋەنلەش، ئىرادىسى بارغانسىرىئاجىزلاپ ئۇمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ، بىمار جىمغور، قورقۇنچاقبولۇپ، خامۇشلۇق كىلىپ چىقىدۇ.

2. جىنسىي ئاجىزلىق كىلىپ چىقىدۇ؛

بىمار داۋاملىق جەلەققىلىۋەرگەچكە، روھ، قۇۋەت خورايدۇ، بەدەب ئاجىزلايدۇ. جىنسىي ئەزاسىنىڭ سەزگۇرلۇكىئىشىپ كىتىپ، مەنىي بالدۇر كېتىش، زەكەر قايىم بولماسلىق، جىسنىي ھەۋىسى ئاجىزلاپ،جىنسىي ئاجىزلىق كىلىپ چىقىدۇ.

3. مىڭە ئاجىزلىق كىلىپ چىقىدۇ؛

بىمار داۋاملىق جەلەققىلشىتىن يەرلىك ئورۇننىڭ نىرىپلىرىدا سەزگۇرلۇك ئىشىپ، سىمپاتىك نىرۋىلار داۋاملىققوزغىلىش ھالىتىدە تۇرۇپ، پۇتۇن بەدەنگە، مەركىزىي نىرۋا سىستىمىسغا تەسىر قىلىپ،بىماردا ئۇيقۇسىزلىق، روھىي كەيپىياتى چىچىشلىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، زىيادەجىددىيلىك، تەشۋىشلىنشى ھالەتلىرى شەكىللىنىپ، نەتىجىدە مىڭە ئاجىزلىق كىلىپ چىقىدۇ.

4. قان ئازلىق ۋە بەدەن ئورۇقلاش كىلىپ چىقىدۇ؛

بىمار داۋاملىق ئانانىزىم قىلىپ كۆپلەپ مەنىي بەدەندىن چىقىپ كەتكەچكە، قاننىڭ مەنىيگە ئايلىنىپ سەرىپ بولۇشىكۇچىيىپ، قان ئازلىق كىلىپ چىقىدۇ، ئورۇقلايدۇ.

5. مەزى بىزى ياللۇغى كىلىپ چىقىدۇ؛

ئانانىزىم قىلىۋىرشىتىن ھەرقىتىم مەنىي چىققاندا مەزى بىزى كۇچلۇك غىدىقلىنىشتىن مەزى بىزىدا جاراسىمسىز ياللۇغلىنىشكىلىپ چىقىدۇ.

6. يۇقىرىقان بىسىم ۋە قان تومۇر قىتىش كېسىلى كىلىپ چىقىدۇ؛

داۋاملىق جەلەققىلىشتىن مەزى بىزىدا داۋاملىق غىدىقلىنىش بولۇش ۋە بۆرەك ئۇستى پوستلاقغىدىقلىنىشتىن مەزى بىزى ھورمۇنى ۋە بۆرەك ئۇستى بىزى ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشى كۇچىيىپ،قان تومۇرلاردا ۋاقىتلىق قىسقىرىپ سىپازمىلىنىش، يۇرەك ھەركىتى تىزلىشىشقاتارلىقلاردىن بىماردا قان تومۇرنىڭ ئىلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ، چۇرۇكلىشىشتىن قانبىسىم يۇقىرىلاش، قان تومۇر قىتىش كىلىپ چىقىدۇ.

ئانانىزىم تەرەققىي قىلىۋەرسە،جىنسىي ئاجىزلىق، ئۇرۇق پۇچەكلىك، بارا-بارا مىڭە ئاجىزلىقى، مالىخولىيا، ئاخىرىداجۇنۇن كىلىپ چىقىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى:

1. پىسخىكىلىقداۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ.

2. مىڭىنى،ئومۇمىي بەدەننى قۇۋەتلەش، باھنى كۇچەيتىش، قان ئايلىنىش ياخشلىلاش، جىنسىي ئەزاسىنىڭسەزگۇرلۇكىنى پەسەيتىش پىرىنسىپىدا داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ.

1. بىمارغائەخلاق تەربىيسىنى ياخشى ئىلىپ بىرىپ، شەھۋانىي خىياللارنى قىلىشتىن توسۇش،ئىرادىسىنى كۇچەيتىپ، دوختۇرغا، ساقىيىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش لازىم.

2. ھاۋاسىساپ، پاكىز مۇھىتتا يالغۇز قالدۇرماي، ياخشى كۆز- قۇلاق بولۇپ ئارام ئالدۇرۇشلازىم.

3. مۇۋاپىق جىسمانىي ئەمگەك ۋە چىنىقىش ئىلىپ بىرىپ قالايمىقان خىيال قىلىشقا شارائىت يارىتىپبەرمەسلىك، روھىي قۇۋەتنى ئۇرغۇتۇش، ئىرادىسىنى چىڭىتىش پىرىنسىپىدا داۋالاش ئىلىپبىرىلىدۇ.

4. يالغۇزقويماسلىق، كوللىكتىپ سورۇن، پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇپ كۆڭلىنى ئىچىش ئارقىلىقداۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ.

5. بەدەننى قۇۋەتلەش، مىڭىنى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە بىنەفشە، پىننە، يالپۇز، 20گىرامدىن، گاۋزىبان15گىرام، خەشخاش پوستى، ئوسۇڭ ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرىقى 10 گىرامدىن، قىزىلگۇل، بەدىيان12گىرامدىن ئىلىپ، قائىدە بويىچە چايلىق تەييارلاپ چاي ئورنىدا ئىچىشكە بىرىلىدۇ.

سۆئلەپ مىسرى، باداممىغىزى، پىستە مىغىزى، ياڭاق مىغىزى 30گىرامدىن، خەشخاش ئۇرۇقى 15گىرام، قۇچقاچ مىڭىسى25دانە، بەسباسە 10گىرام، بۇقا چۇيىسى 25گىرام، رىگماھى، شاقاقۇل، قارا كۇنجۇت40گىرامدىن، خولىنجان 10گىرام، زەپەر 6گىرام، ھەسەل مۇشۇ دورىلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارىدىنئۇچ ھەسسە ئىلىنىپ دورىلاردىن قائىدە بويىچە مەجۇن ياسالمىسى تەييارلىنپ كۇندەئىككى قىتىم، ھەر قىتىمدا 10گىرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابەت پىششىقدورىلىرىدىن:

مەجۇنى مەسھا، ھەببى مۇسكىر،مۇپەررىھ باھ، مەجۇنى قۇۋىتى باھ قاتارلىق دورىلار تاللاپ بىرىلىدۇ.

6. سىرتىدىن جىنسىي ئەزانىڭ سىزىمىنى تۆۋەنلەتكۇچى، تىنىچلاندۇرغۇچى دورىلاردىن گۇل يىغى، يەسىمەنيىغى، ساماسق يىغى قاتارلىقلار تاللاپ ئىشىلىتىلىدۇ.

بىمارنى يالغۇز قويماسلىق،مەس قىلغۇچى ئىچملىكلەر، ناركوز قىلىش تەسىرىنى بىرىدىغان دورىلار، ھاراقتاماكىدىن، سىرىق نەرسىلەرنى كۆرۇشتىن چەكلەش لازىم.

 ئىلمىي تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى ئانانىزىم قىلىش ئەمەلىيەتتە شەكلى ئۆزگەرگەن جىنسىي تۇرمۇش بولۇپ، ئەگەرتۆۋەندىكىدەك تۆت خىل ئەھۋالدىن ساقلانغىلى بولسا، ئانانىزىم قىلىش ئۇ قەدەر قورقۇنچلىق ئەمەس: 

بىرىنچى

ئانانىزىمقىلىۋاتقان بالا بۇ ئىشنى تولىمۇ پەسكەشلىك ھېسابلايدۇ. شۇڭا ئۇ ھەر قېتىمدا ئۆزىنىئەيىبلەش تۇيغۇسى ئىچىدە جىنسىي لەززەتنى ھېس قىلىدۇ. بۇ خىل زىددىيەتلىك ئىچكى تۇيغۇكەلگۈسىدە بۇ كىشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشىگە روھىي توسالغۇبولۇپ قېلىشى مۇمكىن. 

ئىككىنچى

 ئانانىزىمقىلىۋاتقان بالا بۇ ئىشنى ئامال بار ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا تۈگىتىشكە تىرىشىدۇ. ۋاقىتنىڭئۇزىرىشى بىلەن ئۇنىڭ ئىسپىرما چىقىرىش ۋاقتى ئاستا-ئاستا قىسقىراپ، كەلگۈسىدە تويقىلغاندىن كېيىن ئىسپىرمىسى بالدۇر كېتىدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. رېئاللىقتىكى نۇرغۇنكىشىلەرنىڭ ئىسپىرما بالدۇر كېتىش مەسىلىسى ئەمەلىيەتتە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى مۇشۇخىل «چېنىقىش» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. 

ئۈچىنچى

بىرقىسىم  ياش- ئۆسمۈرلەر قوپاللىق بىلەن ئانانىزىمقىلىشقا ئادەتلەنگەن. ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسى ئۇنچىلىك قىسىش كۈچىگە ئىگەبولمىغاچقا، مۇنداق يىگىتلەر توي قىلغاندىن كېيىن يېتەرلىك غىدىقلاش ھېسقىلالماسلىقى مۇمكىن. 

تۆتىنچى

 ئانانىزىمقىلىش ئۈچۈن ھېچكىم بىلەن مەسلىھەتلىشىش كەتمەيدۇ. شۇڭا بىر قىسىم شارائىتى بار، ئۆز-ئۆزىنىكونترول قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنرەك ياشلار ھەددىدىن ئارتۇق شۇغۇللىنىپ، چارچاشھالىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆگىنىش، چېنىقىش، خىزمەت ئىشلىشىگەتەسىر يېتىشى مۇمكىن. 

يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەكئانانىزىم قىلىش جىنسىي تۇرمۇشنىڭ بىر خىل شەكلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كۆپ ساندىكى مۇتەخەسسىسلەرھەربىر ئادەمنىڭ جىنسىي تۇرمۇش سىجىللىقى شۇ ئادەمنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك،بەك ئاز بەك كۆپ بولۇش سالامەتلىك ئۈچۈن زىيانلىق دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر ئەركىشى ئۈچۈن ئېيتقاندا جىنسىي تۇرمۇشنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئېھتىياجدىنئاشقاندا ئەر كىشى جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزەلمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. 

مەيلى قانداق بولۇشىدىنقەتئىينەزەر، بىز ياش-ئۆسمۈرلەرگە قارىتا ئىجابىي جەھەتتىن تىرىشىپ ئۆگىنىش، ياخشىبەدەن چېنىقتۇرۇش، ئەستايىدىل ئىشلەش ھەققىدە تەربىيەنى كۈچەيتىشىمىز، ئۇلارنىڭ پۈتۈنكۈن شەھۋانىي تۇيغۇلار ئىچىدە يۈرۈپ، ياشلىق باھارىنى ئىسراپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىزلازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئانانىزىم قىلىش قاتارلىق ھادىسىلەرگە قارىتاتوغرا پوزىتسىيەدە بولۇشىمىز، ئارتۇقچە جىددىلىشىپ بالىلارغا ئورۇنسىز بېسىم پەيداقىلماسلىقىمىز لازىم. خۇلاسە شۇكى، گەرچە بىز ئانانىزىم قىلىشنى ئالاھىدە تەشەببۇسقىلمىساقمۇ، ئانانىزىم قىلىشتىن ئۇنچىۋالا قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق.  

  كىچىك بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ شەرمى ھايالىق چوڭ قىلىش، كىچىكبالىلارنى 5-6 يېشىدىن باشلاپ ئايرىم ئۆيدە ياتقۇزۇش، تەلىم تاربىينى كۈچەيتىش، شەھۋانىرەسىملەر نى ئۇلارنىڭ ھوجرىسىدا قويماسلىق، شەھۋانى گەپ سۆز  بىھايا قېلىقلارنى يامان سۆز ھەرىكەتلەرنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا قىلماسلىق، مۇھەببەت ۋە شەھۋانىيەتكە ئائىت كىنۇو - پىلىملەرنى كۈرۈشكەيول قويماسلىق ، بىھايا ئەخلاقسىز بالىلار بىلەن بىللە ئارلىشىشىغا يول قويماسلىق لازىم.

[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (6 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    83.3%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    16.7%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#