پاستېر

فرانسىيىلىك خىمىك ۋە مىكروبىئولوگ پاستېر مېدىتسىنا تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم مەشھۇر شەخس دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. پاستېرنىڭ تۆھپىسى بىر نەچچە پەنگە چېتىلىدۇ. بىراق ئۇنىڭ نامى كېسەللىك باكتېرىيىسى نەزەرىيىسىنى قوغداش ۋە قوللاش شۇنداقلا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋاكسىنا ئەملەش ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرگە مەركەزلەشكەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى پاستېر
باشقا نامى Louis Pasteur
تۇغۇلغان ۋاقتى 1822-يىلى
كەسپى مىكروبىئولوگ،خىمىك
خەنزۇچە ئىسمى 路易·巴斯德
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1895-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پاستېرفرانسىيە لىك خىمىك ۋە مىكروبىئولوگ پاستېر مېدىتسىنا تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم مەشھۇر شەخس دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. پاستېرنىڭ تۆھپىسى بىر نەچچە پەنگە چېتىلىدۇ. بىراق ئۇنىڭ نامى كېسەللىك باكتېرىيىسى نەزەرىيىسىنى قوغداش ۋە قوللاش شۇنداقلا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋاكسىنا ئەملەش ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرگە مەركەزلەشكەن.

پاستېر 1822-يىلى فرانسىيىنىڭ شەرقىدىكى دول شەھىرىدە تۇغۇلغان. بىساسىن ۋە پارىژلاردا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇنىڭ تالانتى كېيىنرەك كۆرۈنۈشكە باشلىغان. ئوقۇغۇچى مەزگىلىدە، بىر ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭغا؛ پاستېرنى خىمىيىدە ئوتتۇراھال سەۋىيىدىكى ياكى ئادەتتىكى سەۋىيىدىكى ئوقۇغۇچى دېيىشكە بولىدۇ دەپ باھا يېزىپ بەرگەن. بىراق، 1847-يىلى ئۇ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئەمەلىيەت ھېلىقى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن باھاسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئۇنىڭ تارترات ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى ئۇنىڭ داڭلىق خىمىك بولۇپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولدى. بۇ چاغدا ئۇ ئەمدى 26 ياشقا كىرگەنىدى. 

ئۇنىڭدىن كېيىن، پاستېر ئېچىتقۇنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشتى. ئۇ ئېچىشنىڭ مىكروب ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى؛ ئېچىتقۇنىڭ بىر خىل مىكروب ئىكەنلىكىنى، ئۇنى ئوكسىگېن يوق شارائىتتا سۈنئىي ئۇسۇلدا يېتىلدۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. ئۇ يەنە باشقا بىرنەچچە خىل مىكروبنىڭ ئىچىملىك ئېچىتىشتا ناچار ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم مىكروبلار ئىنسانىيەت ۋە ھايۋانلارغا يامان تەسىر يەتكۈزىدۇ دېگەن چۈشەنچىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.

پاستېرپاستېر كېسەللىك مىكروبىنى ھەممىدىن ئاۋۋال بايقىغان كىشى ئەمەس. ئۇنىڭدىن بۇرۇن كىرولا، بولخېنرى قاتارلىقلار شۇنىڭغا ئوخشاش قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقانىدى. بىراق پاستېر يۈرەكلىك ھالدا كېسەللىك مىكروبىئولوگىيىسىگە ئائىت نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماستىن، بەلكى نۇرغۇنلىغان تەجرىبىلەر ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ بۇ نەزەرىيىسىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنى قايىل قىلدى. مانا بۇ ئۇنىڭ ئاساسلىق تۆھپىسى. 

روشەنكى، كېسەل بولۇشنىڭ سەۋەبى مىكروبتا، ئۇنداق بولغانىكەن، مىكروبنىڭ ئادەم بەدىنىگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغاندىلا، ئاندىن كېسەل بولۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا پاستېر دوختۇرلارنىڭ دېزىنفېكسىيە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى تەكىتلىدى. دۇنيادا ئوپېراتسىيىدە دېزىنفېكسىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى ھەممىدىن ئاۋۋال تەشەببۇس قىلغان جوسپ، لىستمۇ ئاساسەن پاستېرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانىدى.

زەھەرلىك مىكروب يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىدۇ. پاستېر ئىچىملىك ئىچىدە مىكروبنى ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلىنى تەرەققىي قىلدۇردى. بۇنداق ئۇسۇل كېيىن «پاستېرچە دېزىنفېكسىيە ئۇسۇلى» دەپ ئاتالدى. بۇ ئۇسۇل شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، مىكروبلانغان سۈت-كېسەل تارقىتىش مەنبەلىرىنىڭ بىرى. 

پاستېر 50 ياشقا كىرگەندە دىققىتىنى يامان خاراكتېرلىك غەلۋىرەككە مەركەزلەشتۈرگەنىدى. بۇ ئۇلاغ ۋە باشقا ھايۋانلارغا، ئادەملەرگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىك ئىدى. پاستېر بۇنداق يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشى بىر خىل ئالاھىدە مىكروبتىن بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققانىدى. ئۇ زەھەرنى ئازايتىدىغان يامان سۈپەتلىك غەلۋىرەك تاياقچىسىمان مىكروبنى ھايۋانغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرغانىدى. 

1881-يىلى، پاستېر كېسەللىك مەنبەسى بولغان مىكروبلارنىڭ زەھەرلىك كۈچىنى ئاجىزلىتىش ئۇسۇلىنى ياخشىلىدى، ئۇ مەلۇم بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەلگە گرىپتار بولۇپ تولۇق ساقايغان ھايۋاننىڭ كېيىن بۇنداق كېسەلگە قارشى ئىممۇنىتېت كۈچى بولىدىغانلىقىنى كۆزەتتى. بۇنىڭغا ئاساسەن ئاجىزلاشتۇرۇلغان كۆيدۈرگە ۋە توخۇ ۋاباسى مىكروبىنى قوي بىلەن توخۇغا ئىممۇنىتېت ئوكۇلى قىلىپ ئۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. بۇ ئۇسۇل ئالىملارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، كىشىلەر مۇشۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق نۇرغۇن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالدى. 

1882-يىلى، پاستېر فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكىلىقىغا سايلاندى. شۇ يىلى غالجىرلىق كېسىلىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ، كېسەل قوزغاتقۇچى ۋېرۇسنىڭ كېسەلگە گرىپتار بولغان ئىتنىڭ شۆلگىيى ۋە نېرۋا سىستېمىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى ھەمدە زەھىرى ئازايتىلغان تىرىك ۋاكسىنىنى ئىشلەپ چىقىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئادەملەرنىڭ بۇ خىل كېسەلگە بولغان ئىممۇنىتېت كۈچىگە ئېرىشىشىگە ياردەم بەردى. پاستېرنىڭ ئىممۇنىتېتلاشتۇرۇش ئۇسۇلىغا ئاساسەن، تىببىي پەن ئالىملىرى بىر نەچچە خىل خەتەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئەسۋىلىك كېزىك، بالىلار پارالىچى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ تەھدىتىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#