زەمىن يېزىسى

زەمىن يېزىسى

زەمىن يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسى قارمىقىدا بۇلۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. 

ئۇيغۇرچە نامى زەمىن يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 221.07 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 站敏乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسى
نوپۇسى 21305 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

زەمىن يېزىسىزەمىن يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسى قارمىقىدا بۇلۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 5.8 كىلومېتىر، يەر شەكلى غەربىي تەرىپى ئىگىز، شەرقىي تەرىپى پەس ئومۇمىي كۆلىمى 221.07 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. پۈتۈن يېزىدا 19 مەمۇرىي كەنت، 94 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 4606 ئائىلە بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 21305 ئادەم؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەر 10985 نەپەر، ئايال 10320 نەپەر، 6083 نەپەر ئەمگەك كۈچى بولۇپ، ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 98 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 46 مىڭ مو، ئېچىلغان بوز يەر كۆلىمى 12 مىڭ مو. 2002-يىلى يېزا بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ساپ كىرىمى 1125 يۈەن.

زەمىن يېزىسى1953-يىلى توققۇزاق رايونى، زەمىن رايونى تەسىس قىلىنغان. 1958-يىلى خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلۇپ، 1984-يىلى يېزا قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. زەمىن يېزىسى گەز دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغاجايلاشقان. مول سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئاساسلىقى ئاشلىق، كېۋەز، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك ئاساس قىلىنغان كۆپ خىل تىجارەت شەكلى يېزا ئىگىلىك چوڭ يېزىسى. يېزىلىق پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى ھازىرقى شەرت شارائىتلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پاختا، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىقنى يۈكسەلدۈرۈش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، گەۋدىلىك، ئۆزگىچە باقمىچىلىق ۋە ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق كەسىپنى  بىرلەشتۈرۈپ كوللېكتىپ ئىگىلىك تىكلىشى يۇقىرى.

زەمىن يېزىسىزەمىن يېزىسى چارۋىچىلىقتا قارا، ئاق كالاۋە مەكىت قويى كىرگۈزۈپ ھەمدە سورتىنى ياخشىلاپ زور كۈچ بىلەن باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى ۋە كەسپىي ئائىلىلەر يار-يۆلەك بولۇش، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق «كەپتەر، توخۇ» ئۆزگىچە باقمىچىلىق جەھەتتىكى گەۋدىلىك بولغان.[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#