ئەۋلىيا يېزىسى
ئەۋلىيا يېزىسى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسىدىكى ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ غەربىگە، شىمالىي تاغ باغرى ئەتراپىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئەۋلىيا يېزىسى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسىدىكى ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ غەربىگە، شىمالىي تاغ باغرى ئەتراپىغا جايلاشقان. تەبىئىي مۇھىتى بىر قەدەر ناچار، قاتنىشى، ئىقتىسادى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ نامرات يېزا.
ئەۋلىيا يېزىسى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان يېزا. غۇلجا ناھىيەسى دائىرىسىدىكى ئوتتۇرا قىسمىنىڭ شىمالىي چېتىگىرەك جايلاشقان، شەرقتە مازار يېزىسى ۋە ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانى، جەنۇبتا ئۈچئون خۇيزۇ يېزىسى ۋە ئونيار يېزىسى، غەربتە چۇلۇقاي ۋە موللاتوختىيۈزى يېزىسى، ئەڭ شىمالىي بىلەن جىڭ ناھىيەسى چېگرالانغان، ئومۇمىي كۆلىمى 498.83 كۋادرات كىلومېتىر، يېزا ئورگىنى تۇرۇشلۇق جاي قۇلۇستاي ئاۋىز كەنتى. يېزىلىق ئورگاننىڭ غەربىي بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارلىقى 17 كىلومېتىر.
ئەۋلىيا يېزىسى1987-يىلى 1-ئايدا، ئايرىم-ئايرىم ھالدا چۇلۇقاي يېزىسىدىن، قىزىلبۇلاق كەنتى، ئەۋلىيا كەنتى ۋە قۇلۇستاي كەنتى ئايرىپ چىقىرىلغان، ئونيار يېزىسىدىن قازاق بۇلكەي كەنتىنى ئايرىپ چىقىرىلغان.
1998-دۆلەت ئىلكىدىكى چارۋىچىلىق مەيدانلىرى تۈزۈلمە ئۆزگەرتىش قىلغاندا، توقاي چارۋىچىلىق فېرمىسى ئەۋلىيا يېزىسىغا تەۋە بولغان، شۇنىڭ بىلەن 5-مەمۇرىي يېزا بولغان.
ئەۋلىيا يېزىسىنىڭ يەر شەكلى كۆگىرچىن تاغ ئومۇرتقىسىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا جەنۇب ۋە شىمال تەرەپكە قىيسايغان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 800 مېتىردىن 3000 مېتىرغىچە، چۇلۇقاي، بۇلۇكەي، چئېرگ، قىزىلبۇلاق دەرياسى قاراشلىق رايوندىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، چېگرىسى ئىچىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئورمان بىر قەدەر كۆپ، ئوت-چۆپ تۈرىدىن ئاساسلىقى: ئەمەن، ياۋا سۇلۇ، لويلا، مامكاپ قاتارلىقلار بار.
جەنۇبىدىكى ئېدىرلىق رايوننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃4، ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 340 مىللىگىرام، قىروسىز مەزگىلى 163 كۈن، چارۋىچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان، تەبىئىي ئوتلاق، بىر قەدەر كەڭ تارقالغان. ئىقتىسادىي چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرگەن، بىر قىسىم ئاھالىلىرى سودا بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ئەۋلىيا يېزىسى تەۋەسىدە 2454 ئائىلىلىك بار، ئومۇمىي نوپۇسى 13032 ئادەم، ئەمگەك كۈچى 3239 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە غەيرىي يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 811 ئادەم، تېخى نوپۇسقا ئېلىنمىغان دائىملىق نوپۇس 79 ئادەم. قازاقلار 11168 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %84 نى ئىگەللىگەن، ئۇيغۇرلار 1365 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %10.5 ىنى ئىگەللىگەن، خەنزۇلار 490 ئادەم، خۇيزۇلار 117 ئادەم، دۇڭشياڭلار 48 ئادەم، جۇاڭزۇلار 14 ئادەم، مياۋزۇلار 12 ئادەم، ئۆزبېكلەر 8 ئادەم، ياۋزۇلار 6 ئادەم، موڭغۇللار 1 ئادەم.
ئەۋلىيا يېزىسىغا قاراشلىق 5 كەنت ئاھالە كومىتېتى، 22 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، 16 تەبىئىي كەنت بار. تەۋەلىكىدىكى 5 كەنت ئاھالە كومىتېتى: قۇلۇستاي كەنتى، قازاق بۇلىكەي كەنتى، ئەۋلىيا كەنتى، قىزىل بۇلاق كەنتى، توسۇن كەنتى قاتارلىقلار بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.