چاي خۇمارلىق

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدە چاي ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىز ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قايسىبىر رايونغا بارمايلى، چاي ئالاھىدە ئىچىملىك بولۇپ، ئۇلار ھەر قانداق تاماقنىڭ ئالدى-كەينىدە دەملەنگەن بىرەر پىيالە چاي ئىچىشكە ئادەتلەنگەن. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى چاي خۇمار
خەنزۇچە ئىسمى 茶癖

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چاي خۇمارلىقئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدە چاي ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىز ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قايسىبىر رايونغا بارمايلى، چاي ئالاھىدە ئىچىملىك بولۇپ، ئۇلار ھەر قانداق تاماقنىڭ ئالدى-كەينىدە دەملەنگەن بىرەر پىيالە چاي ئىچىشكە ئادەتلەنگەن. بولۇپمۇ ياشانغانلار چاينى بىر خىل شىپالىق دورا دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار دوست-يارەنلىرىنى ئۆيىگە چاقىرىپ، چاي ئىچكەچ ئۆزئارا مۇڭدىشىشنى بىر خىل ھوزۇرلىنىش ھېس قىلىدۇ. ئادەتتە كوچا-كويلاردا بىرەر يېقىن تونۇشلىرى يولۇقۇپ قالسا، سالام-سائەتلەشكەندىن كېيىن «ئۆيگە مەرھەمەت، بىر پىيالە چاي ئىچكەچ ئۆتسىلە» دەپ تەكەللۇپ قىلىش ئومۇملاشقان قائىدە-يوسۇنلارنىڭ بىرى. 

سىز قەشقەر، خوتەن شەھەرلىرىنى ئايلانسىڭىز، دوقمۇش-دوقمۇشتا مەخسۇس چايخانىلارنى ئۇچرىتىسىز. بۇ چايخانىلارنىڭ كەڭ ۋە ئازادە ئورنىتىلغان ئوچاق بېشىدا ھەمىشە دېگۈدەك يىگىرمە-ئوتتۇز چەينەك تىزىلغان بولۇپ، چايخانىدىن خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. چايخۇمار ئۇيغۇرلار ئۈچ-تۆت بۇرادەرلىرى بىلەن بىر تەرەپتىن چاي ئىچكەچ ئۆزئارا پاراڭلىشىدۇ، چاقچاقلىشىدۇ ياكى چايخانا سازەندىلىرىنىڭ يېقىملىق نەغمىسىدىن ھوزۇر ئالىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر چايخانىلىرىنىڭ كۆپچىلىكىدە دۇتار، راۋاب تەييارلانغان بولۇپ، ئۇنى بەزىدە شۇ چايخانىنىڭ ئىشتىن سىرتقى مۇزىكانتلىرى خېرىدارلارغا چېلىپ بېرىدۇ. بەزىدە چاي ئىچىشكە كىرگەن خېرىدارلار (چايخۇمار) ئارىسىدىكى مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى چالىدۇ. 

چاي خۇمارلىقمەيلى چايخانىنىڭ چېيى بولسۇن ياكى ئۆيدە دەملەپ ئىچىدىغان چاي بولسۇن، ئۇ ئادەتتىكى چاي بولماستىن، بەلكى ئۇ مىجەز تەڭشەش رولىنى ئوينايدىغان دورا چېيىدىن ئىبارەت. بۇ خىل «دورا چېيى» غا ئىشلىتىدىغان چاي ئاساسەن قارا چاي بولۇپ، بۇنىڭغا بەزى ئۆسۈملۈك دورىلىرى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى ئۇندەك سوقۇپ، قارا چاينى قايناق سۇدا دەملەپ، بىردەم ئۆتكەندىن كېيىن ئۈستىگە سوقۇلغان ئۆسۈملۈك دورىسىنى سېلىپ چەينەك ئوتنىڭ تەپتىدە ۋىللىدە بىر ئۆرلىگەندىن كېيىن، پىيالىگە ئاز-ئازدىن قۇيۇپ ئىچىلىدۇ. بۇ خىل دورا چاينىڭ كۆپىنچىسى بەدەننىڭ ئىسسىقلىق كالورىيىسى(مىقدارى) نى ئاشۇرىدىغان، ئىشتىھانى ئاچىدىغان، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان، نېرۋىنى سازلاشتۇرىدىغان دورىلاردىن ئىبارەت. مەسىلەن، قارىمۇچ، زەنجىۋىل، قوۋزاقدارچىن، لاچىندانە، قەلەمپۇر، پىلپىل، زىرە، چىلان، ئالىقات، چۈچۈكبۇيا، توشقانزەدىكى، زەپەر، پىللە. . . قاتارلىقلار، بۇ دورىلار پەسىلنىڭ ئىسسىق-سوغۇق، ھۆل-قۇرۇق بولۇشىغا قاراپ تەڭشەپ ئىشلىتىلىدۇ. بەزىلىرىنى ئايرىم(يەككە) ، بەزىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىدۇ. ھەربىر كىشىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، يېشىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، يېگەن تامىقىنىڭ ئوخشاشماسلىقى، مىزاج پەرقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن، ئىشلىتىلىدىغان چاي دورىلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، كاۋاپ، پولۇ، پېتىر مانتا تۈرىدىكى ئىسسىقلىق تاماقلار يېيىلسە، ھەزىم قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان تەبىئىتى سوغۇققا مايىل دورىلار ئارىلاشتۇرۇلغان چاي ئىچىلىدۇ. ئەگەر تەبىئىتى سوغۇققا مايىل سۇيۇقئاش قاتارلىق تاماقلار يېيىلسە، ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئاشۇرىدىغان دورىلار ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. مۇشۇ خىل ئەنئەنىۋى چاي ئىچىش ئادىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۆز-ئۆزىنى داۋالايدۇ. پەسىل ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىپ مىجەزنى تەڭشەيدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار بىرەر كۈن تاماق يېمىسە رازىكى، ئەمما ئالاھىدە دەملەنگەن مۇشۇ خىل چايدىن بىرەر پىيالە ئىچمىسە كۆڭلى ئۇنىمايدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#