ئامېرىكا سەھرا كۈيى

ئامېرىكا سەھرا كۈيى

سەھرا كۈيلىرى 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى دېھقانچىلىق رايونىدىن كېلىپ چىققان، ئامېرىكا غەربى رايونلىرىنىڭ قالپىقىنى كىيگەن، يالغۇز گىتار بىلەن ئورۇنلانغان ، تېكىستى ئىنتايىن ئاممىباپ بولغان بۇ ناخشىلار ئەڭ دەسلەپكى ئەنگلىيەنىڭ ئەنئەنىۋى خەلق كۈيلىرىنىڭ تەسىرىدە، گېرمانىيە ۋە ئىرلاندىيەنىڭ دىنى ناخشىلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ ئىسپانچە بەزى ئىلمىنتلارنى قوبۇل قىلىپ بارلىققا  كەلگەن .

ئۇيغۇرچە ئامېرىكا سەھرا كۈيى
ئىنگىلىزچە country music
بارلىققا كەلگەن جاي ئامرىكا
خەنزۇچە 美国乡村音乐
تۈرى مۇزىكا ئۇسلۇبى
دەۋرى 20-ئەسىرنىڭ20-يىللىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سەھرا كۈيلىرى 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى دېھقانچىلىق رايونىدىن كېلىپ چىققان، ئامېرىكا غەربى رايونلىرىنىڭ قالپىقىنى كىيگەن، يالغۇز گىتار بىلەن ئورۇنلانغان ، تېكىستى ئىنتايىن ئاممىباپ بولغان بۇ ناخشىلار ئەڭ دەسلەپكى ئەنگلىيەنىڭ ئەنئەنىۋى خەلق كۈيلىرىنىڭ تەسىرىدە، گېرمانىيە ۋە ئىرلاندىيەنىڭ دىنى ناخشىلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ ئىسپانچە بەزى ئىلمىنتلارنى قوبۇل قىلىپ بارلىققا  كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ. 

   ئەڭ دەسلەپكى سەھرا كۈيلىرى ،  تاغلىق رايوندىكى ئەنئەنىۋى كۈيلەر(Hillbilly Music) بولۇپ، ئۇنىڭ مىلودىيلىرى ئاددىي، رىتىمى تۈز ۋە ھېكايە خاراكتېرلىك بولىدۇ. ئۇ شەھەرنىڭ تەسىرلىك بولغان ئاممىباب كۈيلىرى بىلەن پەرقى شۇكى، ئۇنىڭدا سەھرانىڭ قويۇق بولغان يەرلىك پۇراقلىرى كۈچلۈك. تاغلىق رايون كۈيلىرىنىڭ تىكىسلىرىدە،  يۇرتىنى سېغىنىش، مۇھەببەت ۋە دىننى ئىدىقاد توغرىسىدىكى مەزمۇنلار تېما قىلىنىدۇ. ئېيتىلىش ئۇسلۇبىدا ئاساسلىق يالغۇز كىشلىك ناخشا ئورۇنلاشنى ئاساسى ئورۇنغا قويغان، گاھىدا قوشۇمچە ئاكورت ئالغۇچىلارمۇ قوشۇلۇپ ئېيتىپ قويىدۇ. تەڭكەش قىلىدىغان سازلار ئىسكىرىپكا، بانجو(banjo)، گىتار قاتارلىق(50-يىللاردىن بۇرۇنقى سەھرا كۈيلىرىدە دۇمباق ئىشلەتمىگەن) لاردىن تەركىب تاپقان. ئويۇن قويۇش ئورنى ئاساسەن ئائىلىلەر، چېركاۋ ۋە سەھرالاردىكى بازارلاردا بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ شەقى جەنۇبىدىن كەلگەن قارا تەنلىكلەر بەزىدە يەرلىك رايونلاردا ئايلىنىپ ئويۇن قويۇپ يۈرۈپ بۇ خىل مۇزىكا ئېقىمىنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا ئاساس سالغان. دەسلەپكى سەھرا كۈيلىرى چوڭ شەھەر مەدەنىيىتى بىلەن ئايرىلغان بولۇپ، بېكىنمە ھالەتنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى. 

   20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى بەزى بىر رادىئو ئىستانسىلىرى سەھرا كۈيلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، سەھرا كۈيلىرىنى رادىئودا بېرىشكە باشلايدۇ. مەسىلەن چىكاكونىڭ«خەلقئارالىق قوتان ئۇسۇلى»(National Barn Dance)(1924)ناملىق پىراگىرامىسى، ناشۋېللىنىڭ«بۈيۈك كونا ئوپېرا» (Grand old Opry)(1925)ناملىق پىراگىرامىسى ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. بۇخىل چارىلەر، سەھرا كۈيچىلەرنى رادىئو ئىستانسىغا بېرىشقا ئۈندەيدۇ، ھەمدە ئۈن ئىلىش شىركەتلىرىنىڭ ھەرقايسى رايونلارغا بېرىپ، تالانت ئىگىلىرىنى ئىزدىشىگە ۋە ئۈن ئېلىشىغا ئىلھاملاندۇرىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ، سەھرا كۈيلىرى ئامېرىكا ئاممىباب كۈيلىرىنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەڭ دەسلەپكى سەھرا كۈيچىلىرىمۇ كېلىپ چىقىشقا باشلايدۇ، مەسىلەن جىمى روجېس (Jimmie Rodgers,1897~1933)نىڭ كارتىر ئائىلىسى(The Carter family)ناملىق ئەترىتى.

  جىمى روجېس بلۇز كۈيى

ئاقتەنلىكلەر تاغلىق رايون خەلق كۈيى(Yodels)ۋە خەلق كۈيلىرىنى(Folk) بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبتىكى سەھرا كۈيلىرىنى يارىتىدۇ.  ئۇ سەھرا كۈيلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىچىدۇر. كېيىن ئۇنىڭغا (سەھرا كۈي شاھى)دەپ نام بېرىلگەن. ئۇنىڭ كۈيلىرى ئىنتايىن ئەركىن ، تەبىئىي بولۇپ ، ئۆز ئالدىغا ئۇسلوپ ياراتقان. راس ۋە يالغان ئاۋازنى بىرىكتۈرۈپ، ناخشا ئېيتىشتا كۆك يودېل(blue yodel)ئۇسلۇبىنى ئىجاد قىلغان. گەرچە ئۇنى ئۆپكە كېسىلى ئازاب تارتقۇزغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ سەھرا كۈيلىرىگە بولغان قىزغىنلىقىنى توساپ قالالمىغان. 1929-يىلدىن1933-يىلغىچە روجېس جەمئىي 101ناخشىنى ئۈنگە ئالىدۇ، 1933-يىل 26-باھاردا ئەڭ ئاخىرقى ناخشىسىنى ئۈنگە ئىلىپ بولۇپ، ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولىدۇ. « كارتىر ئائىلىسى »(ئالۋېن كارتىر، (1891-1960)ۋە ئۇنىڭ ئايالى، ئىنىسىنىڭ ئايالى بولۇپ ئۈچ ئادەمدىن تەشكىل تاپقان)نىڭ تىنچ ئائىلە، خاتىرجەملىك، گۈللەنگەن يۇرت ، خۇدا ۋە ئېتىقادنى تېما قىلغان ناخشىلىرى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا سازاۋەر بولىدۇ.

غەربى سۋىڭ(Westen Swing)

20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى ئامېرىكىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئاستا بولغاچقا، پلاستىنكىلارنىڭ سېتىلىش ئەھۋالى دېگەندەك ياخشى بولمايدۇ، شۇڭلاشقا سەھرا كۈيلىرى رادىئو ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كېلىدۇ . شۇنداق مەزگىلدە ، ئەسلىدىكى ئەترىتىنىڭ ئورنىنى يالغۇز  ناخشىچىلار ئېلىشقا باشلايدۇ. روي ئاكوف (Roy Acuff) ۋە جېين ئاۇچۇري(Gene Autry)گە ئوخشاش ناخشىچىلار باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى مۇھىم شەخسلەرگە ئايلىنىدۇ. بۇ خىل مۇھىتتا تېكىساستىن كەلگەن بوب ۋىللىس(Bob Wills)نىڭ سەھرا كۈيلىرىگە غەربنىڭ قىشلاق كۈيلىرى بىلەن سۋىڭ(Westen Swing) قېتىلىشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن غەربى سۋىڭ ئۇسلۇبى بارلىققا كېلىدۇ. 1933-يىل بوب ۋىللىس تەرىپىدىن يارىتىلغان، تەركىبىگە ئۇسۇل رىتىمى ، ئىسكىرىپكا ، جاز ئۇسلۇبىدىكى ناخشا ۋە دۇمباق، گىتارغا ئاۋاز ئۆزگەرتكۈچ قېتىلغان يېڭى بىر خىل ئېقىم بازارغا يۈزلىنىشكە باشلايدۇ. 

 كۆك چۆپ كۈيى(Bluegrass Music)

   20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى كىنتاكىي شتاتىنىڭ تاغلىق رايۇنلىرىدا سەھرا كۈيلىرىنىڭ يەنە بىرخىل ئېقىمى بارلىققا كەلگەن. ئۇنى كۆك چۆپ كۈيى(Bluegrass Music) دەپ ئاتىشىدۇ. ئۇ سەھرا كۈيلىرىنىڭ ئاساسى قۇرۇلمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، بانجو كۈيى ، ئىسكروپكا كۈيى ۋە جەنوبنىڭ باللاد(ballad) كۈيلىرىدىن ئۆرنەك ئىلىپ ھازىرقى كۆك چۆپ كۈيىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

   كۆك چۆپ كۈيى تەرەقىيات جەريانىدا جاز كۈيىنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچۇرغان بولۇپ، دائىم دىگۈدەك كۈينىڭ ئارلىقلىرىدا كۆركەم ھەم نەقمەيدان ماھارەتلىرى كۆرسىتىلىدۇ. 70-يىللارغا كېلىپ ، بارلىق سەھرا كۈيچىلىرى ئېلىكتىرونلۇق سازلارنى ئىشلىتىشگە باشلىغاندا ، ئۇلار يەنىلا ئەنئەنىۋى سازلىرى بىلەن تەڭكەش قىلىدۇ. داڭلىق كۆك چۆپ كۈيىچىلىرىدىن:( Bill Monroe,1911~)نىڭ (Bluegrass Boys)ناملىق كۈي ئەترىتى، ئوسبورن بۇرادەرلىرى( Osborne Brothers)، جونسون تاغ ئوغلىلىرى( The Johnson Mountain Boys)ۋەناشۋىل كۆك چۆپ ئەنسامبىلى(The Nashville Bluegrass Band)ناملىق ئەترەتلەر بار.

ناشۋىل ئاھاڭى(Nashville Sound)

   20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى ناشۋىل سەھرا كۈيلىرىنىڭ ئامبىرى بولۇپ قالغان . نۇرغۇن داڭلىق سەھرا كۈيچىلىرى بۇ يەردىن كېلىپ چىققان. ناشۋىل ئاھاڭى(Nashville Sound) سەھرا كۈيچىلىرىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان.

   ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ، سەھرا كۈيلىرى خېلى ئوبدان تەرەققى قىلىپ تارقالغان بولسىمۇ، بىراق بىر رايۇنغىلا تەۋە كۈي ھىساپلىنىتاتتى. ئۇرۇش تۈپەيلىدىن كۆچمەنلەر كۆپىيىشكە باشلايدۇ، ھەمدە ئوخشىمىغان مەدىنىيەتلەر ئۆزئارا ئۇچۇرشىدۇ. بولۇپمۇ جەنوپنىڭ ياشلىرى شىمالغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەھرا كۈيلىرى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ، مەملىكەت خارەكتىرلىق ئاممىباپ كۈيلەرگە ئايلىنىدۇ. شۇندىن ئىتىبارەن سەھرا كۈيى رەسمى ھالدا بارلىققا كىلىدۇ، بەزىدە ئۇنى سەھرا كۈيى بىلەن غەرىب كۈيى(Country and western music)دەپ ئاتىشىدۇ. نۇرغۇنلىغان سەھرا كۈيچىلىرى،  سەھرا كۈيىنىڭ تەرەقىياتىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تەسىر ئەڭ چوڭ بولغىنى خانك ۋىلىئامىس (Hank williams)ئىدى.

   خانك ۋىلىئامىس(Hank williams,1923~1953)1923-يىل ئالاباما شتاتىدا تۇغۇلغان، ئۇ ئۇسلوپ جەھەتتە، شەرىق جەنوبىنىڭ ئاكورت ئۇسلوبىغا ياكى غەرىپنىڭ ئاممىباپ ئۇسلوبىغىمۇ تەۋە بولمىغان ، ئىنتايىن ئېغىر بىسىق، بىراق ناھايتتى مۇستەھكەم بولغان ناخشا ئېيتىش ئۇسلوبنى ياراتقان.

   ۋىلىئامىس 1946-يىلدىن باشلاپ ئالبوم چىقىرىشقا باشلايدۇ، ئۇنىڭ ئاممىباپ سەھرا كۈيىگە ھۇجۇم قىلغان ناخشىلىرىدىن:ئاشق بلۇزى( Lovesick Blues)، بۇگۈن كېچە كۆز يېشى بولمايدۇ( There will be no teardrops tonight)،   يالغانچى يۈرۈكىڭ( Your cheatin  heart)ۋە سەن يەنە غەلبە قىلدىڭ(You win again)قاتارلىقلاردۇر. ئارىسىدا ئەڭ داڭلىقى جامبالايا(Jambalaya)بولۇپ، 7ياشتىن تارتىپ، 70ياشقىچە بولغان كىشىلەرنىڭ ئاڭلايدىغان كىلاسسىك كۈيگە ئايلانغان.  ۋىلىئامىس ناخشىلىرىدا ئەنئەنىۋى ۋە  دىننى مەزمۇنلارنى ساقلاپ كەلگەن.

   1953-يىل ۋىلىئامىس زەھەرلىك چىكىملىكنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ، ماشىنسىدا ئۆلۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىر دەۋىردىكى سەھرا كۈيچىلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرىغان. ئۇنىڭ كۈيلىرى بەلكىم باشقا كۈيچىلەردىن كۆپ بولىشى مۇمكىن.

   20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى سەھرا كۈيلىرىنىڭ ئەڭ پارلاق ئون يىلى ھىساپلىنىدۇ. بۇ مەزگىللەردە جىئورج جونىس (George Jones)، جوني كەش( Johny Cash) ۋەپاتسىي كلايىن(Patsy Cline)قاتارلىق داڭلىق سەھرا كۈيچىلىرى بارلىققا كەلگەن. بىراق سەھرا كۈيلىرىنىڭ ئومۇملىشىغا ئەگىشىپ، ناشۋىلدىكى سەھرا كۈي مەركىزى چوڭ بىر قېتىملىق كىرىزىسقا ئۇچۇرايدۇ. مەسىلەن كالفورنىيەدىكى بەكسفىلد (Backsfield)بىلەن ئاۋستىن(Austin)قاتارلىق يەرلەردىمۇ داڭلىق سەھرا كۈيچىلىرى بارلىققا كېلىشى بىلەن، بۇ يەرلەرمۇ سەھرا كۈيىنڭ مەركىزىگە ئايلىنىدۇ. 70-يىللارغا كەلگەندە ، سەھرا كۈيلىرى ھەقىقەتەن كونىراپ قالغانلىقتىن كىشىلەرگە كونا مۇقامدەك تۇيۇلۇشقا باشلايدۇ، ھەمدە بىر مەيدان(ئاسىيلىق ھەركىتى)باشلىنىپ، ئەنئەنىۋى سەھرا كۈيلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئاتلىنىدۇ. ئەسلىدىكى كۈي كىرىشتۈرگۈچىنىڭ ناخشا تاللىشى ۋە ناخشىلارنىڭ ئورنىنى بەلگىلەپ چىقىشى نۇرغۇن كۈيچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ، ھەمدە ئۆزلىرى ناخشىلارنى تاللاپ، ئۆزلىرى كىرىشتۈرمەكچى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيىسى بويىچە ئىش كۆرۈش ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھوقوقىنى ساقلاش مەقسەت قىلىنغان ئىدى. ۋىلى نەلسىن(Willie Nelson)دەل بۇ بىر مەيدان(ئاسىيلىق قىلىش ھەركىتى)نىڭ رەھبىرى ئىدى. 

1968-يىلى ناشۋىلدىكى كۈي ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋىلى نالسىنغا ئوخشاش ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرىدىغانلارنى يەكلەشكە باشلايدۇ. شۇندىن كېيىن ۋىلى نالسىن ناشۋىلدىن ئايرىلىپ، تىكىساسدىكى ئاۋستىنغا كۆچۈپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋىلى نالسىن بىر يىلدا بىر قېتىم كىلىدىغان كۈي يېغىلىشىنى باشلايدۇ ۋە كۈيلىرىنى ياقتۇرىدىغان ياشلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ ئەتراپىغا يىغىدۇ. ئۇلارنىڭ ساپ، ئەنئەنىۋى ھەمدە ئۆزگىچە  خارەكتىرگە ئىگە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ، سەھرا كۈيلىرىنى تېخىمۇ مۈرەككەپلىككە قاراپ راۋاجلاندۇردى.

   ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ھەرخىل ئۇقۇملار بارلىققا كىلىشكە باشلايدۇ، بىراق بۇنىڭغا ئەگىشىپ، كىشىلەر ئارىسىدا:(سەھرا كۈيى زادى نىمە؟)دېگەنگە ئوخشاش تالاش-تارتىشلار پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. داڭلىق سەھرا كۈيچى كېنىي روجېس(Kenny Rogers)بۇ سۇئالغا مۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىدۇ:(سەھرا كۈي دىگىنىمىز سەھرالىقلار سىتىۋالغىلى بولىدىغان ھەرقانداق كۈيلەرنى كۆرسىتىدۇ)بۇ ئاددى بولغان جاۋاپ، بارلىق سەھرا كۈيچىلىرىنىڭ كۆڭۈل ساداسى ئىدى. قىسقا قىلىپ يەنە :(نېمىنىڭ سەھرا كۈي ئىكەنلىكى مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى قانداق قىلغاندا تاماشىبىنلارغا خاسلىققا ئىگە، يېڭى ئۇقۇم ۋە ئىنتايىن تونۇش بولغان سەھرا تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىشتە)دەيدۇ.

   سەھرا كۈيلىرى يەنە باشقا مۇزىكا ئۇسلۇبلىرى بىلەن بىرىكىپ بىر خىل ئەبجەش ۋە بازارلىق مۇزىكا شەكىللىرىنىمۇ بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ بىر قەدەر نەتىجە قازىنىشقا قاراپ ماڭغانلىقى تۆۋەندىكىدەك:

   سەھرا بلۇز كۈيى-سەھرا كۈيى بىلەن بلۇز كۈيىنىڭ بىرىكمىسى، ۋەكىللىرى رىچ چارلى (Charlie Rich)، روي روجېس( Roy Rogers)قاتارلىقلار.

   ئاممىباپ سەھرا كۈيلىرى-سەھرا كۈيى بىلەن ئاممىباپ كۈيلەرنىڭ بىرىكمىسى، ئاساسلىق ۋەكىللىرى كېننىي روجېس (Kenny Rogers)، رىيبا ماكىنتىر( Reba McIntire)قاتارلىقلار.

   سەھرا روك كۈيلىرى-سەھرا كۈيلىرى بىلەن روك كۈيلەرنىڭ بىرىكمىسى.[1][0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#