قاراشەھەر بازىرى

قاراشەھەر بازىرى چېڭگۈەن بازىرىغا تەۋە، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى بولغان قاراشەھەر ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىگە، قايدۇ دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمكى يىپەك يولىدىكى بىر مۇھىم شەھەر.

ئۇيغۇرچە نامى قاراشەھەر بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
يەر مەيدانى 8.1 كىۋادىرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 焉耆镇
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
رايون نۇمۇرى 0996

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاراشەھەر بازىرى چېڭگۈەن بازىرىغا تەۋە، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى بولغان قاراشەھەر ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىگە، قايدۇ دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمكى يىپەك يولىدىكى بىر مۇھىم شەھەر. شەرقتە ئۇخاۋچۈ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبتا يۇڭنىڭ بازىرى بىلەن قوشنا، غەربتە ئۈرۈمچى-كورلا تۆمۈريولى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا بېيداچۈ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرق-غەرب ئۇزۇنلۇقى 3 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 2.7 كىلومىتىر كىلىدۇ، كۆلىمى 8.1 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم ماددىي ئەشيا يىغىش-تارقىتىش بازىرى ۋە رايون خاراكتېرلىك سودا مەركىزى.

 قاراشەھەر بازىرى ناھىيىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، قاتناش مەركىزىگە ئايلانغان، كۆلىمى 8.1 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭغا قاراشلىق بولغان ئون ئاھالە كومىتېتى، بىر مەمۇرىي كەنت، ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورۇنلار، خەيرىيەت ئىشلىرى، 137 كارخانا، خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، مۇڭغۇل قاتارلىق ئون نەچچە مىللەت، 14 دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى قاتارلىقلار بار. دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 30475 ئادەم، ۋاقىتلىق تۇردىغان ئادەم 5530 بۇلۇپ، تور سودا نۇقتىلىرى كۆپ، نوپۇس زىچلىقى چوڭ، كۆچمە نوپۇس، شەھەر-يېزا تۇتاشقان جايلار كۆپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى. 2002-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى قاراشەھەر بازىرى ئامانلىق ساقلاش بىرلەشمە مۇداپىئە چوڭ ئەترىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ناھىيلىك پارتىكۇم، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكى ئاستىدا، ئامانلىق ساقلاشنىڭ مۇداپىئە-كونترول سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر-بازار قۇرلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ كۆلەملىك قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ۋە جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش، ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن تۈرلۈك ۋەقەلەرنى ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر خىل زىددىيەت، ماجىرالارنى پەسەيتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان. قوشۇن قۇرۇلۇشى ۋە ئاممىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش خىزمىتى جەتلەردە مۇئەييەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، جەمئىيەت دائىرىسىدە ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شەھەر-بازار، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىنى قوغداش، ياخشى ئامانلىق ساقلاش مۇھىتى يارىتىپ بەرگەن. 

كىلىماتى تىپىك قۇرۇقلۇق كىلىماتىغا كىرىدۇ، لېكىن يەنە ئويمانلىقنىڭ كىلىمات ئالاھىدىلىكىگىمۇ ئىگە بولۇپ، ياز پەسلىدە ئىسىق، قىش پەسلىدە سوغوق. ھۆل-يېغىن ناھايىتى ئاز، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى زور، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، ئىسسىقلىق مىقدارى بىر قەدەر مول. جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ مۇھىم ماددىي ئەشيا يىغىش-تارقىتىش بازىرىنىڭ بىرى. بۇ يەرنىڭ قاتنىشى قولايلىق، ئالاقە تەرەققىي قىلغان. تەۋەسىدە 314-، 218-دۆلەت يولى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى گىرەلىشىپ كەتكەن، جەنۇبتىن شىمالغا كېسىپ ئۆتىدۇ، كورلا ئايرودرومى بىلەن بولغان ئارىلىقى 60 كىلومېتىر كېلىدۇ، ھاۋا قاتنىشى ئىنتايىن قۇلايلىق. 

قارا شەھەر ئۆزىنىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى، ئۇزۇن تارىخى بىلەن دۇنياغا داڭلىق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئۆزگىچە جۇغراپىيىلىك ئورنى، تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي مەدەنىيىتى، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى ئەڭ چاقناپ، كۆزنى قاماشتۇردىغان بىر تال مەرۋايىت بۇلۇپ قالغان. كەڭ كەتكەن قاراشەھەر دەرياسى بىر قۇيۇق سۇ مەنزىرىسى نامايان قىلدۇ؛ ساياھەت ئورۇنلىرى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ كۆلى-باغراش كۆلى ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئارانلا 10 نەچچە  كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ساياھەت قىلىش ناھايىتى قولايلىق. نۇرغۇن گۈزەل رىۋايەت، ئەپسانىلەر تارقىلىپ يۈرگەن كۆل، قارا شەھەر دەرياسى ساياھەت رايونى، بولۇپمۇ جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ؛ مەنزىرىسى گۈزەل، ساياھەت ۋە دەم ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى جاي.

ئەزەلدىن تارتىپ بۇ يەردىن داڭلىق قارا شەھەر ئېتى كۆپ چىقىدۇ. ئاپتونۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدە «قاراشەھەر» ئەلا سۈپەتلىك ياۋا چۈچۈكبۇيا كەڭ تارقالغان، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا سېتىلىدۇ. قارا شەھەر غايەت زور سۇ كۈچى ۋە سۇ مەنبەسىگە ئىگە، قايدۇ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى قۇرۇلۇشى بولغان تاغ ئاغزى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى بار، قاراشەھەر ئويمانلىقىدا نېفىت زاپىسى خېلى كۆپ بۇلۇپ نېفىتنى قىدىرىپ تەكشۈرۈشتە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغان، دۆلەت تەرىپىدىن «گۆھەر دولقۇن نېفىتلىكى» دەپ رەسمىي نام بېرىلگەن، نېفىت سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ زور ئىستىقبالغا ئىگە بولغان. نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، خرۇستال، يۇنمۇ، مىس، ئاندالۇزىت، بېرىل، زۇمرەت تاش، سىيرەك يەر قاتارلىق نەچچە ئون خىل زاپىسى مول بولغان بايلىقلار بار، سۈپىتى ئېسىل. ياۋا دورىلىق ئۆسۈملۈكلەردىن چۈچۈكبۇيا، ئەڭلىكئوت، قانتېپەر قاتارلىق 100 نەچچە خىلى بار.[0] 




ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#