ياپىلاق لەڭمەن
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ياپىلاق لەڭمەن ئىككى خىل بولىدۇ.
1. ئەرجىزە: خېمىرنى پىلتە لەڭمەننىڭ خېمىرىدەك قىلىپ تەييارلاپ، تىنغان پىلتىنى ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ سوزۇپ ئاشتاختىنىڭ ئۈستىگە تىزىپ، ئۈستىدىن بېسىپ ياپىلاق قىلىپ، ئىككى تالدىن تۆت تالغىچە پىلتىنى ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ پىلتە لەڭمەن سوزغاندەك سوزۇپ قازانغا سالىمىز ياكى بىر تالدىن سوزۇپ ئىككى غېرىچ ئۇزۇنلۇقتا ئۈزۈپ-ئۈزۈپ سالسىمۇ بولىدۇ. بەش مىنۇت قاينىتىپ، سۈزۈپ ئېلىپ سوغۇق سۇدا چايقاپ شۇ پىتىچە ياكى ئىسسىتىپ تەخسىگە ياكى چىنىگە ئېلىپ، ئۈستىگە ئالاھىدە قورۇلغان قورۇمىنى سالساق بولىدۇ.
2. جۇئەرمەن: پىلتىنى پىلتە لەڭمەننىڭ پىلتىسىدەك ئاشتاختىغا قاتار تىزىپ، ئۈستىدىن بېسىپ ياپىلاق قىلىمىز. 10-5 پىلتە بىرلا سوزۇلىدۇ، سوزغاندا ئىنچىكە سوزسا، كەسمە لەڭمەندەك ياپىلاق، لېكىن تار سوزۇلىدۇ، بۇ جۇئەرمەن دېيىلىدۇ. بۇ لەڭمەنلەر ئۈچۈن يۇقىرىقى پىلتە لەڭمەن ياكى باغلام ئاشنىڭ قورۇملىرىدىن خالىغان بىرىنى تاللاپ قورۇسا بولىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.