تورغاي

تورغاينىڭ يەنە بىر نامى «سوپتورغاي» دەپ ئاتىلىدۇ. موڭغۇلچە نامدا قەدىمكى ئانتۇس قۇشى، چۆل تورغىيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تونۇشلۇق بولغان تاماشا كۆرۈپ قەپەزدە باقىدىغان قۇشلارنىڭ بىرى. جوڭگو ئىچكى مۇڭغۇلدىكى كەڭ رايونى ۋە خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىمالىي قىسمىلىرىدىن چىقىدۇ، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ كۆپىنچە ئۆلكىلىرىدە كۆپىيىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى تورغاي
ئىنگلىزچە نامى Hormed lark
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
ئائىلىسى تورغايلار ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 百灵
تارقالغان رايونلار ئاساسلىقى ئىچكى موڭغۇل، خېبېي ۋە چىڭخەي
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى قۇشقاچسىمانلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى تورغايلار ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تورغايتورغاي بالاغەتكە يەتكەندە بەدەن شەكلى كىچىكرەك بولىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 190 مىللىمېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 30 گرام. قوڭۇر رەڭلىك پىشانىسى بولسا ئەركەك تورغاينىڭ ئالاھىدىلىكى. ئۇنىڭ باش قىسمى ۋە ئارقا بوينى، پېشانىسى ئوخشاش رەڭلىك، قاش ۋە كۆز چانىقى ئەتراپىغا ئاق ھەم قوڭۇر رەڭلىك پەيلىرى تېخىمۇ چىرايلىق. ئۇنىڭ قېشى ئەڭ خاسلىققا ئىگە بۇلۇپ، گەجگىسى ئىزچىل ئۇزۇن بولدۇ. تورغاينىڭ دۈمبىسى ۋە بەل قىسمى قوڭۇر رەڭلىك، قانىتىنىڭ يان تەرىپىدە ئۇچۇرما قانات قارا قوڭۇر، قوڭۇر رەڭلىك قۇيرۇق گىرۋىكى سەل تاتىرىپ كەتكەن. مەيدىسىدە ئىككى سىممېترىك قارا چىپار سىزىقلار بار، تۆش ۋە كۆكسىنىڭ يۇقىرى قىسمىنى تۇتاشتۇرۇلغان. پېشانە قىسمى ۋە گال قىسمى ئۇزۇن ئاق پەيلەر بىلەن قاپلانغان، تۆش ۋە بەدەننىڭ تۆۋەنكى قىسمى قوڭۇر رەڭلىك.

تورغاينىڭ ئەركىكى بىلەن چىشىسىنىڭ تەن رەڭگى ئوخشاش دېگۈدەك بولىدۇ، لېكىن چىشى قۇش پىشانىسى ۋە بويۇن قىسمى قوڭۇر رەڭلىك پەيلىرى بار: ئەركەك قۇش (خوراز ۋە باشقىلار) نىڭكىدە ئاز، سۇس تېنىدىكى پەيلىرى قوڭۇر رەڭگە بىر قەدەر يېقىن، لېكىن ئەركەك تورغاينىڭ كۆكرىكىدە روشەن ئىككى قارا چىپار سىزىقلار يوق. ئېغىزى ئەتراپىدىكى رەڭگى سېرىق بولۇپ، پۇت بارماقلىرى گۆشى ھال رەڭ، تىرنىقىنى ئادەتتىكى قۇشلارنىڭكىگە ئوخشاش بولمىغان، بولۇپمۇ ئارقا پۇتلىرى، ئادەتتىكى قۇشلارنىڭ ئارقا پۇتلىرى چوڭ، بەلكى يەنە ئۇدۇل ھالدا ئارقا تەرەپكەسوزۇلۇپ تۇرغان ھالەتتە، تىرناق قىسىملىرىدىن رەڭگى قوڭۇر رەڭدە.

چىشى قۇشنىڭ پېيىنىڭ رەڭگى ئەركەك قۇشنڭكىگە يېقىنلىشىدۇ، لېكىن باش ۋە بويۇن قىسمى قوڭۇر رەڭلىرى بىر قەدەر ئاز، چىشىسىنىڭ رەڭگى سەل قوڭۇر ساغۇچ؛ ئۈستى تەرىپى سۇس بېغىر رەڭدە بولىدۇ؛ يۇقىرىقى كۆكرىكى ئوڭ-سول تەرىپى قارا رەڭلىك يوللۇق داغلىرى ئېنىق ئەمەس. ئاغزى ئەتراپى سېرىق بولۇپ، پۇت بارماقلىرىنىڭ گۆشى ھال رەڭ، تىرنىقى قوڭۇر بولىدۇ. ئارقا پۇتلىرى ئۇزۇن، ئادەتتە قۇشلارنىڭ ئارقا پۇتلىرى ھەمدە ئارقا تەرەپكە تۈز سوزۇلغان.

تورغايياۋا تورغاي كەڭرى يايلاقتا ياشايدۇ، ئېگىز ئۇچقاندا بۇلۇتنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرىكىتى بەك چاققان، سىرتىقى شەكلى كۆركەم، بىراق ئۇنىڭ «سېسىق غۇلدۇر» دەيدىغان يېقىمسىز ئىسمىمۇ بار. تورغاي يەر يۈزىدە ھەرىكەتلىنىشكە ماھىر بولۇپ، بىر خىل ئاسان بېقىپ كۆندۈرۈلگۈچى سايرىغۇچى قۇش، ياز پەسلىدە ℃30 تىن يۇقىرى بولغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق قۇرغاق ئىسسىق ھاۋا، يەنە مۇز تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋادا، قارلىق چاغلاردىمۇ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، قورسىقىنى تويغۇزىدۇ، دائىم قىسقا ۋاقىت  توپلىشىپ كۆچىدۇ. چۆللۈك، چۆل-باياۋان ئوتلاق، گاھ پەيدا بولۇپ قالدىغان قۇم دۆڭلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئىسسىقتىن ساقلىنىش ئارقىلىق تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ، ھەمدە پەيلىرى ۋە قاناتلىرى ئارقىلىق تېنىدىكى مەينەت نەرسىلەر تازىلىيالايدۇ.

ئوزۇقلىنىشى 

تورغايتورغاينىڭ ئوزۇقلىنىش خۇسۇسىيىتى بىر قەدەر ئارىلاش بولۇپ، ئەتىيازدا يۇمران بىخ، ياۋا ئوت-چۆپ ۋە ياۋا ئوت ئۇرۇقلىرى قاتارلىقلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. ياز ۋە كۈز پەسلىدىكى ئاساسلىق يېمەكلىكى قۇرت-قوڭغۇزلار؛ قىشلىقى چۆپ ئۇرۇقى، ھاشارات ۋە ھاشارات تۇخۇمىنى يەيدۇ. ئەتىيازنىڭ ئاخىرى ۋە ياز پەسلىدە چۈجە بېقىش مەزگىلىدە كۆپ مىقداردا قۇرت-قوڭغۇز تۇتۇپ يەپ ئوزۇق قىلىدۇ.

ئۇۋىسى 

تورغايرايون تەۋىسىدىكى چۆپلەرنىڭ ئارىسىدا يەر يۈزىنى ئازراق ئويمان قىلىپ ئۇۋا سالىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ياۋا ئوت-چۆپلۈكتىكى ھەسەل ھەرىلىرى بار رەڭگارەڭ گۈللۈك ئارىسىدا ئالدىراپ يۈرۈشىدۇ. بەزىدە يەنە يېڭى ئۇۋىلىرىنى تېرىلغۇ يەر،بۇغداي، زىغىر، شال ئېتىزلىرى قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈملۈك تۈپى ئوتتۇرىسىدىكى ئويمان جايلىرىغا ئۇۋا ياسايدۇ. ئۇۋىنى ئەركەك-چىشى قۇش بىللە قۇرۇپ قالغان خازان، ياۋا ئوت-چۆپ ۋە لاي قاتارلىقلارنى تىزىش ئارقىلق ياسايدۇ.

تورغايتورغاي 5-ئايدىن 7-ئايغىچە تۇخۇملايدۇ، تۇخۇمى يورۇق ئاق ھەم سەل سېرىق قۇم رەڭلىك، قاسراق يۈزى سىلىق ھەم قوڭۇر چېكىتلەر بار.

تۇخۇم بېسىشنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى 12 ~ 15 كۈن، ئۇچۇرما بولمىغان قۇش بالىسى تۇخۇمدىن چىقىپ 1 ~ 2 كۈن بولغاندا چىشى قۇش ئۇۋىسىدىن چىقىپ ئوزۇق ئىزدەيدۇ، ئادەتتە چىشى قۇش ئۇۋىسىغا قايتىپ باللىرىغا ئۇزۇقلۇق بەرگەندە، ئۇۋا يېنىدا ئەركەك قۇش مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالىسىنى 7 ~ 8 كۈندىن كېيىن ئانىسىغا ئەگىشىپ ئۇۋىسىدىن چىقىپ پائالىيەت قىلىدۇ، لېكىن يەنىلا ئەركەك، چىشى قۇش ئوزۇقلاندۇرىدۇ؛ 22-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە ئۆزى ئۇچۇپ، ئۇزۇقلۇق تۇتۇپ يەپ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان بولىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#