ئوتتاۋا

ئوتتاۋا

 1827-يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلۇشقا باشلىغان، 1854-يىلى رەسمىي شەھەر قىلىپ قۇرۇلغان، 1867-يىلى كانادانىڭ پايتەختى قىلىپ بېكىتىلگەن. 

نامى ئوتتاۋا
دۆلىتى كانادا
مەمۇرىي رايون تۈرى شەھەر
خەنزۇچە نامى 渥太华
چەت ئەلچە نامى Ottawa

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوتتاۋاكانادانىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. بۇ شەھەر لاۋرىنتىيە دەرياسىنىڭ تارمىقى بولغان ئوتتاۋا دەرياسىنىڭ جەنۇبىي بىلەن رىبداۋ دەرياسىنىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان.

ئوتتاۋاشەھەر ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ، 740 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984) ، بۇ جاي ئەسلى شۇ ئەتراپتىكى تېرە، يۇڭلارنى ساتىدىغان بازار بولغان. 1826-يىلى ئونتارىئو كۆلىنى تۇتاشتۇرىدىغان قانال پۈتكەندىن كېيىن مۇھىم ھەربىي قورغانغا ئايلانغان. 1827-يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلۇشقا باشلىغان، 1854-يىلى رەسمىي شەھەر قىلىپ قۇرۇلغان، 1867-يىلى كانادانىڭ پايتەختى قىلىپ بېكىتىلگەن. شەھەرنىڭ نامى شۇ جايدىكى ئوتتاۋا دەرياسىنىڭ نامىغا بېرىلگەن. ئوتتاۋا شەھىرىنىڭ سانائىتى خېلى تەرەققىي قىلغان. شەھەردە ياغاچ ماتېرىياللىرى سانائىتى، قەغەز سانائىتى، نەشرىياتچىلىق سانائىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا يېمەك-ئىچمەك، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، ماشىنىسازلىق، كىيىم-كېچەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ئوتتاۋا مۇھىم تۆمۈر يول، سۇ قاتناش تۈگۈنى. دۆلەتنى شەرقتىن غەربكە كېسىپ ئۆتكەن مۇھىم غول تۆمۈريول لىنىيىسى ئوتتاۋا شەھىرىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. ئوتتاۋا دەرياسى ئارقىلىق يولغا چىققان دەريا پاراخوتلىرى بەش كۆل رايونىدىكى پورتلار بىلەن بېرىش-كېلىش قىلالايدۇ. ئوتتاۋا شەھىرىدە ئاتاقلىق پارلامېنت بىناسى، ۋالىي مەھكىمە بىناسى، پەنلەر ئاكادېمىيىسى، مۇزېي قاتارلىق ئورۇنلار، شۇنداقلا ئاتاقلىق چېركاۋلار بار. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#