بۇزاق يېزىسى
بۇزاق يېزىسى خوتەن بوستانلىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، خوتەن شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 17 كىلومېتىر، خوتەن ئايرودۇرۇمى بىلەن بولغان ئارىلىقى 4 كىلومېتىر كېلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇزاق يېزىسى خوتەن بوستانلىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، خوتەن شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 17 كىلومېتىر، خوتەن ئايرودۇرۇمى بىلەن بولغان ئارىلىقى 4 كىلومېتىر كېلىدۇ، شىمالىي تەرىپى باغچى بازىرى بىلەن قوشنا، جەنۇبتا لاڭرۇ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقىي تەرىپى توساللا يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي تەرىپى لايقا يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، قاتناش قولايلىق. يېزا بويىچە ئومۇمىي يەر كۆلىمى 53 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 31 مىڭ مو، شەھەرگە قاراشلىق 22 كەنت، بىر دېھقانچىلىق مەيدانى، 3 مەمۇرىي كەنت، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات رايونى، 167 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. يېزا بويىچە جەمئىي دېھقان-چارۋىچىلاردىن 6367 ئائىلە بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 28 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەمگەك كۈچلىرى 13 مىڭ، يېزا بويىچە نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى %13.5، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰9.51 بولغان. دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسى ئاساسلىقى باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، قولدا توقۇلغان گىلەم قاتارلىقلار.
1. 2011-يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 127 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 ئاشقان. بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى 85:9:6 بولغان، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ ئىلمىي ئۇسۇلدا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ كېڭەيتكەن.
2. يەرلىك مالىيەنىڭ ئادەتتىكى خامچوت كىرىمى 2011-يىلى 130 مىڭ يۈەن قىممىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، %6 ئاشقان، 12-بەش يىللىق پىلاننىڭ ئاخىرىدا 200 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7 ئاشقان.
3. 2011-يىلى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 4484.2 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 304.63 يۈەن ئاشقان.
4. ئىجتىمائىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتتە، 2011-يىلى 280 ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشقان، كەسپىي جەھەتتىن 2100 ئادەم تەربىيلەنگەن، شەھەرـ بازارلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى %4 ئىچىدە كونترول قىلىنغان، ياشانغانلارنى بېقىش ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتا نىسبىتى %90 تىن ئاشقان، داۋالاش، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش، تۇغۇت قاتارلىق جەھەتلەردە سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش نىسبىتى %100 كە يەتكۈزۈلگەن.
5. نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش جەھەتتە، 214 ئائىلىدىن 830 ئادەمنى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان قىلغان.
تەۋەلىكىدە 23 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار بۇزاق كەنتى، جاي كەنتى، چىلەك كەنتى، تېتىر كەنتى، ئازۇك كەنتى، ئازنا بازار كەنتى، ھالۇ ئېرىق كەنتى، چاقا كەنتى، كەنئېرىق كەنتى، كوسا كەنتى، شور ئېرىق كەنتى، باسىي كەنتى، تېرىقئېرىق كەنتى، تۆۋەن قاش كەنتى، پاتەكلا كەنتى، توخۇلا كەنتى، قۇممەھەللىسى، قاش كەنتى، يايلىغان كەنتى، قۇمباغ كەنتى، قۇمقايغان كەنتى، تارشىلىق كەنتى، ئۇزۇنشور كەنتى قاتارلىقلار.
قەبرىستانلىق خوتەن شەھىرى نىڭ غەربىي جەنۇبىغا 18 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، يېزىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 800 مېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 400 مېتىر كېلىدۇ. 1983-يىلدىن بۇيان كۆپ قېتىم قېزىلغان بولۇپ، بىر تۈركۈم مۇكەممەل ساقلانغان رەڭلىك جەسەت ساندۇقى بار، جەسەت ساندۇقى ئىچىدە يىپەك كىيىم-كىچەكلەر بار بۇلۇپ، تارىخىي مەدەنيەتنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئىسپات بۇلالايدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.