تاش قەلئە خارابىسى
تاش قەلئە خارابىسى چاقىلىق ناھىيەسى نىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 3000 مېتىر كېلىدىغان تىك يارنىڭ جەنۇب تەرەپتىكى تاغ چوققىسىدا.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تاش قەلئە خارابىسىتاش قەلئە خارابىسى چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 3000 مېتىر كېلىدىغان تىك يارنىڭ جەنۇب تەرەپتىكى تاغ چوققىسىدا، پەقەت بىرلا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 500 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان چىغىر يول تاغ ئۇمۇرتقىسىنى بويلاپ قەلئەگە تۇتىشىدۇ. تاغ ئومۇرتقىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قىيانىڭ چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 100 مېتىر، ئىككى تەرىپىدىكى بۈركۈت تۇمشۇق شەكىللىك تاش قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرە، غەلىتە تاشلار گىرەلىشىپ كەتكەن، يەر تۈزۈلۈشى ئىنتايىن خەتەرلىك.
تاغ چوققىسىدا سۈنئىي تۈزلىنىپ، تۆت ئەتراپى تاش بىلەن قوپۇرۇلغان قورۇق تام بار، قورۇق تامنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 300 مېتىر، بىر قوۋۇق شەرقىي شىمالدىن كەلگەن چىغىر يول بىلەن تاغ ئارقىلىق تۇتىشىدۇ. قەلئەنىڭ غەربىي قىسمىدا يۇمىلاق تاش قورغان ساقلىنىپ قالغان، قالدۇق ئېگىزلىكى تەخمىنەن 3 مېتىر، قېلىنلىقى تەخمىنەن 2 مېتىر، ئىچىدە خىش-تاش قۇرۇلمىلىق ئۆي بار. قەلئە ئىچىگە نۇرغۇن تۆمۈر تاۋلاش داشقىلى، ئامبۇر قازان پارچىلىرى، شۇنداقلا كۈل رەڭ قوڭۇر رەڭلىك خىش، گۈللۈك خىش تارقالغان، مۇكەممەل بولغانلىرى 44 × 23 × 6.5 سانتىمېتىر. يەر كەسمە يۈزىدە قېلىنلىقى تەخمىنەن 2 مېتىر كېلىدىغان ياغاچ مەدەنىيەت قاتلىمى بار. پۈتكۈل قەلئە سىرتقى كۆرۈنۈشى «┻» شەكلىدە. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.